ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ بىرى 1930-يىللاردىن باشلاپ مىليونلىغان يەھۇدىيلارنىڭ يەكلىنىشكە ئۇچرىشى ھەمدە بۇ خىل يەكلەشنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنى ياۋروپادىكى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ مىليونلاپ قىرىپ تاشلاش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. تارىختا «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقەنىڭ باشلىنىشىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەسلەپ شۇ زاماندىكى ئەڭ ئىلغار شەيئى ھېسابلىنىدىغان كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇس ئېستېتىكىسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ھەمدە زور كۆلەملىك ئېتنىك قىرغىنچىلىققا تەييارلىق قىلغان بولسا، كېيىنچە ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى لاگېرلاردا ھەر كۈنى يۈزلەپ مىڭلاپ يەھۇدىيلار زەھەرلىك گاز ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ھەمدە مىليونلارچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش مەقسىتىدە «ئەمدى قايتىلانمايدۇ!» جاكارلانغان دۇنياۋى شوئارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي قېلىۋاتقانلىقى مۇلاھىزە تېمىلىرىدىن بولۇشقا باشلىدى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بېقىشنى يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ئامېرىكادىكى ئىككى كىشىگە ھاۋالە قىلدۇق. ئۇلارنىڭ بىرى نيۇيورك شەھىرىدىكى «بالىلارنى يۆتكەش جەمئىيىتى» (The Kindertransport Association) نىڭ رەئىسى مېلىسسا خەككېر (Melissa Hacker) خانىم بولۇپ، بۇ جەمئىيەت ئاساسلىقى «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» دىن ئامان قالغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ كېيىنكى مائارىپ تەربىيىسى ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشىغا مەسئۇل.
ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبەتتە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق پاجىئەنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى تېخىمۇ ئېغىر پاجىئە، دېگەننى ئالغا سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن تارىخشۇناس ئەمەس، ئەمما شۇنى ئېيتالايمەنكى ‹ئەمدى قايتىلانمايدۇ! › دېگەن ئىدىيە يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن زور قىرغىنچىلىقتىن كېيىن بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىق ئەمدى ھەرگىزمۇ قايتىدىن يۈز بەرمىسۇن، دېگەننى ئالغا سۈرگەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنداقلا يەر شارىنىڭ پۇقرالىرى بولغان بىز ئىنسانلار ئۈچۈن بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ئۇنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى توسۇشنى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان چاقىرىق. ھالبۇكى، تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇنى ئېيتالايمەنكى ‹ئەمدى قايتىلانمايدۇ! › دەپ مۇقىملاشقان بۇ چاقىرىق ئۆزىنىڭ ئاداققى نىشانىغا يېتەلمىدى. بىز ‹يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى› ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زامانىمىزغا كەلگەندە، يەنى كېلىپ 21-ئەسىردە بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىنىي ئەقىدىلەر ياكى باشقا ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىققا قايتىدىن مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى توسۇپ قالالمىغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن بىر تراگېدىيە.»
مىننېسوتا شتاتىدىكى مىشېل خاملىن قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، «قىرغىنچىلىقتىن خالى دۇنيا» مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئېللېن كېننېدىي خانىم بولسا بۇ خىلدىكى پاجىئەلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ۋاسىتە بولىدىغان ئامىللار قاتارىدا شۇ زامانغا خاس يۇغۇرى پەن-تېخنىكىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ھازىر مۇشۇنداق بىر ئورتاق كەچمىشكە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. «راستىنى ئېيتساق ‹يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى› مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا قىلغانلىرى ئۇلارنىڭ شۇ زاماندا ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىگە ئىگە بولۇشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشقان. چۈنكى گېرمانىيە جەمئىيىتى شۇ ۋاقىتتا غايەت زور ساندىكى ئالىي دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئالىملار قوشۇنىغا ئىگە ئىدى. بولۇپمۇ ئىنژېنېرلىق، تېببىي پەنلەر، سودا ساھەسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىلا مۇشۇ خىلدىكى سەرخىل كىشىلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇراتتى. بۇ ئەھۋاللار ھازىرقى خىتاي ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر تېخنولوگىيە جەھەتتە ھەممىلا ساھەنىڭ ئەڭ يۈكسەك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ يوسۇندا تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقنى ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ بۇ خىل ‹ئىمتىيازلىق ھالەت›نى ئالدى بىلەن شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي يوسۇندا ئالغا قاراپ مېڭىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىغا سەرپ قىلىشى تارىخىي جەھەتتىنمۇ ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. دەرۋەقە زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ھادىسىسى بۇنچە يۇغۇرى تېخنىكا بولمىغان شارائىتتىمۇ ئەمەلگە ئاشقان. مەسىلەن، رۇئانداغا قارايدىغان بولساق ئۇ جايدا بىر مىليونچە كىشى ئۆزلىرىنىڭ قوشنىلىرى ياكى تونۇشلىرىنىڭ قوللىرىدىكى ئاددىي دېھقانچىلىق قوراللىرى بىلەن چاناپ تاشلانغان.»
ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر سىياسىي باستۇرۇشنىڭ خاراكتېر جەھەتتە قانداق ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا مېلېسسا خانىم بۇنىڭدا قىسمەن پەرقلەر بولسىمۇ، ئۇلاردىكى قەدەم-باسقۇچلاردا كىشىنى شۈركۈندۈرىدىغان ئوخشاشلىق ھادىسىسى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ ئىككى خىل ھادىسىنى قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش شەكىلدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولمىسا كېرەك. چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە خاس، شۇنىڭدەك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى مەۋجۇت. قارايدىغان بولساق ‹يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى› بىسمىللاسىدىلا زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن باشلانغىنى يوق. ئەكسىچە ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك قوزغايدىغان تەشۋىقاتلارنى كېڭەيتىشتە ئىپادىلەندى. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ بەزى سىياسىي تەدبىرلەر قوللىنىلدى. ئەمدى بۇ جەھەتتە خىتايغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋال بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ: خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەممىلا جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ تېررور گۇماندارى ياكى تېررورچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنى ھۆكۈمەت تەرەپ ‹كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى› دەپ ئاتاۋاتقان ‹تەربىيىلەش مەركىزى› نامىدىكى مۇئەسسەسەلەرگە ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بىزگە ھەقىقەت شەكلىدە مەلۇم بولغان ھادىسىلەر شۇكى فاشىزم باش كۆتۈرگەندە، زۇلۇم يۈكسەكلىككە چىققاندا، مەلۇم بىر كىشىنى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل بىر قوۋمنى ‹يوشۇرۇن خەتەر› دەپ قاراپ ئايرىپ چىقىش خاھىشى روشەنلەشكەندە يۈز مىڭلىغان ‹يوشۇرۇن خەتەر› ئېلېمېنتلىرى مەخسۇس لايىھىلەنگەن يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىغا توپلىنىدۇ. بىز بۇ ئىشلارنىڭ ئۆتمۈشتە قايسى شەكىلدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرگەن. ئەنە شۇ ئىشلار ئاخىرقى ھېسابتا قىرغىنچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان. بۇ خىل زور كۆلەملىك قاماق بولسا قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى بولغان. ھۆكۈمەت بىر قوللۇق ئىجرا قىلغان بۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئۇشتۇمتۇتلا باشلانمىغان، ئەكسىچە بىرنەچچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن. خىتايغا قارايدىغان بولساق بۇ باسقۇچلارنىڭ دەسلەپكىسى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆرۈلۈۋاتىدۇ.»
بۇ خىل ئوخشاشلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا كېننېدىي خانىم بۇنىڭدىكى ئەجەللىك بىر ئورتاقلىقنىڭ دۇنياۋى شىركەتلەرنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا ۋاسىتىلىك ھالدا ھەمدە بولۇشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭچە ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىم كۆرۈلگەن بۇ ھال نۆۋەتتە يەنە بىر قېتىم خۇددى ئاشۇ شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ يەرشارىلىشىشى 21-ئەسىرگە كەلگەندە روياپقا چىققان يېڭىلىق ئەمەس. بۇ نۇقتىنى توغرا چۈشىنىش بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، دەپ قارايمەن. چۈنكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى زامانىسىدىمۇ يەرشارىلىشىش ۋە دۇنياۋى سودا خۇددى بىزنىڭ زامانىمىزدىكىگە ئوخشاش بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن. 1940-يىللاردا ئىبم گە ئوخشاش دۇنياۋى شىركەتلەر خەلقئارا سودا بىلەن مەشغۇل بولغان. جۈملىدىن گېرمانىيە بىلەن پائال پەن-تېخنىكا سودىسى قىلغان. ھازىر بولسا Microsoft شىركىتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن، جۈملىدىن خىتاي بىلەن بۇ خىل سودا مۇناسىۋىتىدە بولۇۋاتىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئاشۇ ھاكىمىيەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادىي بېقىندىلىق تورى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان بۇ ھال 1940-يىللاردا ھەمدە بىز ياشاۋاتقان 2019-يىلىدا ئوخشاشلا ۋۇجۇدقا چىقىۋاتىدۇ. ئەمدى قارايدىغان بولساق، بۇ تىپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاشۇ ئارتۇقچىلىقى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن ‹ئاز سانلىق› بولغان خەلقنى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدىكى يەھۇدىيلار ۋە شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇرلار دەل ئاشۇ خىل دۇنياۋى ئىقتىسادىي تەسىرنىڭ ئىسكەنجىسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلغانلاردۇر.»
بۇ خىلدىكى تارىخىي پاجىئەلەرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغان لاگېرلار ھەققىدە ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ تاشقى دۇنياغا بۇنى ئىجابىي شەكىلدە تەشۋىق قىلغانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلاردىمۇ خۇددى ئاشۇ شەكىلدە تەكرارلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا مېلىسسا خانىم بۇنىڭ تەكرار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
«سىز ئېيتقان ئۇ ھادىسىلەر ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بىرىدە بولغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ ھەقتە مەخسۇس تەشۋىقات فىلىمى ئىشلەنگەن ھەمدە يەھۇدىيلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا ياخشى غىزالىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تۈرلۈك ماھارەت ئويۇنلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۇ لاگېردىكى كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ لاگېرلاردا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلىگە مۇيەسسەر بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق ناخشا-ئۇسۇللارنى كۆرسىتىشكە، شۇنىڭدەك ئاشۇ خىلدىكى مەدھىيە سۆزلىرىنى بايان قىلىشقا مەجبۇرلانغان ئىنسانلار. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار تەكلىپ قىلغان چەتئەل دىپلوماتلىرى ئاتالمىش ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى›دە كىشىلەرنىڭ قانداق بەختىيار ھالدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. بۇ بولسا دەل خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنيانى كۆرسە بوپتىكەن، دەپ ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلار.»
كېننېدىي خانىم ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ قوللانغان ئۇسسۇللىرىدا قانداق ئوخشاشلىق بولۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا «تېببىي تەكشۈرۈش» نامىدىكى تەجرىبە ۋاسىتىسىنىڭ ئەڭ تىپىك مىسال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ: «بىز يادىمىزدا تۇتۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر پاكىت شۇكى، ھۆكۈمران سىنىپ ھەرقاچان مەلۇم بىر دائىرىدە ‹ئاز سانلىق خەلق›نى نىشان قىلىشتا قوللىنىۋاتقان ھەرقانداق تېخنولوگىيە ۋاسىتىلىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئاكتىپلىق بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى‹ئاز سانلىق خەلق› قە قىلىدىغان ھۇجۇم شەكىللىرىنىڭ بىرى دەل مۇشۇ خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. قارايدىغان بولساق ناتسىستلار ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارنى بىر پۈتۈن مىللەت بويىچە جىسمانىي جەھەتتە مەجرۇھ قىلىۋېتىشنى نىشان قىلغان. ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش ئەنە شۇنىڭ بىر مەزمۇنى. شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قىسىم تېببىي تەجرىبىلەرنى مۇشۇ يەھۇدىيلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇنىڭ بىلەن تەجرىبە ئوبېكتى بولغان بۇ ئىنسانلار ماھىيەتتە تەجرىبە قىلىنىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. چۈنكى تەجرىبە قىلغۇچىلار ئۇلارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمىگەن. ئەمدىلىكتە بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلار دەل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار كۆپلىگەن شۇنچە كۆپ خورلۇققا دۇچ كېلىۋاتىدۇكى، بۇ خىلدىكى تېببىي سىناقلار ئەمەلىيەتتە ۋىجداندىن ۋە ئەخلاق چېگراسىدىن ھالقىغان ھەرقانداق يامانلىققا سەۋەب بولالىشى مۇمكىن.»
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.