ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

ب ب س نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە دۇنياۋى تەسىر قوزغىغان ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلىگەن مۇخبىرى جون سۇدۋورت خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ب ب س نىڭ داڭلىق مۇخبىرى جون سۇدۋورت خىتايدا ھەر خىل تەھدىت ۋە توسالغۇلارغا ئۇچراپ، خىتايدا خىزمىتىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە تەيۋەنگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت رەئىسى جوسېپ بوتتېللنىڭ باياناتچىسى جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى دۆلەت ۋە خەلقئارا قانۇنلاردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە بەلگىلەنگەن سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىدۇ.»

ب ب س مۇخبىرى جون سۇدۋورت ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرى ھەمدە لاگېرغا بەند قىلىنغان بىر قىسىم ئائىلىلەر ھەققىدە زور ھەجىملىك بىر تەكشۈرۈش خەۋىرى ئىشلىگەن ۋە خىتاي يول قويغان لاگېرلارغا بېرىپ خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن لاگېر ھەققىدە قاتتىق سوئاللارنى سورىغان.

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلى پاختا سانائىتى ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە زور ھەجىملىك بىر تەكشۈرۈش خەۋىرى ئىشلەپ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇ ساھەدە ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم تارتقان.

ئۇ ئېگىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە زاۋۇت قۇرۇپ، خىتاي بىلەن نورمال سودىسىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە ماشىنىسازلىق شىركىتى-ۋولكسۋاگېننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى ئۇيغۇرلار ۋە لاگېرلار ھەققىدە پىكىر قىلىشقا مەجبۇرلاپ زور ئىنكاس قوزغىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ب ب س يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئالاقىدار دەلىل ئىسپاتلىق پروگراممىلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلغان. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ب ب س غا قارىتا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاي 18 نەپەر چەتئەل مۇخبىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقارغان ئىكەن.