دادىسى ئامېرىكالىق دىپلومات، ئاپىسى خىتاي مىللىتىدىن بولغان يازغۇچى تېرېسا بۇزاكى خانىم (خىتايچە ئىسمى خەن شيۇ)، خىتاينىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى بىڭتۇەن 3-دىۋىزىيەسىدە ئۆتكەن ياشلىق ھاياتى ھەققىدە مەخسۇس كىتاپ يېزىپ، زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.
تېرېسا خانىم بۈگۈن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى زېمىننى بېسىۋېلىشلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ، ئېتنىك يوقىتىش سىياسىتىدۇر، دەپ ئاتىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ سىياسىتى ئىنتايىن ئېغىر بولغان تاجاۋۇزچىلىق خاتاركتېرىنى ئالغان. بۇ خىل سىياسەت مۇقەررەر ھالدا مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى، بايقىلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سىياسىتىدۇر. تارىختىن بۇيان ئۇ يەردە تىنچ ياشاپ كۋېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇلارنى ئۆزگەرتىشىگە ھېچ ئېھتىياجى يوقتۇر. ھالبۇكى، خىتاي ئۆزى تەكىتلەۋاتقان ئىلگىرىكى خىتاي سۇلالىرىنىڭ، يەنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتىلىۋالغان بۇ زېمىندا ھېچقانداق سۆز ھەققى يوق ئىدى. ئۇلار بۇ جايدىكى ھېچقانداق نەرسىگە ئىگىدارچىلىق قىلالمىغان ئىدى.»
تېرىسا خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىدى، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتى ئىكەن.
تېرىسا خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش ۋە دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كوممۇنىسىت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا بىڭتۇەننى بەرپا قىلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرگەن خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە 60-70-يىللاردا ئەۋجىگە چىققان «زىيالىي ياشلار» نامىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى كېيىنچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدا مەڭگۈلۈك يەرلىشىپ قالغان. ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۈگۈنكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلانغان.
تېرېسا خانىم ئەينى يىللىرى بىڭتۇەن رايونىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە خىتاي كۆچمەنلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرق قىلىدىغان قويۇق مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىڭتۇەنگە مەڭگۈلۈك يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە كېيىنكى يىللاردا ئۈزلۈكسىز يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېشىشى، رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى بارغانچە شالاڭلاشتۇرۇپ بارغان. بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقاد، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتلەردە خىتايلاشتۇرۇپ ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك رول ئوينىغان.
تېرىسا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزىۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرىي دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ خىتاينى خۇددى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدەك بىر ھالاكەتلىك ئاقىۋەتكە باشلاپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تېرېسا خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ياشىغان ۋە دەۋر سۈرگەن ئۇزاق تارىخىغا سېلىشتۇرغاندا، تولىمۇ قىسقادۇر. شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە رايوندا يۈرگۈزىۋاتقان زور كۆلەملىك خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ھامان ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. مەيلى شىنجاڭ بولسۇن، تىبەت بولسۇن، تەيۋەن ياكى ئىچكى موڭغۇل بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتايغا تەۋەئەمەس. ھەتتا ئەزەلدىنلا خىتايغا ۋە خىتاي خەلقىگە مەنسۇپ بولۇپ باقمىغان. بۇ ئەھۋال ھامان ئۆزگىرىدۇ. ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقى شۇنداق چوڭ بىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئىدى، ھازىر پەقەت روسىيەلا قالدى، قالغان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل بولۇپ كەتتى. ھازىر پۇتىننىڭ ئوكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى بېيجىڭدىن باشقا پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى ئەيىبلەۋاتىدۇ. بۇ ئۇرۇش چوقۇمكى رۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلىشىدۇ، ئۇكرائىنا غەلبە قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىنچ-خاتىرجەم ھاياتىغا قايتىدۇ.»