ياۋروپا پارلامېنتى 1-ئىيۇن يېڭىدىن تۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى 366 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2019-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارمۇ ئاشكارىلىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان ئىدى. 2021-يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى قانۇنلارنى ماقۇللاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بۇ ساھەدە تەدبىر قوللانغان دۆلەتلەر يوق دېيەرلىك بولغان ئىدى. پەقەت گېرمانىيە 2022-يىلىغا كەلگەندە يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى ماقۇللاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 3000 دىن يۇقىرى بولغان شىركەتلەرگە 2023-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن يۇقىرى بولغان شىركەتلەرگە 2024-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ بۇ قانۇننى تەدبىقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ياكى ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ جەھەتتە ئىجابىي قەدەم باسمىغان ئىدى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى ياۋروپا كومىسسىيونى تەرىپىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشى بىلەن، بۇ قانۇنغا بەلگىلىك تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. ئۇزۇن مەزگىللىك تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، بۇ قانۇن بۇ يىل، يەنى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. دەل شۇ كۈنى يەنە فىرانسىيە پارلامېنتىدىمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قارار لايىھەسى» ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.

ياۋروپا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى «قاتتىق قانۇن» دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 366 پارلامېنت ئەزاسى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. 225 پارلامېنت ئەزاسى قارشى ئاۋاز بەرگەن. 38 پارلامېنت ئەزاسى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. دېمەك، مەزكۇر قانۇن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ئانچە ئاسانغا توختىمىغان.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ ئاسان ماقۇللۇقتىن ئۆتمەسلىكىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى «قاتتىق قانۇن» بولۇپ تۈزۈلگەنلىكىدە ئىكەن. بۇ قانۇننىڭ روھىغا بىنائەن ئېيتقاندا، تۆۋەن چەكتە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 250 دىن يۇقىرى بولغان، يىللىق تىجارەت سوممىسى 40 مىليون ياۋروغا يەتكەن شىركەتلەر، يۇقىرى چەكتە بولسا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 500 دىن يۇقىرى بولغان، يىللىق تىجارەت سوممىسى 150 مىليون ياۋروغا يەتكەن بارلىق ياۋروپا شىركەتلىرى بۇ قانۇنغا بوي سۇنۇشى لازىمكەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنلىرى دائىرىسىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن. مەزكۇر قانۇننىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى گېرمانىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بۇ قانۇننى بەزى پارتىيەلەر ۋە سىياسەتچىلەر «دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوغداش، مۇھىتنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاسراش، بالىلار ۋە قۇللۇق ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش يولىدىكى تارىخىي ئابىدە» دەپ ماختاۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بەزى پارتىيەلەر ۋە سودا گۇرۇھلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنى «شىركەتلەرنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويىدىغان، رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلىتىدىغان، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى شىركەتلەرنى بېسىم ئاستىدا قويىدىغان، جازا دائىرىسى ئېنىق بولمىغان مۈجمەل قانۇن» دەپ ئەيىبلەشكەن.
نېمىلا بولمىسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى، پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپلەشكەندەك «زور بىر ئىجابىي قەدەم» بولغان. ئۇنداقتا، بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن قانچىلىك ئالاقىسى بار؟
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىشتىن ئىلگىرىكى ئۇزۇن بىر زاماندا، دۇنيا مىقياسىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئاساسەن ئۇنتۇلغان بىر مەسىلە ھالىغا كېلىپ قالغان. مەركىزى لوندوندىكى «ئەركىن يۈرۈش» (Walk Free) ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇل ئەمگىكىگە دائىر ئەڭ يېڭى دوكلاتى 2022-يىلى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا دۇنيا مىقياسىدا 50 مىليون ئىنساننىڭ زامانىۋىي قۇل ئەمگىكىگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدا 5 مىليون ئىنساننىڭ قۇل ئىشچى ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەردە، لاگېرلاردا، زاۋۇتلاردا قۇللۇققا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ۋە دۆلەتلەردە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنلىرىنىڭ قايتىدىن تۈزۈلۈشىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى سەۋەب بولغان.
بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچى غەيۇر قۇربان ئەپەندى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشتە، ئۇيغۇر قۇل ئىشچىلارنىڭ قان-تەرى سىڭگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە كۆپلىگەن غەرب شىركەتلىرىنىڭ ھىندىستان ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكىلىشىگە سەۋەب بولغان. ئۇ سۆزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، ئۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا زور زەربە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتلىرىنى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئەركىن يۈرۈش» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ 2022-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان «زامانىۋىي قۇللۇقنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلاتىغا قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا نۆۋەتتە 49 مىليون 600 مىڭ كىشى زامانىۋى قۇللۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 27 مىليون 600 مىڭ كىشى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا ئىكەن. دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي قۇل قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 3 مىليون 900 مىڭ كىشى ئىكەن. بىراق بۇ دوكلاتتا قۇل قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىگە ئورۇن بېرىلمىگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى پارلامېنتنىڭ قارارىدىن ئۆتۈشى بىلەنلا كۈچكە ئىگە بولمايدىكەن. ئۇ يەنە ياۋروپا كومىسسىيونى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەككەن. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر مۇددەت ۋاقىت كېتىدىكەن.