خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەر ساھەدە بۇزۇلماقتا

0:00 / 0:00

مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى خىتاينىڭ ياۋروپاغا سېلىۋاتقان مەبلىغىنىڭ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» نى توڭلىتىپ قويۇشى، غەربتىكى 7 دۆلەتنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىتىراپ قىلىشى، NATO (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ «ىتاي تەھدىتى» گە قارشى ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىش تەشەببۇسىدا بولۇشى، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتايغا قارشى قايتىدىن بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشى ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەم ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى يۈرگۈزىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى خىتايغا قارشى زور ھادىسىلەر خىتاي ئىقتىسادىغا كۈچلۈك زەربە ئېلىپ كەلگەن.

16-ئىيۇن مەركىزى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھرىدە بولغان مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى «خىتاينىڭ ياۋروپادىكى مەبلىغى: 2020-يىلىدىكى ئۆزگىرىش» ناملىق بىر تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ 2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتكە سالغان ئومۇمىي مەبلىغى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئىزدىنىش نەتىجىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «2020-يىلى خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگىلىيەگە سالغان بىۋاستە مەبلىغى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن بولدى. ‹كورونا ۋاباسى خىتاينىڭ سېتىۋىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ› دېگەن خىيال ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇلتۇر تاماملانغان خىتاينىڭ سېتىۋىلىش ۋە قوشۇۋىلىش تۈرىنىڭ مىقدارى 2019-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 45 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، 11 مىليارد 700 مىليوندىن 6 مىليارد 500 مىليون ياۋروغا چۈشۈپ قالدى. خىتاينىڭ ياۋروپادىكى مەبلىغى 2021-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە داۋاملىق تۆۋەنلىدى. ياۋروپا بولسا مەبلەغ سېلىش جەھەتتە يەنىلا جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە جاي. ئەمما كورونا ۋاباسى، خىتاينىڭ مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى چەكلەش سىياسىتى ۋە ياۋروپادىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچىيىشى خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ھەسسە قوشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە ناچارلىشىشى كەلگۈسىدە خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى تېخىمۇ پايدىسىز ۋەزىيەتكە دۇچار قىلىدۇ».

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى 2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتكە ۋە ئەنگىلىيەگە جەمئىي 180 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سالغان. بۇ مەبلەغنىڭ 77 پىرسەنتىنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرى سالغان. ئاران 11 پىرسەنتىنى خىتاي تىجارەتچىلەر سالغان. خىتايلار بۇ مەبلەغلەرنى ئاساسلىقى ياۋروپادىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى تېخنىكا ۋە دىگىتال تېخنولوگىيە ساھەلىرىگە سالغان. بىراق 2020-يىلىغا كەلگەندە خىتاي مەبلەغ جەھەتتە بىردىنلا ئارقىغا چېكىنىپ، ياۋروپاغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 50 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلىگەن. ياۋروپاغا سالغان مەبلەغى 50 پىرسەنت تۆۋەنلىدى دېگەنلىك، ياۋروپادىن ئېرىشىدىغان پايدىسى 50 پىرسەنت ئازايدى دېگەنلىك بولىدىكەن.

نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟

مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا بۇنىڭ بىرقانچە سەۋەبى ئانالىز قىلىنغان. بۇنىڭ بىرى، كورونا ۋاباسىنىڭ كەڭ تارقىلىشى. بۇ ۋابا سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ۋە قاتناش چەكلىمىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا توسالغۇ بولغان. ئىككىنچىسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى چەكلەش سىياسىتى. بۇ سىياسەت غەرب ئەللىرىگە مەبلەغ سالماقچى بولغان خىتاي بايلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان. ئەگەر بىرى غەربكە مەبلەغ سالماقچى بولسا، ئۇ چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، سىرتقا مەبلەغ سېلىش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشىشى لازىم ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىدىن باشلاپ بۇ توسالغۇنى كۈچەيتكەن. ئۈچىنچىسى، ياۋروپا دۆلەتلىرى 2020-يىلىدىن باشلاپ مەغلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى چىڭىتقان. بۇ پىرىنسىپقا كۆرە، خىتايلار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا، يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەسىگە، ئالەم قاتنىشى ساھەسىگە ۋە دىگىتاللاشتۇرۇش ساھەلىرىدىن ئىبارەت مۇھىم ساھەلەرگە بۇرۇنقىدەك خالىغانچە مەبلەغ سالالمايدىكەن. تۆتىنچىسى، خىتاينىڭ يامان نىيىتى ۋە ناچار ئوبرازى بولغان. خىتاينىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشتىكى شۇم نىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن خۈنۈكلەشكەن ئوبرازى ياۋروپالىقلاردا خىتايغا قارىتا كۈچلۈك شۈبھە پەيدا قىلغان. بەشىنچىسى، يەنى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل سىياسىي ئامىل بولغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى زور دەرىجىدە بۇزۇلغان ھەم جىددىيلەشكەن. بۇ خىتاينىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىشىغا زور توسالغۇ بولغان.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن بارغانسېرى كەسكىن تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر دوكلاتنى ھازىرلىغان مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرى بولۇپ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي دائىرىلىرىگە قارىتا جازا ئېلان قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ قايتۇرما جازا ئېلان قىلىپ، مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.

مەركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ياۋروپاغا ئۇزارغان قولىنى ئېنىق دەلىللىرى بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان بەزى دۆلەتلەرگە خىتاي خېلى زور دەرىجىدە مەبلەغ سالغان. مەسىلەن، خىتاي لېتۋاغا 100 مىليون، چېخىيە جۇمھۇرىيىتىگە 1 مىليارد 200 مىليون، بېلگىيەگە 2 مىليارد 600 مىليون، گوللاندىيەگە 10 مىليارد 300 مىليون، ئەنگىلىيەگە 51 مىليارد 900 مىليون ياۋرو مەبلەغ سالغان. ئەمما خىتاينىڭ سالغان بۇ مەبلەغلىرى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىغان.