27-يانۋار كۈنى خەلقئارا يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنىدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىكەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيەدىكى دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ھەر خىل شەكىلدە يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغانلارنى ئەسلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە سەنئەتكار رەھىمە مەھمۇت خانىم، مەزكۇر پائالىيەتلەرگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، لوندوندا دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ ئەربابلار قاتناشقان بىر قانچە تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە ئۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقان. رەھىمە خانىم ۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيەدىكى داڭلىق رادىيو قانىلىدا يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاڭلىتىلغان پروگراممىدا، ئۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى مەخسۇس بۇ ھەقتىكى ناخشىسى ئارقىلىق ئاڭلاتقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پروگراممىنى ئاڭلىغانلارنىڭ سانى بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

ئەننې فرانك فوندى (The Anne Frank Trust Fund) نىڭ خادىمى فەرىدە ماننان (Farida Mannan) خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ھەر يىلى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى چوڭ قىرغىنچلىقنى خاتىرلەشنىڭ سەۋەبى، بۇ تراگېدىيەنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە شۇنداقلا كىشىلەرگە ئىنسانلارنىڭ قانداق ۋەھشىيلىكلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈندۇر. بىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى چوڭ قىرغىنچلقنى خاتىرلەش ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئجتىمائىي مۇھىتنىڭ يۆنىلىشنى ئاگاھلاندۇرماقچىمىز. بىز نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلالايمىز. يەنى بىز ھەر بىرىمىز بىر ئىش قىلالايمىز. مەن شەخسى نامىمىدىن ۋە شۇنداقلا فوندىمىز نامىدىن رەھىمە مەخمۇتنىڭ خاتىرە كۈنىدە شام يېقىشقا قاتناشقانلىقىدىن ۋە بۇ ئارقىلىق نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاتقانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن. پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سىياسىي ساھەدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان كىشىلەر بار. ئۇلار رەھىمەنىڭ ئېيتقانلىرىنى سىياسىي قارارلارنى چىقىرىدىغانلارغا ئاڭلىتىشى ۋە ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشى مۇمكىن. بىز سىياسىي ئورگان ئەمەس، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز.»
ئاخىرىدا رەھىمە مەھمۇت خانىم ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىدە يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل ياردەمدە بولغانلىقىنى، مۇشۇنداق شەخس ۋە ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ناتسىستلار گېرمانىيەسى تەرىپىدىن 1933-يىلدىن 1945-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالتە مىليوندىن ئارتۇق يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلگەن. 1945-يىلى 27-يانۋار كۈنى پولشادىكى ئائۇسشۋىتز جازا لاگېرى (Auschwitz concentration camp) سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئازاد قىلىنغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر يىلى 27-يانۋار كۈنى خەلقئارا يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.