ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەر جان تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا تەلەپ خېتى سۇندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر بولۇپ 11 دۆلەتنىڭ پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭمۇ بۇنداق بىر قارار ماقۇللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارماقتا. مەركىزى گېرمانىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەر جان تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، كىشىلىك ھوقۇقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەمرا دىنچەر خانىم، تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت كومىتېتى ئەزاسى گىزەم ئۆزجان خانىم، سائادەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا قايا ئەپەندى ۋە ئىيى پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، 4 تەلەپنى يازما ھالدا تاپشۇرغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

ئوڭدىن سولغا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەرجان ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى سەمرا دىنچەر، 2023-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
ئوڭدىن سولغا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەرجان ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى سەمرا دىنچەر، 2023-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

بۇ ئۇچرىشىشلار ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەسقەر جان ئەپەندى ئۇچرىشىشلاردا سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىغا 4 تۈرلۈك تەلەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پارچە خەتنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تەلەپلەرنىڭ بىرىنچىسى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان بىر قارارنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈلۈشى. ئىككىنچىسى بولسا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ قارار ماقۇللىنىشى. ئۈچىنچى تەلىپىمىز بولسا تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈرك-ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى. 4-تەلىپىمىز ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە ھەر دائىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ، باشقا دۆلەتلەر، سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن ئۇچراشقاندا خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن ئىبارەت» .

ئەسقەر جان ئەپەندى مەزكۇر ئۇچرىشىشلاردا ئۇلارغا گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۇچراشقان بارلىق رەھبەرلەرگە گېرمانىيە باشتا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئالغان قارارلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتتۇق. مەسىلەن 11 دۆلەتنىڭ ئۆز پارلامېنتلىرىدا مۇزاكىرە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ قارار چىقارغانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتقانلىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانلىقىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر قارار ماقۇللىشىنى كۈتكەنلىكىمىزنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پارتىيەلەرنىڭمۇ قوللىشىنى تەلەپ قىلدۇق.»

سولدىن ئوڭغا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى گىزەم ئۆزجان، 2023-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
سولدىن ئوڭغا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى گىزەم ئۆزجان، 2023-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

ئەسقەر جان ئەپەندى ئۆزى ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەيلى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بولسۇن، مەيلى ئىيى پارتىيەسى ۋە سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بولسۇن ناھايىتى سەمىمىي قارشى ئېلىپ، قوللىرىدىن كېلىشىچە بۇ تەلەپلىرىمىزنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى ئۆزلىرىنىڭمۇ پارتىيە ئورگانلىرى بىلەن پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بەلكى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا قايتا ئۇچرىشىش ئىمكانلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن.»

ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرىدا ئەسقەر جان ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى يۈزلىنىشى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئىنكاسلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. كېيىن قايتا-قايتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان ياۋروپا بىرلىكى رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى يۇقىرىدىكى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ئۇچراشقان.

سولدىن ئوڭغا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن سائادەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا قايا، 2023-يىلى 23-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
سولدىن ئوڭغا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن سائادەت پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا قايا، 2023-يىلى 23-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

ئۇنداقتا ئەسقەر جان ئەپەندىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ پېشقەدەم دىپلومات، سىياسىي ئانالىزچى ئۈمىد ياردىم ئەپەندى تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق يازغان: «تۈركىيە پارلامېنتىدا ھۆكۈمەت بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى كۆپ ساننى ئىگىلىگەچكە، پارلامېنتتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ھەقتە قارار چىقىرالايدۇ. پارلامېنتتا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.»

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى1990-يىلى قۇرۇلغان، غەرب ئەللىرىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى تەشكىلاتنىڭ 33 يىللىق خاتىرىسى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئۆز ۋاقتىدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» نىڭ بىرلىشىپ، 2004-يىلى بۈگۈنكى د ئۇ ق نىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ھەم ساھىبخانىلىق قىلغان. بۇ تەشكىلات يەنە ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياۋروپا تۇپراقلىرىغا يەرلىشىشىگىمۇ ھەسسىلەر قوشقان.