«ياۋروپا لوڭقىسى» نىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېتىلغان قوللىغۇچى شىركەتلىرى
2024.06.21
ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە «دۇنيا لوڭقىسى» دىن قالسىلا، ئىككىنچى چوڭ پۇتبول مۇسابىقىسى بولغان «ياۋروپا لوڭقىسى» نىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى نۆۋەتتە ساھىبخان دۆلەت گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، «ياۋروپا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى قاتارىدا خىتاينىڭ «Hisense»، خۇاۋېي (Huawei)، «Alibaba» ۋە بىۋايدى(BYD) قاتارلىق شىركەتلىرى بار بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئېلانلىرى كوماندىلار ئارا مۇسابىقە جەريانلىرىدا كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان.
«ياۋروپا لوڭقىسى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇتبول مەستانىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېلان تاختىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەمدە يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەتكە ئېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئورۇن ئېلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى.
ئەنگىلىيەدىكى «خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفېرد (Luke de Pulford) 18-ئىيۇن «X» تە يازغان ئىنكاسىدا، «ياۋروپا لوڭقىسى» نىڭ ھەرىكىتىنى «سەمىمىيەتسىزلىك ۋە ئاچكۆزلۈك» دەپ ئەيىبلىگەن.
مەلۇمكى، «ياۋروپا لوڭقىسى» رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى باشلىشى بىلەنلا رۇسىيەگە بايقۇت ئېلان قىلىپ، ئۇنى «ياۋروپا لوڭقىسى» مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن چەكلىگەن. ھەتتا بۇ يىل 1-ئايدا «ياۋروپا لوڭقىسى» قارار چىقىرىپ، 6-ئايدىكى مۇسابىقە جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى قاتارىدا رۇسىيە بايرىقىنىڭ لەپىلدەپ ئۇكرائىنالىقلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئۇكرائىنا دۆلەت كوماندىسى ئوينايدىغان مۇسابىقىلەردە رۇسىيە بايرىقى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
لۇك دې پۇلفېردنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە يەنىلا پۇل ئىكەن. ئۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«بەختكە قارشى، بۇ پۇلنى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بەك كۈچلۈك بولدى. ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش بەك تەسكە توختاۋاتىدۇ. يۇقىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئاچكۆزلۈك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بېسىپ چۈشۈۋاتىدۇ. مانا بۇ دەل مەسىلىنىڭ نېگىزى.»
«ياۋروپا لوڭقىسى» دىن ئىبارەت دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 600 مىليوندىن ئاشىدىغان بۇ مۇسابىقىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى قاتارىدا ئىسمى چىقىۋاتقان «Hisense» شىركىتى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چىڭداۋ خۇاتوڭ گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزور ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» (ASPI) بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان زور ھەجىملىك دوكلاتىدا، «Hisense» ۋە خىتاينىڭ كۆچمە ئالاقىلىشىش شىركىتى «خۇاۋېي» ۋە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان «بىۋايدى» شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسىغا چېتىشلىقلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ «ئەلىبابا» شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىرقچى خاراكتېرلىك چىراي تونۇش يۇمتالىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە بازارغا سالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ بىر مەھەل زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.
بىز «ياۋروپا لوڭقىسى» ئاخبارات ئىشخانىسىغا ئېلخەت ئەۋەتىپ، مۇسابىقىنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرى بولغان خۇاۋېي، خايسېسنس ۋە ئالىبابا قاتارلىقلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدۇق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلەرنى تاللاشقا دائىر ئۆلچەملىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق.
«ياۋروپا لوڭقىسى» ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىزگە قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا لوڭقىسى تەشكىللەنگەندىن بۇيان، بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز، بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقىدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت خىتابنامىسى لايىھەلىدۇق ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلدۇق. خىتابنامىدىكى بارلىق ھەرىكەتلەر خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچى پىرىنسىپىغا ۋە گېرمانىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى مەسئۇلىيەت تىرىشچانلىقى قارارىغا ماس كېلىدۇ».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ۋە بېرلىن ئىشخانىسى مۇدىرى غەيۇر قۇربان بولسا «ياۋروپا لوڭقىسى» غا ئوخشاش شىركەت خاراكتېرلىك ئورۇنلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىكىنى پۇرسەت، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، كىرىمنى ئاساسىي مەۋقە قىلغان بۇنداق كۇلۇب ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن يەنىلا ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېسىمى كۈچلۈك بولۇشى كېرەككەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ياۋروپا لوڭقىسى كومىتېتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيمىز. بىزچە، غەرب دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى مۈجمەل پوزىتسىيەسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە شۇنىڭدەك پۇل تېپىشنى ئاساس قىلغان مۇئەسسەسەلەرنىڭ كىشىلىك قىممەت قاراشلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا بىز بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدا يەنىلا ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر دەپ قارايمىز.»
لۇك دې پۇلفېرد، «ياۋروپا لوڭقىسى» غا ئوخشايدىغان پۇل مۇئەسسەسەلىرىگە بېسىم شەكىللەندۈرۈش لازىملىقىنى، بۇ ھەقتىكى جامائەت پىكرىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىراق بۇ ھەقتە مۇنازىرە قوزغىماي ياكى جامائەت پىكرى قوزغىماي تۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق بەلگىلىمىلىرى، مەسئۇلىيەت بەلگىلىمىلىرى قاتارلىقلار ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىنغاندا، ئاندىن كەڭ كۆلەملىك ئۆزگىرىشتىن ئۈمىد كۈتەلەيمىز.»
ئۇ يەنە سۆزىدە، بۇ خىلدىكى مۇئەسسەسەلەرگە بېسىم ئىشلىتىشتە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى، خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار نۇرغۇن» دەپ كۆرسەتتى.