23-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى چوڭ بازىرىدىن چەكلەشنى مەقسەت قىلغان يېڭى قانۇننى ماقۇللىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن سىستېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ بۇ قانۇننى پەرقلىق شەكىلدە ئىجرا قىلىدىكەن. ئۇلار يەنە بۇ قانۇننى ئارزۇ قىلغاندەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئىجابىي بىر قەدەم دەپ قارىماقتا. بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر خۇش خەۋەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى خەۋىرى (European Parliament News) گە ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى بېلەت تاشلاپ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشنى قارار قىلغان. بۇ قانۇن ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى ئېنىقلاش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شاجېۋسكى (Henryk Szadziewski) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى قوبۇل قىلغان بۇ قانۇن ھەققىدە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنى. ئېنىقكى ئۇنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت يولغا قويىدۇ. ئەلۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۇنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن سىستېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىدۇ. بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى ماھىيەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى ئېنىقلاش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى ياكى ھەرقايسى دۆلەت ئورگانلىرى مەھسۇلاتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بار دەپ گۇمانلانسا بۇ قانۇن ئاساسىدا ئۇ مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بار. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ قانۇننىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بارلىقى بايقالسا، ئۇلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا كىرىشىگە يول قويمايدۇ. يەنى ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك بولغان گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بار مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ چوڭ بازىرىغا كىرىشىگە يول قويمايدۇ» .
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ياۋروپا ئىتتىپاقى ماقۇللىغان بۇ قانۇن گەرچە قانائەتلىنەرلىك ۋە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر خۇش ۋە بىر ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىلىمىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئېنىقلىمىسى ۋە ئۆلچىمىگە ماسلىشىپ ئۇ ئاساستا ئىش قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېقىندا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئۆلچەم ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىغا كىرگۈزدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قانۇننى ماقۇللىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىجابىي بىر قەدەم. يەنى شۇنداق بىر ئېھتىماللىق بار دېيىشكە بولىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ماقۇللىغان بۇ قانۇن گەرچە بەزى نۇقتىدىن قانائەتلىنەرلىك ۋە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، بۇ بىر ئىجابىي قەدەم. بۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رولى بولۇش ئېھتىمالى بار. بۇنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش بولماسلىقى تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسىنىڭ بۇ قانۇن ۋە كۆرسەتمىلەرنى قانداق ئىزاھلاپ ۋە ئىشلىتىشىگە يەنى ئىجرا قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك» .
«خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» (ILO) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان مەخسۇس ئورگىنى بولۇپ يېقىندا بۇ ئورگان ئۆزىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن. قوللانمىنىڭ بۇ بۆلىكىدە يەنە مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش ۋە «قايتا تەربىيەلەش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇمۇ پەقەتلا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. دوكتور ئادرىيان زېنز «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئېنىقلىمىسى ۋە ئۆلچىمى ئاساسىدا ئىش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن» .
ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 555 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بۇ قانۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. گەرچە بۇ قارار خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىسىمۇ، ئەمما دوكتور ھېنرىك شاجېۋسكى بۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشتە مۇھىم رولى بولىدىغانلىقنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتتە بۇ قانۇننىڭ ئوخشاش شەكىلدە يولغا قويمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئېنىقكى بىر ئىجابىي بىر قەدەم. بۇ قانۇندا خىتاي ياكى ئۇيغۇر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما ئەلۋەتتە بۇ قانۇننىڭ كېلىپ چىقىشقا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. يەنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بولغان ئەندىشىلەر ئاساسىدا بۇ قانۇن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ قانۇن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېتەرلىكمۇ، بۇنى يېقىندا كۆرىمىز. بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئالالماسلىقى بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا باغلىق. بۇ قانۇن ئاساسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى بار. بۇ قانۇن ئامېرىكادا ماقۇللانغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنىدەك كەسكىن ئەمەس. ئامېرىكا نۇسخىسىدا شىركەتلەرنىڭ ئۆزى مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ياكى چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئىككى قانۇندا پەرقلىق نەرسىلەر تەكىتلەنگەن. بۇ قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش بولماسلىقى ھەقىقەتەن بۇ قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە بىز يېقىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتتە بۇ قانۇننىڭ ئوخشاش شەكىلدە يولغا قويۇلمىغانلىقىنى كۆرىمىز» .
دوكتور ئادرىيان زېنز گېرمانىيەنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ھازىرغىچە ئاكتىپ بولمىسىمۇ، بۇ قانۇننىڭ ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدى بارلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مىنىڭ بۇ قانۇننىڭ ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدىم بار. بۇنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى بۇنىڭ يولغا قويۇلۇشقا باغلىق. ئۇ يەنە سىياسىي ئىرادىگە باغلىق. مەن بۇ سىياسىي ئىرادىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بار دەپ ئويلايمەن. بۇ نۇقتىدا گېرمانىيە بەك ئاكتىپ ئەمەس. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز سودىنى تاللىدى، خىتاينى خاپا قىلىپ قۇيۇشتىن ئۆزىنى تارتتى. مېنىڭچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە بېيجىڭغا قارشى تۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە زەربە بېرىشتىكى سىياسىي ئىرادىنىڭ كەمچىل بولۇشىدۇر».