ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» باشلىنىشنىڭ ئالدىدىكى بەزى روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مىننېسوتا شتاتىدىكى مېشىل خاملىن قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئېللېن كېننېدىي ئەنە شۇ خىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا ھۆكۈمران ئورۇندىكى دىكتاتور ھاكىمىيەت زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىدىغان «ئېسىللىق» نەزەرىيەسىدۇر.
سۆھبىتىمىز جەريانىدا بىز ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسى «ئارىيانلار ئالىي ئىرق» دېگەن نەزەرىيەنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توختىماستىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قالاق ۋە روھىي جەھەتتىن «كېسەللىككە گىرىپتار بولغان» بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە خىتاي مىللىتىنىڭ تىلى ۋە باشقا مەدەنىيەت شەكىللىرىنى ئۆگىنىشى لازىم» دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ھادىسىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى:
«مېنىڭچە، بۇ خىلدىكى ئالىي ئىرق نەزەرىيەسىنى دەل قىرغىنچىلىقنىڭ يادروسى، دېسەك بولىدۇ. بۇنى سابىق يۈگۈسلاۋىيە ھالاك بولۇش مەزگىلىدە سېربىيەدىكى بوسنىيە مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان مۇئامىلە ياكى رىۋاندادىكى تۇتسىلارغا قارىتىلغان پوزىتسىيەلەردىنمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز. بۇنىڭدا مەلۇم بىر ئېتنىك تۈركۈمگە تەۋە كىشىلەر ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىنىڭ يەنە بىر ئېتنىك تۈركۈمدىكى كىشىلەردىن ئېسىل ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئاشۇنداق تۆۋەن نەسەبلىك بىر مىللىي تۈركۈمنىڭ تەۋەلىكىدە ھېسابسىز بايلىق بولۇشىغا قارىماي بۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمران تەبىقە خەلقىدەك تەرەققىي قىلمىغانلىقى، ئەكسىچە بەكمۇ قالاق ھالدا قالغانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئەمدى بىز دىققىتىمىزنى ئۇيغۇرلارغا، يەھۇدىيلارغا، بوسنىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا ياكى تۇتسىيلارغا قارىتىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ھەرقاچان دەل ئاشۇنداق مۇئامىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خەلقلەرنىڭ ھەرقاچان بارلىق كاشىلىلارنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە قارىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ ھۆكۈمران ئورۇندىكى خەلقنىڭ ئاشۇ ئاتالمىش ‹قالاق› دەپ قارىلىۋاتقان خەلق تۈركۈمىنى ھەر دائىم ‹تەھدىت› دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ھۆكۈمران خەلق بۇ ‹تەھدىت› تىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ‹قالاق› خەلقنىڭ بايلىقىنى توشۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ‹تەھدىت› نى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن بارلىق چارىلارنى ئىشقا سالىدۇ. تارىختا بۇنداق ئىشلا قايتا-قايتىلاپ يۈز بەرگەن. بۇ ھادىسىلەر ئامېرىكا ئىندىيانلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى دەل مۇشۇ قاراشتۇر.»
نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «بالىلارنى يۆتكەش جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مېلېسسا خەككېر خانىم بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى» دا كۆرۈلگەن يەنە بىر پاجىئەلىك رېئاللىقنىڭ ھەرقاچان تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل بالايىئاپەت ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن گۇمانلىنىشى ياكى ئۇنىڭغا پەقەتلا ئىشەنمەسلىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇنداق ئەھۋالدا تاشقى دۇنيادىكى شارائىتى يار بەرگەنلا شەخس قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «جازا لاگېرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەر ئاشۇ ماكانلاردا بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئامېرىكىغا ۋە ئەنگلىيەگە ئېلىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىگەن. ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىر تۈرلۈك ھادىسە ئەنە شۇنداق بولىدۇ: كىشىلەر ئۆز تەسەۋۋۇرىغا سىغمىغان ئىشلارغا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىدە جەزمەن بىر ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىش زۆرۈر. بۇنىڭدا كىشىلەرنى قانداق قىلىپ قولمۇ-قول ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ ھادىسىلەر ھەققىدە شىكايەت سۇنالايدىغان ياكى تىنچ شەكىلدە بۇ خىل زوراۋانلىققا قارشى نامايىش قىلىپ، دۇنيانى ئىجابىي يوسۇندا ئۆزگەرتەلەيدىغان قىلىپ چىقىشتا بۇ خىلدىكى ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ رولى بەكمۇ چوڭ بولىدۇ. بىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىجابىي تەرەپكە قاراپ قەدەم ئالمىساق ئىلكىمىزدە ھېچقانچە كۆپ ئىمكان قالمايدۇ.»
