يەھۇدىي جامائىتى «خانۇككا بايرىمى» نى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تەبرىكلىدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-21
Share
يەھۇدىي جامائىتى «خانۇككا بايرىمى» نى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تەبرىكلىدى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك يەھۇدىيلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «خانۇككا بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 17-ئۆكتەبىر.
Social Media

«خانۇككا بايرىمى» (يورۇقلۇق بايرىمى) يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بىرىدۇر. بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن يەھۇدىي جامائىتى ئۇيغۇرلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ، يەھۇدىيلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارىخىي كەچمىشلىرى، ئۇيغۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەسى ۋە بۇنىڭغا بىرلىكتە خاتىمە بېرىش تېما قىلىنغان مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «خانۇككا بايرىمى» مىلادىيەدىن ئىلگىرى 164-يىلى يەھۇدىيلارنىڭ ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋالغانلىق غەلبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام بولۇپ، ئىبرانى كالېندارى بويىچە، ھەر يىلى نويابىرنىڭ كېيىنكى 15 كۈنىدىن دېكابىرنىڭ كېيىنكى 15 كۈنىگىچە خالىغان كۈندە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ بايرام دائىم يىل ئاخىرىدىكى مىلاد بايرىمى بىلەن بىللە كەلگەچكە، ئۆز نۆۋىتىدە يەھۇدىيلارنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت بايراملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بايرام ئۆتمۈشتىكى شانلىق تارىخىنى ئەسلەش، شۇنداقلا تارىختا ئۇچرىغان تراگېدىيەلىرىنى ئۇنتۇماسلىق بايرىمى ھېسابلىنىدىكەن، بۇ يەردىكى يورۇقلۇق ئۈمىد ۋە غەلىبىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئۇلار ئادەتتە قەندىل (چىراغ) يېقىش، شام ياندۇرۇش، بايرام ناخشىسى ئېيتىش، ياغلىق يېمەكلەرنى يېيىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدىكەن.

يېقىندا ئەنگىليەدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى «خانۇككا بايرىمى» نى بىرلىكتە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. توردا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە ئىككى جامائەتنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە شام ياقتى ۋە بايراملىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئالدى بىلەن يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى رېنى كاسسىن (Rene Cassin) نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مىيا خانىم 10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ بايرامنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى، ئاندىن بۇ بايرامنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى بايان قىلىپ، قەدىمقى گرېكلارنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىشغال قىلىپ يەھۇدىيلارنى قىرىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مىليونلىغان يەھۇدىيلارنى قىرغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن «قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دېيىلگەن بۇ بۇ قەبىھ جىنايەتنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئاخشام بۇ يەردە بۇ زۇلۇملارنى سۆزلەش بىلەنلا قالماي، ئۆزئارا دوستلۇقىمىزنى تەبرىكلەيمىز؛ مەدەنىيىتىمىز، دىنىمىز ۋە ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرىمىزدىن بىرلىكتە زوق ئالىمىز. كىملىكىمىزنى بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرىمىز. بۇ بايرام ئارقىلىق ئۈمىد ۋە يورۇقلۇقنى بىرلىكتە تەبرىكلەيمىز».

Hanuka-With-Uyghurs-London-20211217-02.jpg
يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك يەھۇدىيلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «خانۇككا بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 17-ئۆكتەبىر.

