دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى (JWW) دۇنيا مىقياسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا ھەر خىل شەكىللەردە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.
مەزكۇر تەشكىلات دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن 2009-يىلىدىن باشلاپ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم «يەرشارى روھى مۇكاپاتى» ( Global Soul Award) نى تارقىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىلقى مۇكاپات 18-سېنتەبىر كۈنى تارقىتىلغان. مەزكۇر مۇكاپاتقا، يەنى 7-قېتىملىق «يەرشارى روھى مۇكاپاتى» غا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەشتە ئالدىنقى سەپتە مېڭىۋاتقان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى لايىق كۆرۈلگەن.

«يەرشارى روھى مۇكاپاتى» نىڭ لوگوسىىمۇ ناھايىتى مەنىلىك لايىھىلەنگەن بولۇپ، لوگونىڭ ئۈستىگە چەمبەر شەكلىدە «كىمكى بىر ھاياتلىقنى قۇتقۇزغان بولسا، ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى قۇتقۇزغانغا باراۋەر» دەپ يېزىلغان. دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر مۇكاپات ھەققىدىكى تور بېتىدە يەنە مەزكۇر مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىككە قارشى سەپتىكى رەھبەرلىك، ۋارىسلىق ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە بېغىشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندىگە «يەرشارى روھى مۇكاپاتى» تەقدىم قىلىنغاندىن باشقا، جەين كوخېن خانىم (Jane Cohen) ۋە دىئاننا بۇكخانتىز (Diana Buckhantz)خانىمغا «شۇلۋېيس مىراس مۇكاپاتى» ( Schulweis Legacy Award) تەقدىم قېلىنغان.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مەزكۇر مۇكاپات ئۆزىگە ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىگە بېرىلدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى؛ دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ بۇ مۇكاپاتنى بىر ئۇيغۇرغا بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى 2019-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈرلۈك ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. مەسىلەن، بۇ يىل بايدېن ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان كۈنىنىڭ ئەتىسى، يەنى 22-ئىيۇن كۈنى شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ياكى چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغان بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئامېرىكانى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تولۇق ئىجرا قىلىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان.
دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل ئۇنىڭ بۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 18-يىلى ئىكەن. دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سېرېنا ئوبېرستېين (Serena Oberstein) خانىم نىڭ ئېيتىشىچە 18 رەقىمى يەھۇدىيلاردا ھاياتلىققا سىمۋول قىلىنىدىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن «يەرشارى روھى مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ 18-سېنتەبىر كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىلىقىمۇ ناھايىتى مەنىلىك ئىكەن.
سېرېنا ئوبېرستېين خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «يەرشارى روھى مۇكاپاتى» ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ يىل دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ 250 ئەزاسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىگە ‹يەرشارى روھى مۇكاپاتى›نى، جەين كۆخېن خانىم ۋە دىئاننا بۇكخانتىز خانىمغا ‹شۇلۋېيس مىراس مۇكاپاتى› تەقدىم قىلدى. تەشكىلاتىمىز 2004-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل بىز 18-يىلىمىزنى قۇتلۇقلاۋاتىمىز. 18 رەقىمى يەھۇدىي دىنىدا ھاياتلىققا سىمۋول قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يىل تولىمۇ مۇھىم ۋە مەنىلىك بىر يىل. بىز تەبرىكلەيدىغان مۇشۇنداق قالتىس رەھبەرلەرنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلمىز».
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىگە بۇ مۇكاپاتنى لايىق كۆرۈشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇ قورقماستىن مىليونلارنىڭ ئاۋازى بولدى. بىلىشىمچە ‹نۇر› ئۇيغۇرچىدا ‹يورۇقلۇق› دېگەن مەنىدە. نۇرى ئۆزىنىڭ ئىسمىدەكلا ئۆزىگە بېرىلگەن ھەر پۇرسەتتە قاراڭغۇلۇقتا قالغان كىشىلەرگە ‹يورۇقلۇق› بولدى. ئۇ ئائىلىسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا خەتەردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس بەلكى بارلىق ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشتى».
دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق قوللاۋاتقان پەيتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش مىللەت ھېسابلىنىدىغان تۈركى مىللەتلەر ئۆز دۆلەتلىرىدە شى جىنپىڭنى ھەدىيەلەر بىلەن كۈتۈۋالغانىدى. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ دىكتاتور ئىدېئولوگىيەسىنى كىڭەيتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «كىم نېمە قىلمىدى ئەمەس، بەلكى مەن يېتەرلىك قىلالىدىممۇ؟» دەيدىغان پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
سېرېنا ئوبېرستېين خانىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەزكۇر ئىرقى قىرغىنچىلىققا يانتاياق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىشتىن توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز دۇنيا سۈكۈتتە تۇرغاندا قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. تەشكىلاتىمىز 18 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئىرقى قىرغىنچىلىق ياكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش يۈز بەرگەندە يەھۇدىيلار ئەينى ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق ياردەم قىلىشىنى كۈتكەن بولسا، بىز ئاشۇلارغا شۇ ياردەمنى قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن شوئار بىلەن يولغا چىققان. شۇڭلاشقا 2019-يىلى بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتۇق. بىز بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىشىنىڭ، كۆزىنى تېڭىپ، پۇت-قولىنى كىشەنلەپ پويىزغا قاچىلاشنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقنى ياخشى بىلىمىز. يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىزگە بەك ئېنىق. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتى بىزنىڭ قىسمىتمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى بىزنىڭ كۈرىشىمىز».
نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن سەمىمىي بىر شەكىلدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ تېخىغىچە توختىمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ۋە بۇنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ھەققىدىكى تەھلىللىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
سېرېنا ئوبېرستېين خانىم زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «پەقەت ئېغىزىدا دەپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، چوقۇم ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن سۆز بولسا داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەدە. ئۇ خۇددى مۇھەببەتكە ئوخشايدۇ. بىرىگە ‹مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن› دەپ قويۇش كۇپايە قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە دېگەنگە چۇشلۇق ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. ھەر قايسى تەشكىلاتلار ‹قايتا تەكرارلانمايدۇ› دېگەن ئىكەن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىش نىيىتى بولۇشى كېرەك. دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەمما بۇ كۈرەش ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەقدىردىمۇ بىز ئاخىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجى بولغان ھەر يەردە بولۇشقا تىرىشىمىز».
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا يۈرەك سۆزىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «باستۇرغۇچى ھاكىمىيەتلەر ئادەتتە باستۇرۇۋاتقان مىللەتكە بىرىنچىدىن، سەن بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق؛ ئىككىنچىدىن، سېنىڭ ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىڭ يوق، دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈپ، شۇ مىللەتنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار ئاڭلىيالمايدۇ. لېكىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئىككى نۇقتىنى تونۇپ يېتىشىنى ۋە باتۇرلۇق بىلەن ياشىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن».