كالىفورنىيەدە «روھىنگا ۋە ئۇيغۇر كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يەھۇدىي ۋە مۇسۇلمانلار ھەمكارلىقى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، 27-ئۆكتەبىر كۈنى لوس-ئانژېلىستىكى «جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىسلام مەركىزى» دە «روھىنگا ۋە ئۇيغۇر كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە يەھۇدىي ۋە مۇسۇلمانلار ھەمكارلىقى» تېمىسىدىكى يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىن كالىفورنىيەدىكى «يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ دىرېكتورى ئەن سترىموۋ دۇربىن خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان. يىغىلىشقا شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار، ئۇيغۇرلار ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. يىغىن بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان.

يىغىنغا كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە «لوس-ئانژېلىس ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى نۇرنىسا قۇربان خانىم قاتارلىقلار مەخسۇس ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن نۇرنىسا قۇربان خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يىغىندا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. نۇرنىسا قۇربان خانىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن «يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيانى كۆزىتىش تەشكىلاتى» دىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

زىيارىتىمىز جەريانىدا نۇرنىسا قۇربان خانىم يەنە مەزكۇر يىغىندا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نۇرنىسا قۇربان شۇ كۈندىكى يىغىلىشتا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆپلىگەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئۆزىدىن «نېمە ئۈچۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ؟ بىز سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دېگەندەك سوئاللار سورىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئۆزى ۋە ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئىككىيلەن ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق مۇنبەرلەرنى كۆپرەك ھازىرلاپ بېرىش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىش، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھە» سىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېزرەك تەستىقلىنىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرنىسا قۇربان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «لوس-ئانژېلىس ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» نىڭ لوس ئانژېلىستىكى «يەھۇدىيلار دۇنيانى كۆزىتىش جەمئىيىتى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقى 2019-يىلى 3-ئايدا باشلانغان ئىكەن. ئۇلار بۇ جەرياندا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ياردىمىدە كالىفورنىيەدىكى 53 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسىنى تىزىملاپ چىقىپ، ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەن. ئۇلار ئۆزلىرى كۆرۈشكەن ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنى «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» نى قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە چاقىرىقى قىلغان. ئۇندىن باشقا بۇ يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىككى تەشكىلات بىرلىكتە لوس-ئانژىلېستىكى شىتاتلىق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

نۇرنىسا قۇربان خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە بۇندىن كېيىنكى پائالىيەت پىلانلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى 11-ئاي ئىچىدە يەنە بۇ ئىككى تەشكىلات بىرلىكتە بىرنەچچە پائالىيەتنى ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىكەن. ئۇلار كالىفورنىيەدىكى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىدىن خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان شىركەتلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇلۇش ئەھۋاللىرىنى ئاڭلىتىدىكەن. كالىفورنىيەدىكى شىركەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب قىلىش سىستېمىلىرى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا، ئۇلارنى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن تېخنىكا ۋە سودا ئالاقىلىرىدە بولماسلىققا دەۋەت قىلىدىكەن. ئۇلار يەنە كالىفورنىيەدىكى شىركەتلىرىدىن لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ئېنىقلانغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە فابرىكا-زاۋۇتلىرىنىڭ ماللىرىنى كىرگۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلىدىكەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.