ياۋروپا ئىتتىپاقى «يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق جازا قانۇنى» نى ماقۇللاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي مۇناسىۋەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى رېينخارد بۇتىكوفېر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بويىچە جازالىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رېينخارد بۇتىكوفېر «ئاسىيا خەۋەرلىرى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «مەن شىنجاڭ پارتكومىنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بويىچە جازالاشقا ئەڭ باب كېلىدىغان كاندىدات، دەپ قارايمەن.»
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن چىقىرىش تارمىقى دۈشەنبە كۈنى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆز ئالدىغا «يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق جازالاش تۈزۈمى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ماقۇللىغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالاشنى باش نىشان قىلغان مەزكۇر يېڭى مېخانىزمى ئامېرىكانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن مەشغۇل بولغان دۆلەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
رېينخارد بۇتىكوفېر قانۇننى ئىجرا قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ كومىسسىيە ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
چېن چۈەنگو ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جازا لاگېرى تۈزۈمى، كەڭ كۆلەملىك تەقىبلەش، نوپۇس چەكلەش قاتارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ باش ئىجراچىسى. شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 9-ئىيۇل چېن چۈەنگو قاتارلىق 4نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالىغان ئىدى.
ئەگەر چېن چۈەنگو ياۋروپانىڭ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بويىچە جازالانسا، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەر قانداق بىرىگە ساياھەت قىلىشى چەكلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇ ئەللەردىكى بارلىق مۈلۈكى توڭلىتىلىدۇ.