ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر دىققەتنى تارتماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.09.18
Ursula-von-der-Leyen.jpg ئۇرسۇلا ۋون دەر لەيەن خانىم سايلامدا رەقىبلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قازانىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنى بولغان ياۋروپا كومىتېتىغا رەئىس بولۇپ سايلاندى. 2019-يىلى 17-ئىيۇل، فىرانسىيە.
AP

گېرمانىيە مەتبۇاتلىرى گېرمانىيەنىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە جىددىي ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

16-سېنتەبىر ياۋروپا كومىسسىيۇنىنىڭ رەىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لايىن خانىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانلىرى توغرىلىق نۇتۇق سۆزلىگەندە خىتاي مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ: «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەيلى خوڭكوڭلۇقلار ياكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بولمىسۇن، ئۇ قاچان، قەيەردە يۈز بەرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەرقاچان قارشى تۇرۇشى كېرەك،» دېگەن.

ئۇرسۇلا خانىم بۇ سۆزنى خىتاي رەىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئاخىرلىشىپ 2 كۈندىن كېيىن تىلغا ئالغان. «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ 16-سېنتەبىر كۈنى بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى پۈتۈن دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدۇ» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 2019-يىلىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا خىتايغا قارشى بەزى جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ۋە خوڭ كوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش بۇ مۇزاكىرە داىرىسىدىكى مۇھىم بىر تېما بولغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يىنىڭ 25-ئاۋغۇستتىن 1-سېنتەبىرگىچە ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى، 14-سېنتەبىر خىتاي رەىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئانجىلا مېركىل، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەىسى چارلېس مىچېل، ياۋروپا كومىسسىيۇنىنىڭ رەىسى ئۇرسۇلا خانىم قاتارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزگەن تور سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشى ۋە بۇ سۆھبەتتە خوڭكوڭ ھەم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىم بىر تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتىدە جىددىي بىر ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بۇ خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمنىيەلىك پروفېسسور، دوكتۇر ئالېكساندىر گۆرلاخ گېرمەنىيە دولقۇنلىرى رادىيوسىدا ئېلان قىلغان «جاھان ئاخىرى خىتايغا چەك-چىگراسىنى بىلدۈرۈپ قويدى» ناملىق ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى ياۋروپا زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرىلا «ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بىرلەشكەن». خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ئاۋاز قوشقان ئىتالىيەمۇ بۇ قېتىم ياۋروپا تەرەپتە چىڭ تۇرغان. خىتايغا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە مۇامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە خىتاي كۈتمىگەن يەردىن ئۇنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرىغا ئېغىر دىپلوماتىك ئىبارىلەرنى قوللانغان. خىتاي-ياۋروپا ئىككى تەرەپنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا خىتاينىڭ قۇلىقىغا خوش ياقمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان. فرانسىيەمۇ خۇاۋېي ۋە 5گ مەسىلىسىدە ئەڭىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇنى چەكلىگەن. خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ھىيلىسى ئاخىرقى ھېسابتا كارغا كەلمىگەن.

گۆرلاخ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىدا ياۋروپانىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى بىرلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى. بۇ بىرلىكنى ئەمدى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقارا نىزاملارغا قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلىرىغا قارشى ئىشلىتىش لازىم.» 

گۆرلاخ خىتايغا قارىتا ئانجىلا مېركىل ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە كەسكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانىيە سىياسىيونلىرى خىتايغا قارىتا يېڭى ئۇقۇملارنى ئىجاد قىلىشى لازىم. شىنجاڭدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىماقتا. ئىچكىي موڭغولىيەدىكى موڭغوللار بولسا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭ كوڭلۇقلارغا ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى بار ئىدى. خىتايلار بۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ باستۇرماقتا. ئەگەر شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن كەلسە ئىدى، مۇستەقىل، دېموكراتىك ئارال دۆلىتى بولغان تەيۋەننىمۇ بېسىۋالغان بولاتتى.»

غەربنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ئارقىلىق خىتايدا دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنى بەرپا قىلىش خىياللىرىنىڭ بەتبات بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق رەىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدىن كېيىن ياۋروپادا بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. د ئۇ ق نىڭ رەىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇاۋىن رەىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ياۋروپانىڭ ئۆزگىرىۋاتقان «خىتاي سىياسىتى» نىڭ ئىقتىسادىي ساھەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقماقتا. يېقىندا شىۋېتسىيەنىڭ داڭلىق كېيىم-كېچەك شىركىتى بولغان ھ&م ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن.

گېرمانىيەدىكى «زامان» گېزىتىنىڭ «كايسەر خىتاينى ئاگاھلاندۇردى» ناملىق خەۋرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا گۇرۇھى «زىمېنس» شىركىتىنىڭ ئىجراىيە دېرىكتورى كايسەر ئەپەندى ئالدىنقى كۈنلىرى مەتبۇاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەندىشە ئىچىدە جىددىي كۆزىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرۈپ: «بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى زۇلۇم، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قەتئىي رەت قىلىمىز. پىرىنسىپ جەھەتتىن، شىركىتىمىز ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىمىزنىڭ بۇنداق قىلمىشلار بىلەن شوغۇللىنىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.