ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقى دىققەتنى تارتماقتا

0:00 / 0:00

«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 24-ئۆكتەبىر رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «كېسەك دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى» دا دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن شوئار توۋلاپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى بارغانسېرى چوڭقۇر خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، بىز چوقۇم تىنچلىقنى مۇقىملاشتۇرغۇچى كۈچكە ئايلىنىپ، يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز، كېسەللىكنى يىلتىزىدىن داۋالايدىغان بۈيۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقىشىمىز لازىم».

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ۋە ئىجراچىسى» دەپ قارىلىۋاتقان شى جىنپىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلتۈرگەن ئاپەتلىرى ۋە ۋەھشىيلىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما دەل شۇ 24-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي كومىسسارى كايا كاللاس (Kaja Kallas) خىتاينى «سىستېمىلىق رەقىب» دەپ ئاتاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەتلەر بەرگەن.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 24-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى نىشان قىلغان سىياسەتلىرى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىدۇ» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئىلگىرى ئېستونىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولغان كايا كاللاس ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان پىلانىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغىچە خىتايغا قوللىنىپ كەلگەن «سودا شېرىكى»، «ئىقتىسادىي رىقابەتچى» دېگەن سۆزلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، پەقەتلا «سىستېمىلىق رەقىب» دېگەن ئىبارىنى قوللىنىپ، زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان.

كايا كاللاس مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئاساسلىق ۋەزىپەم، نۆۋەتتىكى يەرشارى يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بولۇشى كېرەك: ئۇ بولسىمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى جىددىي بىر خىرىس. خىتاينىڭ بازارلىقى يوق ئىقتىسادىي قىلمىشلىرى ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول ئاچتى».

دەرۋەقە، ئاخىرقى ئايلاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا 45 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، خىتايمۇ ياۋروپانىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىچىملىكلىرىگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك باج قويىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشى بىر مۇقەررەرلىككە ئايلىنىپ قالغان. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقلالى ئۈچۈن كەلگۈسىدە خەيرلىك بىر پۇرسەتلەرنى نېسىپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 24-ئۆكتەبىر بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مەسئۇلى رۇسىيە بىلەن خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، 11-ئايدا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدىغان كايا كاللاس 21 بەتلىك بۇ پىلانىدا رۇسىيەنىڭ جاھانگىرلىك ئارزۇسىغا ۋە خىتاينىڭ ئادالەتسىز رىقابىتىگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان.

كايا كاللاس يەنە مۇنداق دېگەن: «ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا پۈتۈنلەي شەخسىيلەشكەن ئىشىمدۇر، چۈنكى مېنىڭ ۋەتىنىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەرگە رۇسىيەنىڭ جاھانگىرلىك ئارزۇسىنىڭ يوقالمىغانلىقى بىلدۈرۈپ كەلدى. مېنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ئالدىنقى ۋەزىپەم، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گىئو-سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتۇر».

خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، كايا كاللاسنىڭ بۇ سۆزلىرى دەل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ھوشيارلىققا ئۈندەپ، تېخنىكىلارنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى تەكىتلەۋاتقان، بولۇپمۇ كۋانت تېخنىكىسى، مىكرو ئۆزەك ۋە سۈنئىي ئەقىلگە دائىر ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكىلارنىڭ خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يامانلاشقان تەقدىردە، بۈگۈن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا بېسىملىرى ھەسسىلەپ كۈچىيىدىكەن.

«پۇل مۇئامىلە بازىرى» گېزىتى 24-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاموژنا ماجىراسى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى دەرھال پىلانلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان. بۇمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا ھەسسە قاتىدىكەن.