27-يانۋار كۈنى «چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى» بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەھۇدىي جامائىتىنىڭ تەشكىللىشىدە پۈتۈن كۈن ئوخشىمىغان شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈشى دىققەت تارتتى.
تارىخقا قارايدىغان بولساق، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئالتە مىليون يەھۇدىي ئىرقىي ۋە دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە يەھۇدىيلارنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىشى ھەققىدىكى سەۋەب ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۇلار (يەھۇدىيلار) ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى كۆرگەندە ئاشۇ 76 يىل بۇرۇنقى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قايتا ياشاۋاتقاندەك بولىمىز، ئاشۇ چارىسىز قالغان ۋاقتىمىزدا باشقىلار قاراپ تۇرغانىكەن، باشقىلارنىڭ بېشىغا ئاشۇنداق كۈن كەلگەندە بىز ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن. شۇڭا بۇ بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم، دەيدۇ»
غەربىي لوندون سىناگوگى (ئىبادەتخانىسى) ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ۋە تارىخى ئۇزۇن يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى بولۇپ، مەزكۇر ئىبادەتخانا 27-يانۋار كۈنىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى «قاراڭغۇلۇقتىكى چىراغ بولۇڭ» دېگەن تېمىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىغان.
بۇ پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، يىغىن تەرتىپلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن تۇتقۇندىكى شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ «يانارىم يوق» ناملىق شېئىرى دېكلاماتسىيە قىلىندى. ئۇيغۇر سەنئىتىدىن ئارىيە ئورۇنلاندى، قىسقىسى پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ۋە دىنى كىملىكى بولغان مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلدى.
ئۇزۇندىن بۇيان يەھۇدىي جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلىپ كېلىۋاتقان رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىمۇ كەلگۈسىدە خاتىرىلەش كۈنىدە ئەسلەپ ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئەنگلىيە يەھۇدىيلىرىنىڭ غەربىي لوندون سىناگوگىنىڭ بىرلەشمە پېشقەدەم راببى، يەنى ئۆلىماسى خىلىن فىرىمەن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا كەلسەك، بىز ناتسىستلار ئىشغال قىلغان ياۋروپادىكى يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار بىلەن ئاجايىپ ئازابلىق ئوخشاشلىقنى كۆردۇق. يەھۇدىيلار پويىزغا قاچىلىنىپ مەجبۇرىي يۇرتلىرىدىن ھەيدەلگەن. قاراۋۇلخانا ۋە تىكەنلىك سىم توساقلار بىلەن ئورالغان يەرلەردە مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەن. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يەنە يۈز بېرىۋاتىدۇ. يەنە ئوخشاش شەكىلدە خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى بىزگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ كارى بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئالاھىدە ‹چوڭ قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى› دە بۇ زىيانكەشلىكلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئويلىدۇق».
ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشتۇرۇلۇۋاتقاندا، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈن تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ نيۇ-يوركنىڭ مانخاتتىن رايونىغا جايلاشقان ئەڭ مۇھىم ئىبادەتخانىلارنىڭ بىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ئېيتقان.
فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى دىلنۇر رەيھان خانىم خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مۇنداق ئەھۋالدا خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرىسىگە قاتنىشىشىغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھاقارەت بولۇپلا قالماستىن، ئاشۇ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان يەھۇدىيلارغا ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە قىلىنغان ھاقارەت».
خىلىن فىرىمەن خانىم كىشىلەرنى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ھەر قانداق قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قويماڭلار، ئۇلار خۇددى 1930-1940-يىللاردا ناتسىستلار ئىشغال قىلغان ياۋروپادا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالمىسۇن».
ئاخىرىدا رەھىمە مەھمۇت خانىم مۇشۇ خاتىرىلەش كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا دىققەت تارتىشى ۋە سىياسىيونلارنىڭ خىتايغا قارشى بولغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بلىنكېن 27-يانۋار كۈنى، يەنى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدىكى قارارىغا ئائىت سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ‹ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ› دېگەن ھۆكۈمۈم يەنىلا ئەسلىدىكىدەك. ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.»
ئانالىزچىلار يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنىدە ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە غەرب ئەللىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت دەپ بېكىتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ رەسمىي بېكىتسە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتمۈشتىكى ناتسىست گېرمانىيەسى، فاشىست ئىتالىيەگە ئوخشاش تارىختا سېسىق نامى پۇر كەتكەن رەزىل ھاكىمىيەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.