پروفېسسور ئېللېن كېننېدىي خانىممۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغۇچى ھاكىمىيەتنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆز قىلمىشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، دەل مۇشۇ خىل كۆز بويامچىلىق سەۋەبىدىن تاشقى دۇنيا ھەرقاچان غەپلەت باسقان ھالدا زور كۆلەملىك پاجىئەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولىدىكەن:
«ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئۆز ۋاقتىدا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پراگا شەھىرىدە مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارنى تەسىس قىلغان. بۇ لاگېرلارغا يەھۇدىيلار قامالغان. بۇ لاگېرلار تەشۋىقات مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولغاچقا ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى كۆركەم قىلىپ لايىھىلەنگەن. بۇ جايغا قامالغان يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشتىكى ھادىسىلەردۇر. ھالبۇكى، بۇلار ماھىيەتتە يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئەسلىھەلەر بولۇپ، تاشقى دۇنيانى خاتىرجەم قىلىشنى كۆزلىگەن. ئەمما بۇ لاگېرلارنىڭ ئارقىغا يوشۇرۇنغان قەبىھ رېئاللىق ھەققىدە ناھايىتى سەگەكلىك بىلەن ئەستە ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى، ھەرقانداق يەھۇدىي ياكى ئۇيغۇر مۇشۇ خىلدىكى ئەسلىھەلەرگە قامالغاندا تولىمۇ مۇدھىش بولغان ھادىسىلەر دەل مۇشۇنداق كۆركەم ماكاندا ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان بولىدۇ. شۇڭا بىز تاشقى دۇنياغا بۇ جايلارنىڭ خۇشال-خۇراملىققا تولغان ئويۇن مەيدانى ئەمەسلىكىنى، بۇ جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلمىگەنلىكىنى، بۇ ئەسلىھەلەر ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئېيتقانلىرىغا قەتئىي ئىشەنمەسلىك لازىملىقىنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم.»
مېلېسسا خانىمنىڭ پىكرىچە، بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ بىر دەھشىتى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان خەلقنىڭ ھېچقانداق تاللاش ئىمكانى بولغان ئەمەس. يەنە كېلىپ، بۇ خەلقنىڭ پۈتكۈل ئەزاسى بىردەك دۈشمەن، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق قىرغىنچىلىقتا بوۋاي-مومايلار يېشىدىكى مويسىپىتلار بىلەن ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان سەبىيلەرنىڭ ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ:
«تەشكىللىك قىرغىنچىلىقتا ياش-قېرىلار پەرقى مەۋجۇت بولمايدۇ. مەلۇم ئېتنىك تۈركۈمگە تەۋە كىشىلەر ‹دۈشمەن› دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى قارار چىقىرىلغاندا مەيلى ھۆكۈمەت ياكى ھەربىيلەرنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ئاشۇ مىللەت تۈركۈمىگە مەنسۇپ بارلىق كىشىلەر بىردەك دۈشمەن سانىلىدۇ. ھېچكىممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالمايدۇ، يەنى ھەممىلا كىشى ئاشۇنداق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى قارىغۇلارچە ئۆچمەنلىكتە ئاشۇ مىللەتنىڭ ھەممىلا ئەزاسى دۈشمەن ھېسابلىنىدۇ.»
سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا بىز قىرغىنچىلىقنىڭ مۇشۇنداق دەھشەتلىك ۋە پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىگە شاھىت بولغان دۇنيا ئاشۇ خىلدىكى پاجىئەلەر توغرىسىدا تارىخ بەتلىرىگە يېزىلغان قۇرلاردىن قانداق ساۋاقلارنى ئېلىشى مۇمكىن، دەپ سورىغىنىمىزدا مېلىسسا خانىم بۇنىڭدا ئادالەتنىڭ ياقلىنىشى ھەمدە شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى زور ئەھمىيەت ئىگە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
«يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقىدىن ئالىدىغان ساۋاقلىرىمىز توغرىلىق سورىسىڭىز شۇنى دىيەلەيمەنكى، شەخسلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ھەرىكەتلىرى زور ئۈنۈملەرگە سەۋەبچى بولغان. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا تېخى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانمىغان مەزگىل ئىدى. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا بىر قىسىم شەخسلەر برىتانىيە ھۆكۈمىتىگە قاتراپ، بولۇۋاتقان كرىزىس ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ھەمدە ئۇلارنى بۇنىڭغا قارشى بىرەر ھەرىكەت قوللىنىشقا ئۈندىمىگەن بولسا، يەنە ئاشۇ شەخسلەر بىۋاسىتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانمىغان بولسا بۇنچە كۆپ ھاياتلىق ئاشۇ قاباھەتتىن ساقلىنىپ قالمىغان بولاتتى. ھازىر قارايدىغان بولساق خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، دۇنيانى بۇ ئىشلاردىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بىز جەزمەن ئەمەلىي ھەرىكەتتە بولۇشىمىز زۆرۈر. يەنە بىر ساۋاق بولسا بىز ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاش قىرغىنچىلىق باشلانغان ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە كۈتۈپ تۇرساق بولمايدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ غايەت زور ساندا ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرلارغا ئەۋەتىلىشى داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئۆزىمىزنى يەر شارىنىڭ پۇقرالىرى ھەمدە ئېتىقادلىق ئىنسانلار دەپ ساناۋاتقان بىز بۇنىڭغا قارىتا ‹بۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟› ۋە ‹بۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟› دەپ سوئال قويۇشىمىز، ئادالەت مەيلى بىزدىن قانچىلىك يىراقتا بولسىمۇ، بۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋالماسلىقىمىز لازىم.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا كۆپلەپ ئېچىلغان لاگېرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، كۆز قاراش جەھەتتىكى پەرقلەرنىڭ بولۇشىغا قارىماستىن ھەممىلا تەرەپ «دۇنيانىڭ تولىمۇ سەگەك بولىدىغان پەيتى يېتىپ كەلمەكتە» دەپ قارىماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00