بۇ پائالىيەتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئىسا بۇ بايرامنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ئۈمىد ۋە بەخت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خانۇككا يورۇقلۇق بايرىمى، شۇنداقلا كىشىلەر بەخت، مۇھەببەت، ساغلاملىق تىلەيدىغان بايرام. ئۆتكەن تۆت يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈپ كەلدى، تارىختا يەھۇدىيلار ئۇچرىغان بۇ پاجىئە بۈگۈن قايتا تەكرارلاندى. يەھۇدىي جامائىتىنىڭ بىزنى قوللىشى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئوخشاش قىسمەتنى باشتىن كەچۈرگەن خەلقلەر بىر-بىرىنى چۈشىنىدۇ ۋە بىر يەرگە كېلەلەيدۇ. بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشىمىز كېرەك. ئۈمىد، ئىتتىپاقلىق ۋە ئادالەتنىڭ سمۋولى بولغان بۇ بايرام بىزگە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىمىزغا مەنىۋى ئۇل ھازىرلاپ بېرىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ پائالىيەتتە بايراملىق تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە، تارىختا يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقاتماقچى بولغان گرېك ئېمپېرىيىسىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە يەھۇدىيلارغا ئەركىنلىك بەخش ئەتكەن، يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدنىڭ سمۋولى بولغان بۇ بايرامنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇزۇن يىللىق تارىخىي كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆز دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۈگۈنكىدەك ئېغىر ۋەزىيەتتە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ بايرامنىڭ تارىخىي روھىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ياۋروپا بىرلىكىنىڭ رەئىسى بىنى گادمەن (Bini Guttmann) تارىختا زور كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇپ، ھەق ئادالەت ۋە ھۆرلۈكنى قوغداشقا ئۆتكەنلىكىنى، بۇ بايرامنىڭ زۇلمەتتە قالغانلارغا يورۇقلۇق، ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان، خىتاينىڭ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھام بېرىدىغان بايرام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك يەھۇدىيلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىرلىكتە 17-ئۆكتەبىر يەنە بىر قېتىم «خانۇككا بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيتى ئۆتكۈزدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي ياشلىرى بىلەن پائالىيەتچان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا بىر يەرگە جەم بولغان بۇ پائالىيەت ياشلارغا خاس قىزغىن، جۇشقۇن كەيپىيات، مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت ۋە پروگراممىلار بىلەن ئەھمىيەتلىك بىر شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى ۋە توردا بىۋاسىتە تارقىتىلدى. بۇ پائالىيەتكە يەنە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن پېشقەدەم يەھۇدىي پائالىيەتچىلەرمۇ قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتتە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ياۋروپا بىرلىكىنىڭ رەئىسى بىنى گادمەن «خانۇككا بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئەمەلىي ياردەم قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى، بۇ ھوقۇقنى قوغداش، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن باشتىن ئاخىر بىر سەپتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايىتى كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئۇيغۇرلار بىلەن يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن بىر ۋىدىيونى كۆرسەتتى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئادۋوكات رەيھان ئەسەت يەھۇدىيلارنىڭ زۇلمەتلىك تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىر يورۇقلۇققا چىققانلىقىنى ۋە بۇ ھېكايىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن تەسىرىنى بايان قىلدى، ئۇ سۆزىدە كارخانىچى ئىنىسى ئەكبەرنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىق ھېكايىسىنى ئاڭلاتتى. ئۇ يەنە ئېغىر كۈنلەردە يەھۇدىي سەپداشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئۈمىد بەخش ئەتكەنلىكىنى، يورۇقلۇقتىن ئىلھام ئېلىشىنى ئۆگەتكەنلىكىنى، يورۇقلۇقنىڭ ھامان زۇلمەتتىن غالىب كېلىدىغانلىق ئىشەنچىنى بەرگەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ پائالىيەتتە يەنە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرغۇچى رەھىمە مەھمۇت خانىم ئىجراسىدىكى «تارىم» ناملىق ناخشا قويۇلدى. رەھىمە خانىم بۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقلاۋى» دىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاندىن شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۈرمىدە يازغان شېئىرىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ بەردى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەھۇدىيلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىشىدىغان تارىخىي كەچمىشلىرى، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى بىرلەشكەن ھەققانىي دوستلۇقى ھەققىدە توختالدى. ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىسى مۇستاپا ئاقسۇ يەھۇدىيلارنىڭ تارىختا نەچچە قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىگە ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىغانلىقى ۋە ئاخىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلالىغانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەشتىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، «خانۇككا بايرىمى» نى تەبرىكلەشنىڭ بۇ جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت