ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سۈرگۈندىكى نىدالار» ناملىق دوكلات ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2023.05.02

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سۈرگۈندىكى نىدالار» ناملىق دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە تەلەپلىرى بايان قىلىنغان.
2-ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، بىلارۇسىيە، نىكاراگۇئا مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سۈرگۈندىكى نىدالار» ناملىق بىر دوكلات ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر دوكلات مەركىزى شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدە بولغان «خىرىستىيان دېموكراتلار خەلقئارا مەركىزى» دەپ ئاتالغان پارتىيەنىڭ رەئىسى ئېلىزابېت لان باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇنىڭ تۇنجى تېمىسى بولغان.
«سۈرگۈندىكى نىدالار» ناملىق دوكلات ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىگە قارىتىپ ھازىرلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار» غا ئائىت بۆلۈمى 3 قىسىمدىن تۈزۈلگەن. 1-بۆلۈمىدە مەزكۇر دوكلاتنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن د ئۇ ق لوندۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە ماھمۇت خانىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە 1997-يىلى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» غا دائىر ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان. 2-بۆلۈمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەر ئورۇن ئالغان. 3-بۆلۈمىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا سىياسەتچىلىرىدىن كۈتىدىغان 10 تۈرلۈك تەكلىپ ھەم تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۈگۈن، يەنى 2-ماي بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەھىمە ماھمۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرگۈندىكى نىدالار» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇنىڭغا ئىككى سوئال قويۇلغان. بۇنىڭ بىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قانداق؟ يېڭى ئۆزگىرىش بارمۇ؟» دېگەن سوئال بولغان. رەھىمە خانىم بۇ سوئالغا شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرىنى ئاتاپ جاۋاب بەرگەن. ئىككىنچى سوئال: «ياۋروپانىڭ سىياسەتچىلىرى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك؟» دېگەن سوئال بولۇپ، پەقەت بىرلا مەسىلىنى تىلغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. رەھىمە خانىم بۇ سوئالغا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاينى سوتقا تارتىشنى ۋە بۇ قىرغىنچىلىق بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.
بۇگۈنكى بۇ دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ بىريۇسسېلدىكى ۋەكىلى شېلا خانىممۇ قاتناشقان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۈگۈنكى بۇ يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئائىت دوكلاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى نەق مەيداندا سىن كۆرۈنۈشىگە ئېلىندى. بۇلار پارلامېنت ئەزالىرىغا كۆرسىتىلىدۇ. رەھىمە خانىم ئۆزىگە قويۇلغان ئىككى سوئالغا لايىقىدا جاۋاب بېرىپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يەنە بىر قېتىم تارتتى. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ياۋروپانىڭ سىياسەتچىلىرىدىن ئاكتىپ تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.»
«سۈرگۈندىكى نىدالار» ناملىق دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا سىياسەتچىلىرىدىن كۈتكەن 10 تۈرلۈك تەكلىپ ۋە تەلەپلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇيغۇرلارغا ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان تاۋارلارنى بايقۇت قىلىش، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش، ياۋروپا مىقياسىدا پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارغا ئاپتوماتىك پاناھلىق بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.