«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» توغرىسىدا ئىنكاسلار

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.03.06
Uyghur-ayal-maska-Free-Uyghur-AP 2020-يىلى 1-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەنىڭ بېرلىنغا زىيارەتكە كەلگەندە، يۈزىگە نىقاب تاقىغان بىر ئايال نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 1-سېنتەبىر، بېرلىن
AP

5-مارت كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ۋاقىتلىق قانۇنى» نى ماقۇللاشتا بىرلىككە كەلگەنلىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۈگۈنكى مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تېخى ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىشتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسىنىڭ زور تېرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي، بۇ قانۇننى ماقۇللاش يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ۋاقىتلىق قانۇنى» تالاش-تارتىش قوزغاۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان. ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2021-يىلى ماقۇللانغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە ياۋروپا پارلامېنتىدىمۇ قانات يايغان. «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ دەسلەپكى لايىھىسى 2023-يىلى تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر قانۇن بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» ئوتتۇرىسىدا زىتلىق شەكىللەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ قانۇن ھازىرغا قەدەر قوبۇل قىلىنماي كەلگەن. مەسىلەن، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» دا بۇ قانۇننى «ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 500 دىن ئارتۇق بولغان شىركەتلەرگە تەتبىقلاش» بېكىتىلگەن. ئەمما گېرمانىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىدا بولسا «ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن ئارتۇق بولغان شىركەتلەرگە تەتبىقلاش» بېكىتىلگەن. بۇ سەۋەبتىن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن قارار قوبۇل قىلىش يىغىنىدا گېرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر قارار قوبۇل قىلىنمىغان.

نېمىلا بولمىسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى 5-مارت «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ماقۇللاشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. بۇ قانۇننىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىدىن كىرگۈزۈلمەيدىكەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تۈرتكە بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا-تىجارەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدىكەن.

5-مارت ئېلان قىلىنغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا مۇشۇنداق قارشى تۇرىدۇ» ناملىق خەۋەردە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنغان: «ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى 5-مارت كۈنى قانۇن ماقۇللاشتا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈردى. بۇ قانۇنغا بىنائەن، مەلۇم مەھسۇلاتلار ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگراسىدىن چېكىندۈرۈلۈشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ئارقىلىق خىتاينى نىشانغا ئالدى، غەرب دۆلەتلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۇيغۇرلارنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلماقتا دەپ قارايدۇ.»

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئورگانلار ئەگەر تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانسا، دەرھال تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار گۇمان قوزغىسا، ئەزا دۆلەتلەر بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىرتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار گۇمان قوزغىسا، بۇ ئىشقا بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا كومىسسىيونى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر گۇمان جەزىملەشتۈرۈلسە، مەھسۇلاتلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېگراسىدا مۇسادىرە قىلىنىدۇ ياكى ياۋروپا بازارلىرىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.»

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى كۆزدە تۇتقان ئىكەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، مەزكۇر قانۇندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» دېگەن سۆز ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇننىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش ئوبېيكتى ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى ئىكەن.

«ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا مۇشۇنداق قارشى تۇرىدۇ» ناملىق خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېرند لانگى (Bernd Lange) ئەپەندى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى بۇنداق بىر قانۇننى چىقىرىشنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى كېلىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇ قانۇننى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئادىل ۋە تەرەپسىز بىر قانۇن بولدى. بولۇپمۇ بىز ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋالدۇق.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.