كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاي ياۋروپانىڭ چىشىغا تېگىپ، ئۆزىگە ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكنى قىلدى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.03.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
rayinxart-butikofer-reinhard-butikofer.jpg «دۇنيا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن» ناملىق ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى باشلىغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنخارت بۈتىكوفېر(Reinhard Bütikofer) ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 14-يانۋار، فىرانسىيە.
c-span.org

22-مارت كۈنى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ 4 نەپەر ئەمەلدارى ۋە بىر بىڭتۈەن ئورگىنىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قوللانغان مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكىتى خىتاينىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قاينىتىپ، نەتىجىدە ئۇلارمۇ دەرھال ياۋروپادىكى 10 پارلامېنت ئەزاسى ۋە 4 تەتقىقات ئورگىنىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى.

ئۇلار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رېينخارد بۇتىكوفېر، مايكېل گاھلېر، رافائىل گلۇكسمان، ئىلخانكيۇچيۇك ۋە مىرىئام لېكسمان قاتارلىق 5 نەپەر ئەزاسى ۋە شۇنداقلا گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى جورىدۋەيمەر، بېلگىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئەزاسىسامۇئىلكوگولاتى، لىتۋاپارلامېنت ئەزاسى دوۋىل ساكالىئېن ھەم شۇنداقلا گېرمانىيە ئالىمى ئادرىئان زېنز ۋە شىۋېتسىيە ئالىمى بىجۆرنجاردېن قاتارلىقلارنى ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي يەنە، ياۋروپا كېڭىشى سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى، گېرمانىيە مېركات تەتقىقات مەركىزى، دانىيە دېموكراتىك ئىتتىپاق فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق 4 ئورۇنغا جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭۋە ئاۋمېنغا كىرىشىنى، ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلىگەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ياۋروپادا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى شۇ كۈنى خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خىتاينىڭ ھەرىكىتى بەدەلسىز قالمايدۇ، دېدى. فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىلىرىنى رەسمىي يوسۇندا چاقىرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئورگانلىرىغا سەۋەبسىز يەرگە قويغان بۇ جازاسىنىڭ قوبۇل قىلغۇسىزلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قايتۇرما زەربىسى ياۋروپادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى، دېدى.

ئەسلىدە 22-مارت كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمدا رولى بار، دەپ 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغاندا ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقپارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ بولماسلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغانىدى. ئامېرىكادىكى سىياسەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان چېن چۈەنگونى تىزىملىككە ئالماي، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدارلارغا جازا ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە ۋە خىتايغا يول ئەپ قويۇشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن دېدى.

بىراق ئويلىمىغان يەردىن خىتاينىڭ بۇنداق قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى ياۋروپا پارلامېنتى خىتايغا ئوچۇق قويغان بارلىق يوللارنى تاقىغان. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە «ئەمەلىيەتتە خىتاي بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن بولىدىغان سودا كېلىشىمىگە زىيان يەتكۈزدى. ياۋروپانىڭ خىتايدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىغا ۋە ئامېرىكانىڭ خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت چاقىرىقىغا بالدۇرراق ئاۋاز قوشۇشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى.

بۇندىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» ئۈستىدە كۆرۈشۈۋاتقان ئىدى. بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېىلىۋاتقانلىقىدەك جىنايىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە ياۋروپادىكى بىرقىىسم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بىراق خىتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى كومىتېتلارغا ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا جازا تەدبىرى قويۇشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى تىۋىتتىردىكى ئۇچۇرىدا خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، خىتاي ئۆز قولى بىلەن بۇ كېلىشىمگە ئەڭ چوڭ زىيان بەردى، دېيىشتى.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر ۋەقە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىدا زور ئۆزگىرىش ياسايدۇ، مەنچە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ قايتۇرما زەربە بېرىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە ياۋرۇپامۇ قارشى ئىنكاس قايتۇرىدۇ. خىتاينىڭ ھۇجۇمى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا جامائىتىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە سەلبىي تەسىر يەتكۈزدى، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تېخى تەستىقلانمىغان، ئۇ دەل 5 نەپەر ئەزاسى خىتاي تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك. خىتاي بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىگە ئىنتايىن چوڭ زىيان بەردى.»

دەرۋەقە، 22-مارت كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋىنكلىرگيۇلا 23-مارت كۈنى پىلانلانغان ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھەققىدىكى مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. ياۋروپا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قاتتىق كەسكىنلىشىۋاتقانلىقى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېر(ReinhardBütikofer) نىڭ تىۋىتتىردا يازغان تۆۋەندىكى جۈملىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى: «ئەگەرخىتاينىڭ مۇستەبىت رەھبەرلىرىھەقىقەتەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ كۆپ باش ئاغرىقى تېپىۋېلىشتىن ساقلىنىمەن دېسەڭلار، دەرھال بۇ خاتا يولۇڭلاردىن قايتىڭلار، دېيەلەيمىز دەپ ئويلاپ قالغان بولسا، ئۇ ھالدا خىتاي كۆڭۈلسىز ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغان يولغا كىرىپ قېلىپتۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەرئادەتتە توقۇنۇشلاردىن ئامال بار ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشنى خالايدۇ. بىراق توقۇنۇشقا كىرىپ قالدىمۇ، ئۇنى جاھىللىق بىلەن داۋام قىلىدۇ»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت