ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان يەھۇدىيلار جامائىتى ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي دىنى ئىبادەتخانىلىرى ۋە رابىيلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېقىندا «ئازاب-كۈلپەتتىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش: ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش» تېمىسىدا چوڭ تىپتىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
بۇ مۇھاكىمە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان رابىي جول كېنىسبېرگ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يەھۇدىيلار مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئىنسانىيەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەندىن كېيىن: «بىز بۇنىڭغا سۈكۈت قىلساق بولمايدۇ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەپ تۇرۇشىمىز، ۋارقىراپ-توۋلاپ تۇرۇشىمىز، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك» دېگەن.
ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ يىغىندا ئۈچ باسقۇچ بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا دىنىي رەھبەرلەر، يەنى رابىيلار، ئىماملار ۋە پوپلار، ئىككىنچى باسقۇچتا سىياسىي رەھبەرلەر، ئۈچىنچى باسقۇچتا ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن ئازاب-كۈلپەت ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش، بارلىق ئىمكانىيەت ۋە تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىش ھەققىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.
دىنىي رەھبەرلەر قىسمىدىكى مۇھاكىمىدە، ئېغىر يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلققە ياردەم قىلىشنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەت ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. رەئىس رابىي يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، ئىنجىلدىكى «مىسىردىن چىقىش» ھېكايىسىنى تىلغا ئېلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادالەتنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان، ئۆز قوۋمىنى زالىم پادىشاھ پىرئەۋىننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغان يولباشچى ئىكەنلىكىنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى يەھۇدىيلارنىڭمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ، ھەق-ئادالەتنى قوغدىشى ۋە ئۇيغۇرلاردەك زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەتلەرگە ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز مۇھتاجلارغا ياخشىلىق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىمىز. بۈگۈن خىتايدا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن ياردەمگە موھتاج. ئۆتمۈشتە بىز قورقۇنچلۇق كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن، خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا بەك دىققەت قىلىمىز. شۇڭا بىز مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشاش ئورنىمىزدىن دەست تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇندىلا بىز بارلىق ئىمكانىيىتىمىز بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلالايمىز. مەن بۇ يىغىننىڭ تېمىسىنى ياخشى كۆردۈم، بىز بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئازابىنى ھېس قىلىش بىلەنلا قالماي، (بۇنى توختىتىش ئۈچۈن) چوقۇم ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇد خانىم بۇ يىغىندا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى ۋە ئائىلىسى دۇچ كەلگەن كۈلپەتلەرنى قىسقىچە ئاڭلاتقاندىن كېيىن، لوندون ئۇيغۇر سوتىدا شاھىت بولغان ئىشلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن يېقىندا 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتىدا تەرجىمانلىق قىلدىم، گۇۋاھچىلار تەمىنلىگەن ئىسپاتلار تولىمۇ ئېچىنىشلىق. خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھۆججەتلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندىمۇ، پاكىت شۇنچىلىك ئېنىق. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىش، ئەجداد-ئەۋلاد مۇناسىۋىتىنى ئايرىۋېتىش. مەن تەرجىمە قىلىپ خەلقئارا سوت ئۈچۈن تەييارلىغان قورقۇنچلۇق ئىسپاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، يۇرتىمىزدىكى دىنىي زىيانكەشلىك ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان؛ مەلۇم بىر تەتقىقاتچى بەرگەن ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي ئۈچۈن تەھدىت، ئىسلام بولسا ۋىرۇس ۋە روھىي كېسەللىك دەپ قارالغان. ئىلگىرى لاگېردا ئىشلىگەن بىر ساقچىنىڭ بەرگەن ئىسپاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېچ سەۋەبسىزلا «تېررورچى» دەپ قارالغاچقا تۇتۇلغان».
رەھىمە مەھمۇد خانىم بۇ يىغىندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىشنىڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۈگۈن كۆپچىلىكنى تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلىشقا چاقىرىمەن: بىرىنچىسى، پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، كېلەر ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشقا ئاۋاز بېرىشىنى تەلەپ قىلىڭلار؛ ئىككىنچىسى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىزگە ئەگىشىپ، پائالىيەتلىرىمىزگە قېتىلىڭلار؛ ئۈچىنچىسى، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىڭلار».
بۇ يىغىندا ئەنگلىيەدىكى داڭلىق بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى قارى ياسىن دۇنيادىكى ساماۋى دىنلارنىڭ زۇلۇمغا، زالىمغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئەيسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسى، شۇنداقلا پەيغەمبەرلىك ئەنئەنىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ قۇرئان كەرىمىنىڭ 4-سۈرە، 135-ئايىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ˃ئۇ مۇئمىنلەر، خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) كىشى باي بولسۇن ياكى پېقىر بولسۇن، ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار˂» دەيدۇ، بۇ يەردە بىزگە ناھايىتى مۇھىم بىر تەلىمات بېرىلگەن، ئۇ بولسىمۇ شەخسىيىتىمىز ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھەقىقەتنى سۆزلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئوخشاش نۇقتىمىز، ئورتاق قىممەت قارىشىمىز بىزنىڭ پەرقىمىزدىن ھالقىپ كېتىدۇ. باشقا دىنىي جامائەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش مۇسۇلمانلارنى خۇرسەن قىلىدۇ. چۈنكى ئېتىقادىمىز ۋە كەچمىشىمىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ مۇھىم بولغىنى مۇشۇنداق پەيتتە بىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».
يىغىندا ئەنگلىيە يەھۇدىي ۋەكىللىرى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ھېنرى گرۇنۋالد تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى پاناھلىققا ئېلىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رابىي دوكتور مايكول ھاررىس ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قىزغىنلىق ۋە ئىزچىللىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
سىياسىي رەھبەرلەر قىسمىدىكى مۇھاكىمىدە، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى دانكىن سىمېت خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ئەلچىسى كېننىي خانىم خىتايغا ئۈنۈملۈك جازا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ بىرلىكتە پىلان تۈزۈشى كېرەكلىكى، بارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايغا قارشى تەشۋىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. يەھۇدىي ۋەكىللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارىيە ۋاندىرزىل خانىم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنى تونۇغان 41-دۆلەت بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاينىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشماسلىققا چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر قىسمىدىكى مۇھاكىمىدە كالۋېرىت تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بېنېت فرىمەن، رېنى كاسىن يەھۇدىي تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مىيا خانىم، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پائالىيەتچىسى لۇيىسا گرېۋ خانىم، يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى نىنا قاتارلىقلار ئۆز تەجرىبىلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.