ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى يېڭى قانۇن لايىھەسى ھازىرلىماقتا
2021.04.06

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا گېزىتى» 4-ئاپرىل «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئادالەتسىز رىقابەتكە قارشى جەڭ ئېلان قىلدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى چارشەنبە كۈنى چاقىرىلغان G7، يەنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ۋە كانادادىن ئىبارەت تەرەققىي قىلغان 7 دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئادالەتسىز رىقابەتكە خاتىمە بېرىدىغان يېڭى بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي رىقابەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارگىرېتې ۋېستاگېر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى سانائەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىسسارى تىررىي بىرېتون ئالدىنقى يىلى 6-ئايدا ھازىرلىغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ 2-پەسلىدە پارلامېنتنىڭ قارارىغا سۇنۇلىدىكەن.
قانۇن لايىھەسىدە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنمىغان، خىتاي ئىزچىل سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەتسىز رىقابەتكە ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇنىڭ كونكىرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكى 3 نۇقتىدا ئىپادىلىنىدىكەن.
بىرىنچىسى، خىتايدىن تارالغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار زەئىپلەشكەن بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپلىگەن ياۋروپا كارخانىلىرى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. مەزكۇر قانۇن خىتاينىڭ بۇ قارا نىيىتىگە چەكلىمە قويىدىكەن. ياۋروپا كارخانىلىرىنى خىتايغا تاشلاپ بەرمەيدىكەن.
ئىككىنچىسى، خىتاي ھاكىمىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن بازار ۋە دېموكراتىك مۇھىتىدىن پايدىللىنىپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى خېرىدار چاقىرغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا، پاي قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن ۋە ئۇنى قوللىغان. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆپلىگەن قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ پايدا ھوقۇقىنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ھەمدە ياۋروپا شىركەتلىرى خىتايغا تايىنىپ قالىدىغان بىر ناچار ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. مۇبادا يېڭى قانۇن ئېلان قىلىنسا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى خېرىدار چاقىرغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشى چەكلىنىدىكەن، ھەتتا خىتاي شىركەتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق قۇرۇلۇش ساھەلىرىدە ھىچ قارشى ئېلىنمايدىكەن.
ئۈچىنچىسى، خىتاي ھاكىمىيىتى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ئەركىن رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلغان ۋە رىقابەتتە ئادالەتسىز بىر مۇھىت بەرپا قىلغان. بۇ ھال خىتاي شىركەتلىرىنى ئەۋزەلىككە ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، غەرب شىركەتلىرىگە زەربە ئېلىپ كەلگەن. غەربتىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق شىركەتلەر ئۇزۇندىن بۇيان بۇ جەھەتتە نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ مەسىلە ھەل بولمىغان. ئەگەر مەزكۇر قانۇن ماقۇللانسا، دۆلەت تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن خىتاي شىركەتلىرى ياۋروپا بازارلىرىدا سودا رىقابىتىگە قاتنىشالمايدىكەن. ياۋروپا بازارلىرىغا كىرمەكچى بولغان خىتاي شىركەتلىرى ئالدىن تەكشۈرۈلۈپ، ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا خىتاي دۆلىتىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئىسپاتلانغاندىلا، ئاندىن ئۇلارغا ئىجازەت بېرىلىدىكەن.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپادا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي شىركەتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىزگىنى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇلار ياۋروپا ئىقتىسادىغىلا ئەمەس، ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈنمۇ تەھدىت پەيدا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كۈچلەر ھېسابلىنىدىكەن.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 4-ئاپرىل ئېلان قىلغان «ئامېرىكاغا ئورتاق قارشى تۇرۇش» ناملىق ماقالىسىدا ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالىرىغا ئۈزلۈكسىز دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىش يولىنى تاللىغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قۇتۇپ، رۇسىيە ۋە خىتاي بىر قۇتۇپ بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. بىراق خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغان بىر مۇناسىۋەت ئىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى غەرب ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رۇسىيە ئۈچۈنمۇ زور تەھدىت ھېسابلىنىدىكەن.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يېڭى قانۇنىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا زور زەربە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتايغا قارشى مۇھىم بىر تارىخىي قەدەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.