ياۋروپا دۆلەتلىرى «خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى» دىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىلماقتا
2022.05.09
مەركىزى بېرلىندا بولغان مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرىنىڭ ئاخىرقى 10 يىلدا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سالغان ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ مىقدارى 200 مىليارد ياۋروغا قەدەر يەتكەن بولۇپ، 2022-يىلىدىن باشلاپ مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنىشكە باشلىغان. خىتاي 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەنگلىيەگە 79.6 مىليارد، گېرمانىيەگە 30.1 مىليارد، ئىتالىيەگە 16 مىليارد، فىرانسىيەگە 15.7 مىليارد، گوللاندىيەگە 13.5 مىليارد، فىنلاندىيەگە 13 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سالغان. خىتاينىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سالغان مەبلەغلىرىنىڭ مىقدارى 10 مىليارد ياۋرودىن تۆۋەن بولغان. بۇ مەبلەغلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەلىرىگە سېلىنغان.
بىراق، ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ غەربنىڭ قىممەت قارىشىغا تەھدىت سېلىشقا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر ھاكىمىيەتلىرىنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىغان 2019-يىلىدىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى جىددىي سىلكىنىپ «خىتاي مەبلىغىدىن ئاگاھ بولۇش، خىتاي مەبلىغىگە چەكلىمە قويۇش، خىتاي دۆلىتىنى ئارقا تىرەك قىلغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خالىغانچە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويماسلىق» تەك بىريۈرۈش بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، 2022-يىلىغا كەلگەندە خىتاينى ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىشتىن چېكىندۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى دەسمىي قىلىپ تۇرۇپ، خىتايغا مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نى توڭلىتىپ قويغان.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 4-ماي ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمدى ئاساسىي نىشان ئەمەس» دېگەن ۋە خىتاينى ماۋ زېدۇڭ زامانىدىكىدەك بېكىنمە دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ قەدەملىرىنى بېسىشقا باشلىغان. شاڭخەي ۋە بېيجىڭدىكى ۋىرۇسقا قارشى قاماللار، ئەمەلىيەتتە 50-يىللاردىكىدەك «ئىقتىسادنى دۆلەت باشقۇرۇش» دەۋرىگە چېكىنىشنىڭ ئالامەتلىرى ئىكەن.
ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى پارچىلاش، ئاجىز دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش ۋە قەرزگە بوغۇپ قويۇپ بويسۇندۇرۇش سىياسىتى داۋام قىلماقتىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇنى «خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى» دەپ ئاتايدىكەن. بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ھالى «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى ئەسلىتىدۇ» كەڭ.
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپادا خىتاي مەبلىغىنى چەكلەپلا قالماي، خىتاي ۋە رۇسىيەگە بولغان بېقىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتىكەن.
ب ب س 5-ماي ئېلان قىلغان «خىتايغا قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان ياۋروپا دۆلەتلىرى قەرزنىڭ بەدىلىنى قانداق ئۆتەيدۇ؟» ناملىق ماقالە، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە ئورناتماقچى بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى گىرېتسىيە، خورۋاتىيە، سېربىيە ۋە مونتېنېگرو قاتارلىق خىتاي مەبلەغ سالغان دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن پاجىئەلەردىن ئاگاھلاندۇرغان.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان گىرېتسىيە ۋە خورۋاتىيە بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سېربىيە ۋە مونتېنېگروغا ئوخشاش دۆلەتلەر بولسۇن، ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن كېلىشىملەر تۈزگەندە يۇقىرىقى دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەستە چىڭ تۇتۇشى، كېلىشىمنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق سالمىقىنى ياخشى ئۆلچىشى لازىم. شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى پۇتىن ئىدى، لېكىن پۇتىن ياۋروپانى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىخەتەرلىك كرىزىسىغا پاتۇرۇپ قويدى، بۇ رېئاللىق كەلگۈسىدىكى بارلىق قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا دائىر تەپەككۇر دېتاللىرىغا سايە تاشلايدۇ».
ماقالىدا، ئالدى بىلەن گىرېتسىيە پايتەختى ئافىناغا يېقىن بولغان پىرايۇس پورتىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ پورتلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، بىراق بۇ پورتقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «جۇڭيۇەن گۇرۇھى» شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى، 2008-يىلى يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبلىك گىرېتسىيەنىڭ بۇ پورتنى خىتايغا سېتىپ بەرگەنلىكى، پورتنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئاندىن بۇ پورتقا ھەركۈنى كىرىۋاتقان يۈزلەرچە پاراخوتلاردىكى ماللارنىڭ خىتايدا ياسىلىپ كېلىپ، ياۋروپاغا تارقىلىدىغانلىقى، مەزكۇر پورتنىڭ گىرېتسىيە دۆلىتىنى قەرزگە بوغۇپلا قالماي، يەرلىك خەلققە ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، يەرلىك ئاھالىنىڭ خىتايلاردىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە يۈز بەرگەن مۇھىت بۇلغىنىشى بايان قىلىنغان.
ماقالىدا يەنە خىتاينىڭ سېربىيەدىكى تەسىرى مىسالغا ئېلىنغان. بۇ ئابزاس «سېربىيەنىڭ تاغ ئۈستىگە جايلاشقان بور شەھىرىگە قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسىگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. ئىشچىلار خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدۇ، خىتاينىڭ قىزىل بايراقلىرى لەپىلدەپ تۇرىدۇ، ئىشخانىلار بۇتخانىغا ئوخشايدۇ» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان بولۇپ، بۇ يەردىكى مىس كانىدا 400 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقنىڭ خىتايلارغا قۇل ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىنىڭ «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى ئەسلىتىدىغان» لىقى بايان قىلىنغان. بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئېغىر دەرىجىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى، مىس رودىلىرىنى قالايمىقان قېزىش سەۋەبلىك داتلىشىپ كەتكەن تاغ ۋە سۇلار پاكىتلىرى بىلەن كۆرسىتىلگەن. يەرلىك ئاھالىنىڭ بۇ خىتاي مەبلىغىدىن ھېچ نەپكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ماقالىدا خىتاي مەبلىغىگە ھەم خىتاي ئىشچىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قۇرۇلغان خورۋاتىيەدىكى پېلجىسكى كۆۋرۈكى ۋە مونتېنېگرودىكى تېز سۈرئەتلىك تاشيولمۇ مىسالغا ئېلىنغان بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ قىممەتكە توختىغان بۇ كۆۋرۈك ۋە تاش يول سەۋەبلىك بۇ ئىككى دۆلەت خىتايغا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بوغۇلغان. قەرزنى قايتۇرالمىسا، خىتاي ئۇلاردىن باشقا ھەقلەرنى تەلەپ قىلىدىكەن. مەسىلەن دېڭىز پورتلىرىنى، تەبىئىي بايلىق كانلىرىنى ياكى بەلگىلىك كۆلەمدىكى زېمىننى سېتىپ بېرىش، دېگەندەك. خىتاي مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللاردا «قەرز تۇزىقى» قۇرۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ھېلىھەم ئۆزلىرىگە بېقىندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن.
ئەمما، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەرب دۆلەتلىرىدە بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ «قەرز تۇزىقى» نىڭ بازار تېپىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئەمەسكەن. چۈنكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرىسىنى بارغانسېرى ياخشى تونۇپ يەتمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 5-ماي بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان يىغىندا «خىتاي مەبلىغىدىن ئاگاھ بولۇش» نى تەكرار تەكىتلىگەن.