ياۋروپا پارلامېنتى 10-ئۆكتەبىر كۈنى پارلامېنتتىكى 570 ئەزانىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى ۋە گۈلشەن ئابباسلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئەيىبلەيدىغان بىر قارارنامە ئېلان قىلغانىدى.
قارارنامىدە ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغان ۋە بۇ جىنايەتلەرنىڭ «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك قارارنامە ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 9-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي كېڭەشتە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنىڭ دەپسەندە قىلىنىش دېلولىرى توغرىسىدا يىغىن بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلھام توختى ۋە گۈلشەن ئابباسنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مۇنازىرىدە ھەرقايسى گۇرۇپپا ۋە رايونلارغا تەۋە پارلامېنت ئەزالىرى سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن. بۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە يۇقىرىدا دېيىلگەن قارارنامىنىڭ ئاپتورلىرىمۇ بار.
يىغىندا ئالدى بىلەن بۇ قارارنامە ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان مېرىيام لېكسىمەن خانىم (Miriam Lexmann) خانىم سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى تەشۋىق قىلغاننىڭ ئەكسىچە، 75 يىلدىن بېرى ئىنسانلارغا تېررورلۇق، بېسىم ۋە ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەن بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى، دېدى.
ئۇ سۆزىدە «بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئىنسانىيەتكە، ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارشى جىنايەت سادىر قىلىپ، تېررورلۇق ۋە زۇلۇم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى» ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «بىز داۋاملىق ئىلھام توختى ۋە گۈلشەن ئابباسنى، شۇنداقلا بۇ ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئاشۇ ساناقسىز كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز ھەمدە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى.
مېرىيام خانىم يەنە، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ زۇلۇمىنىڭ پەقەت ئۆز دۆلىتى ئىچىدىلا ئاياغلاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «شۇڭا ئىلھام توختى، گۈلشەن ئابباس ۋە سانسىزلىغان كىشىلەر ئۈچۈن سۆز قىلىش ئەخلاقىي جەھەتتە توغرا بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭمۇ ئاساسىدۇر. . . بىز ئىتتىپاقلىشىپ، دۇنيا مىقياسىدا ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئارقىدىن يىغىندا رافائېل گلۇكسىمەن (Raphaël GLUCKSMANN) ئەپەندى بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن ئىلھام توختى ۋە 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان گۈلشەن ئابباس خانىمغا ئوخشاش ساناقسىز ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:
«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرىكىتى خىتاي چېگراسىدىلا توختاپ قالغىنى يوق. بۇ جىنايەتلەرنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغانلار ھەتتا بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە تۇرۇپمۇ پاراكەندىچىلىككە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، خۇددى يېقىندا گۈلباھار جېلىلوۋا پارىژ كوچىلىرىدا ئۇچرىغاندەك. مەن بۇ يىغىن زالىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ئويغىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن. بىز ئۆز زېمىنىمىزدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنى چوقۇم جازالىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارغا بۇ زۇلۇمنى پىلانلىغۇچىلارغا چوقۇم جازا بېرىشىمىز كېرەك. ئىلھام توختى ۋە گۈلشەن ئابباسلار ئىنسانلىق ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ سىموۋلى، ياۋروپانىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان پەيت كەلدى».
يىغىندا يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىتالىيەدىن كەلگەن ئەزاسى لارا ماگونى (Lara MAGONI) خانىممۇ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىنى «مەن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنچە يىلدىن بېرى تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە بولغان قاتتىق نەپرىتىم ۋە ئۆكۈنۈشۈمنى ئىپادە قىلماقچىمەن» دەپ باشلىغان. ئۇ سۆزى داۋامىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ مىللەتنى تۈپتىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ ئەسكەرتكەن. لارا ماگونى خانىم سۆزىدە، ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارىتا سۈكۈت قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ «ئەمدى بۇ جىنايەتلەرگە پەرۋاسىزلىق قىلىدىغان ۋاقىتلار ئاياغلىشىشى كېرەك» دېگەن.
يىغىندا يەنە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيەدىن بولغان ئەزاسى ئېرىك ماركۋاردمۇ سۆز قىلىپ، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ دەپسەندىچىلىكنى ئۇزۇندىن بېرى بىلىپ تۇرۇقلۇق بىرەر ئىش قىلالماسلىقنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ، ئىلھام توختى ۋە گۈلشەن ئابباسلارنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ پەقەت ئىككىلا نەپىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز داۋاملىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇ رايوننى زىيارەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئۇ يەنە، خىتايغا قۇرۇق بېسىم قىلماي ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ئاقىۋەت پەيدا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۆز دۆلىتى بولغان گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ بۇ زۇلۇمغا قۇلاق يوپۇرۇۋالغانلىقىنىمۇ ئەيىبلىگەن.
پورتۇگالىيەلىك پارلامېنت ۋەكىلى سېباستىيان بۇگالو (Sebastian Bugalho) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تەكىتلەپ تۇرۇپ، ياۋروپانى دۈشمەننى شېرىك دەپ قارايدىغان خاتالىقىنى تەكرار سادىر قىلماسلىققا چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە «ياۋروپا كومىتېتى بەش يىل ئىلگىرى خىتاينى سىستېمىلىق رەقىب دەپ ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق مۇھىم سىگنال بەرگەنىدى. بىز بۇ پارلامېنت مەزگىلىدە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. دۈشمەننى شېرىك دەپ قارايدىغان بۇ خام خىيال ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تەڭ ئاياغلىشىشى كېرەك، بىز ئۇنى قايتا تەكرارلىساق بولمايدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن ۋە «بىز چوقۇم پاكىتنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، خىتاي پەقەت سىستېمىلىق رەقىب ئەمەس. ئۇ سودا رەقىبى، ئۇ بىر سىياسىي رەقىب ھەم ئەخلاق رەقىبى. ئىلھام توختى بىلەن گۈلشەن ئابباس بىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك بولغان ئىككى كىشى. مەن بۇ قارارنامىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق سىياسىي گۇرۇپپىلارنى تەبرىكلەيمەن.»
يىغىن داۋامىدا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ (Engin Eroglu)، فىرانسىسكو ئاسىش (Francisco ASSIS)، تەس رويتىن (Thijs REUTEN)، رىما خاسسان (Rima HASSAN)، كاتارىنا ۋىيېرا (Catarina VIEIRA) قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلغان. ئۇلارمۇ سۆزلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇلار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپاغا سوزۇلغان قولىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭغا قەتئىي يول قويۇلماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەشكەن.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 570 ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇرلارغا دائىر قارارنامىنى ماقۇللاپ چىقىشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ يولدا باسقان كەسكىن ھەم مۇھىم قەدەملىرىنىڭ بىرى دەپ باھالانغان ئىدى.