ياۋروپا دۆلەتلىرى شىۋېتسىيەنى ئۈلگە ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە چاقىرىلدى
2019.03.26

شامىل ئابلىكىمنىڭ شىۋېتسىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقىنىغا توپ-توغرا 11 يىل بولدى. ئۇ، 2015-يىلدىن بۇيان ئىزچىل يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىلىش ئەندىشىسىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى 2015-يىلى ئاخىرقى قېتىم شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ، سىياسىي ئىلتىجاچىلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك تۇرمۇش پاراۋانلىق ياردىمىدىن مەھرۇم قالغان، شۇنىڭدەك شىۋېتسىيەدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى. لېكىن شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ يېقىندا چىقارغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارى ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىغا قارىتا يېڭى ئۈمىد پەيدا قىلدى. ئالدى بىلەن شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان. ئارقىدىنلا بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى شىۋېتسىيەدە پاناھلىق تىلىگەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا بىردەك سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتى بېرىشنى قارار قىلغان.
شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىشتا ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلىغان. كۆچمەنلەر ئىدارىسى يۇقىرىقى دوكلاتقا ئاساسەن بۇ يىل 25-يانۋار كۈنى ئىچكى قىسىمدا بىر «قانۇنىي ھۆججەت» چۈشۈرگەن. كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قانۇنى ئىشلار دىرېكتورى فرېدېرىك بېيجىرنىڭ نامىدا چۈشۈرۈلگەن بۇ «ھۆججەتتە»، ئۇيغۇرلارغا بىردەك سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتى بېرىپ، ئۇلارنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان.
بۇ قارارنىڭ شامىل ئابلىكىمدا ئۆزىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىغا قارىتا زور ئۈمىد پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇ 26-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ 20-مارت كۈنى ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ جاۋابىنى كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «20-چېسلا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، سوئاللارنى سورىدى، جاۋاب بەردىم. سۆھبەتتىن كېيىن چىقىپ كەتتىم، 2 سائەت ئۆتمەستىن ماڭا ئادۋوكات تېلېفون ئۇرۇپتۇ، مۇنداق دەپ، ئەگەر خالىساڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى ساڭا ساياھەت قەغىزىنى شۇنى بېرىشى مۇمكىن، دېدى. مەن قاچان؟ دېسەم، سەن ساقلاپ تۇر، كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى مەسئۇل خادىمغا تېلېفون قىلىپ سوراپ باقاي، دېدى. قايسى كۈنى بېرىدىغان بولسا، مەن ساڭا تېلېفون قىلىمەن، سەن بېرىپ ئەكېلىسەن، دېدى. مەن ماقۇل، دېدىم. لېكىن ھازىرغىچە تېلېفونى كەلمەيۋاتىدۇ».
كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشقا ئۇيغۇرلارنى چاقىرتىپ، ئۇلارغا دەرھال تۇرۇش سالاھىيەت كارتىسى بېرىشى شامىل ئابلىكىمنى ئۈمىدلەندۈرگەن. بۇرۇن سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ، يېقىندا ئىقامەتكە، يەنى تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئابدۇقادىر ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدۇر. شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 2018-يىلى 9-ئايدا ئابدۇقادىر، ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالاسىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ خىتايغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بۇ قارارى ئەينى چاغدا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. لېكىن ھازىر ئابدۇقادىرنىڭ ۋەزىيىتىدە تېز ئۆزگىرىش بولدى. يېقىندا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئىككى بالىسىغا شىۋېتسىيەدە تۇرۇش كارتىسى بېرىلگەن.
ئۇ، 26-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى ھەپتە ئاۋۋال تۇرۇش كارتىسىنى رەسمىي ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سىياسەت چىقىپ شۇنداق ياخشى بولدى بىزگە، خاتىرجەم بولدۇق. بىز كېلىپ نەچچە ئايغىچە خەۋەر كۈتتۇق. خەۋەر كۈتۈپ 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۆچمەنلەر دارىسىغا باردىم. شۇ ۋاقىتتا ئادۋوكاتلار ماتېرىياللارنى يىغىپ كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بەردى. بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئاندىن رۇخسەت قىلدۇق، دېگەن خەت كەلدى. مەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يۇقىرى قارارلار چىقتى. ئاندىن كېيىن ئىقامىتىمىزنى بەردى. . . . . . . . . . بىز جاۋابنى ساقلاپ كارتىمىزنى يېقىندا ئالدۇق. تېخى ئىككى ھەپتىدەك بولدى»
شىۋېتسىيەدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بىلەن چەكلىنىدىكەن. شىۋېتسىيەلىك ئادۋوكات مارىئا كۆلباۋم 26-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قارارنىڭ باشقا دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى ئۇلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئەگەر ئۆزبېكىستانلىق ياكى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بولسىڭىز پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسى ئۇلارنىڭ كونكرېت كەچۈرمىشىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن، سىز ئۆزبېكىستانلىق بولسىڭىز سىز ئۇيغۇر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك. شۇنىڭدىلا سىز مۇساپىر مۇئامىلىسىگە ئېرىشىسىز. بۇ جەھەتتە ئۇلار خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىنىدۇ. بىزدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئۇلارغا ب د ت نىزامنامىسى بويىچە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن دەلىل بار».
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شىۋېتسىيەنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە پاناھلىق بېرىشىنىڭ بىردىن بىر شەرتى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق تېررورلۇق ھەرىكەتكە قاتناشمىغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئەگەر سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز ياكى رايوندا ياشايدىغان تاتار قاتارلىق باشقا بىرقانچە يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان بولسىڭىز، شۇنىڭدەك ھېچقانداق تېررورلۇق ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلمىغان بولسىڭىز سىزنى مۇساپىر، دەپ قاراشنى قارار قىلدى. رايوندا ياشايدىغان بىرقانچە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئۇيغۇرلاردەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. لېكىن بۇ ھەممە ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ پەقەت خىتاي گىراژدانى بولۇپ، ئۆزىنىڭ زېمىنلىرىدا خىتاينىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرگە قارىتىلغان».
شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ يۇقىرىقى قارارى ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ شىۋېتسىيەنى ئۈلگە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى مەدلېم سەيدلېتس، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ شىۋېتسىيەگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ناھايىتى ئېغىر جازالاشقا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقاندا بىز ب د ت نىڭ 1951-يىلى ماقۇللانغان مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى ۋە باشقا خەلقئارا قانۇنلارنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەر، شۇنىڭدەك باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتى بېرىشى زۆرۈر».
شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ 25-يانۋار تارقاتقان 5 بەتلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججىتىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «شىنجاڭدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي ئاز سانلىق مىللەتلەر خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، قانۇنى رەسمىيەتسىز جازالىنىش، شۇنىڭدەك قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە» دېيىلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر «قايتا-تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.