ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» كونا ئەزالىرىنى ئۇزىتىپ، يېڭى ئەزالىرىنى كۈتۈۋالغان

0:00 / 0:00

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، يېڭى ئەزالارنى قارشى ئالغان ۋە كونا ئەزالىرىنى ئۇزاتقان.

26-ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ يېڭى ئەزالارنى قارشى ئېلىش، كونا ئەزالىرىنى ئۇزىتىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاينىڭ بىريۇسسېلدا تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچى خادىمى ريان باررى ھەمدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خادىمى لۇسىيە پاررۇچى قاتارلىقلار 25-ئىيۇندىن باشلاپ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىر كۈنى قۇرۇلغان. بۇ گۇرۇپپىغا ھازىرغىچە 19 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى رەسمىي ئەزا بولۇپ قاتناشقان ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت ئىچىدە كۈنتەرتىپكە كۆتۈرۈلۈشى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ ئەجىرلەر سەرپ قىلغان.

ھالبۇكى، بۇ يىل 26-ماي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەردە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا ئەزا بولغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى سايلامغا قاتناشمىغان ياكى سايلىنالمىغان. بۇ سەۋەبتىن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى تەرتىپكە سېلىش، كونا ئەزالارنى ئۇزىتىش بىلەن بىرگە يېڭىدىن ئەزا قوبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان.

26-ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سوگار ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا ئەزا بولۇپ ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە 28 دۆلەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەجىرلەر سەرپ قىلغان، ياۋروپا پارلامېنتىدا 3 مۇھىم قارارنىڭ، جۈملىدىن 2018-يىلى 10-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا 15 ماددىلىق قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ھەسسىلەر قاتقان كونا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەتلىرىنى بىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا يەنە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىن ئايرىلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىغا د ئۇ ق نامىدىن «تەشەككۈر لەۋھەسى» تەقدىم قىلغان، يېڭى ئەزالارنى كۈتۈۋالغان.

قۇرۇلتاينىڭ بىريۇسسېلدىكى خىزمەتچى خادىمى ريان باررى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان جازا لاگېرلىرى پاجىئەسىنى ياۋروپا پارلامېنتىغا تونۇتۇشتىكى رولىنىڭ ناھايىتى زورلىغىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى›، بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى جىددىي بىر تېما ھالىدا ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىشتا زور رول ئوينىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىيالوگلار ۋە سۆھبەتلەردە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. جازا لاگېرلىرىنى شەرتسىز تاقاش ھەققىدە پارلامېنتتا قارارلار قوبۇل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى. ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە ئۇنى دائىما كۈچلەندۈرۈش ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تەسىرىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدىنقى يىلى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا قارشى ‹خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى› نى قۇرۇپ چىقتى. چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تەسىرىدىن چۆچۈگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجىمىز بار.»

مەركىزى بىريۇسسېلدىكى UNPO نىڭ خىزمەتچى خادىمى لۇسىيە خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ بىر قىسىم كونا ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› غا ئەزا بولغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئۆز مىللىتىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلار خىتاينىڭ بېسىملىرىغا پىسەنت قىلمىغان، سوۋغا-سالاملىرىغا ئالدانمىغان، ساختا تەشۋىقاتلىرىدىن قايمۇقمىغان، ئادالەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا خاتىمە بېرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ھاياتى ئۈچۈن زور بەدەللەر تۆلىگەن ئىدى. ئەپسۇس، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ بىر ئىسىم پىداكار ئەزالىرىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بىزنىڭ ئەمدىكى ۋەزىپىمىز 700 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرى ئىچىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئۇلارغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى ئىزدەپ تېپىپ يېڭىدىن ئەزا قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى 29-ئىيۇن ئاخىرلىشىدىكەن. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ۋە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» غا ئائىت خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.