«ياۋروپا ماگنىتىسكىي قانۇنى» لايىھەسى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ماروس سېفچوۋىچ(Maros Sefcovic) ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 19-ئۆكتەبىر، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ماروس سېفچوۋىچ(Maros Sefcovic) ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 19-ئۆكتەبىر، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
AFP

كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا ساياھەت چەكلىمىسى ۋە مال مۈلكىنى توڭلىتىش جازاسىنى يۈرگۈزۈش تەشەببۇس قىلىنغان.

19-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماروس سېفچوۋىچ تەرىپىدىن «ياۋروپا ماگنىتىسكىي قانۇنى» نىڭ دەسلەپكى لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئالقىشلىدى.

مەزكۇر لايىھەدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى شەخسلەرگە قارىتا ياۋروپاغا ساياھەت قىلىش چەكلىمىسى قويۇش ۋە ئۇلارنىڭ ياۋروپا مىقياسىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.

«ياۋروپا ماگنىتىسكىي قانۇنى» ماقۇللۇقتىن ئۆتسە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدىسى بۆلىشى مۇمكىن؟

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئېغىر بىر زەربە بولىدىغانلىقىنى، بۇ قانۇن يولغا قويۇلسا، نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باغلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ «ياۋروپا ماگنىتىسكىي قانۇنى» لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى. ئۇ سۆزىدە، بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكادىن ئۈلگە ئېلىپ «ياۋروپا ماگنىتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي مۇستەبىت ئەمەلدارلىرىغا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە جازا تەدبىرى قوللىنىشىنى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ۋە قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلىدىكى خىتاي سىياسىتىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ لايىھەنىڭ ئىجابىي بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بەزى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شەخسلەرگە قارىتا ئامېرىكا كەبى جازا تەدبىرلىرى قوللىنىش مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان تالاش تارتىش قىلىنغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بىر نەتىجە چىقمىغان. رۇسىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپ ناۋالني زەھەرلىك گاز بىلەن زەھەرلەنگەندە، تۈركىيەدىكى سىياسىي ئاكتىپلار، مۇخبىرلار قولغا ئېلىنغاندا، خىتايدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىدا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقاندا، خوڭكوڭدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر باستۇرۇلىۋاتقاندا، بېلارۇسىيەدە نامايىشچىلار تۇتقۇن قىلىنغاندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر بۆلۈك ئەزالىرى بۇ جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە قارىتا جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بولۇپمۇ دۇنيادىكى مۇستەبىت شەخسلەرگە يۈرگۈزىدىغان ئايرىم بىر «جازا قانۇنى» بولمىغانلىقى ئۈچۈن چارىسىز قالغان.

ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو قانۇنى ھېلىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، 1989-يىلىدىكى تيەن´ئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتايغا قارىتا يولغا قويغان «قورال-ياراق ۋە يۇقىرى تېخنىكا ئېمبارگوسى» ھازىرغا قەدەر كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت