خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا سولاۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى ئىزچىل بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتىش، ئۇنى ھەرقايسىي دۆلەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش، شۇنداقلا بۇنىڭ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇشتا زور رول ئوينىماقتا. مانا مۇشۇنداق جامائەتلەر ئىچىدە ئامېرىكادىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
بۇلار ئىچىدە يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان يازغۇچى، داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلىيە ۋىيزېل (Elie Wiesel) نىڭ نامىدا قۇرۇلغان «ئېلىيە ۋىيزېل فوندى»، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى قىلىپ كەلگەن ئىدى.
يېقىندا بۇ فوندى تەشكىلات ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا مەخسۇس ياردەم فوندى ئاجرىتىدىغانلىقىنى، كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا 250 مىڭ دوللاردىن 500 مىڭ دوللارغىچە ياردەم بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
يەھۇدىي خەۋەر تورىدىن «Jewish Insider» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەبلەغ ياردىمى قىلىش مەزكۇر فوندى جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى پائالىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئىككى تۈرگە مەبلەغ سېلىش بىلەن باشلىغان. بۇ ئىككى مۇھىم تۈرنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلىيە ۋىيزېلنىڭ ئوغلى، ئېلىيە ۋېيزېل فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ئېلىشا ۋىيزېل (Elisha Wiesel) نى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ ئېلىيە ۋىيزېلنىڭ كۈچلۈكلەرگە قارشى سۆزلەشتەك قورقماس روھىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىل فوندى جەمئىيىتىمىزنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلىپ، نېمە قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. مەن دادامنىڭ ئۆمرىدە ئوينىغان روللىرىنى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزدۇم، دادام ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئوخشىمىغان روللارغا ئىگە شەخس ئىدى. ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى، پەيلاسوپ، پاناھلانغۇچى، ئوقۇغۇچى، پائالىيەتچى ئىدى. شۇڭا بىز دادامنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ۋە پائالىيەتچىلىك رولىغا ماس كېلىدىغان ئىككى تۈرگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدۇق. ئاندىن بىز قايسى مەسىلىنىڭ پائالىيەتچىلىكىنى قىلىمىز، دەپ ئويلاپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇشىنى قارار قىلدۇق. مەن دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقاندەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە زۇلۇم يوق، دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى ئىنتايىن ئېغىر، ئۇنىڭدا دادام ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان ئېلىمىنتلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زۇلۇم دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. دادامنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ كۈچلۈكلەرگە قارشى ھەقىقەتنى سۆزلىشى ئىدى. شۇڭا بىز ئېلىيە ۋىيزېل فوندى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، قېيىن بولغاننى، ئىمكانسىز بولغاننى تاللاشنى ۋە ئۆزگىرىش ياساشنى قارار قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قوللاشنى قارار قىلدۇق.»
ئېلىشا ۋىيزېل رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا روھىي جەھەتتىن تەسەللىي بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ياردەم فوندى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئاياقلاشتۇرالمىسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا ئېلىيە ۋىيزېل بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىشتا رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ياردەم فوندى ئارقىلىق ئۆزگىرىش ياساشنى ئۈمىد قىلساقمۇ، ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. مېنىڭ دادام يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەيتتى-‹زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلار ئۈچۈن دۇنيا ئۆزىگە بىر ئىش قىلىپ بېرەلمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىۋاتقانلىقىنى، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلىشمۇ يېـتەرلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ يېرىم قىلىدىغىنى، ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقى› دەيتتى. شۇڭا بىز بۇ ياردەم فوندى ئارقىلىق دەماللىققا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىساقمۇ، داۋانىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىشىغا ياردەم قىلالىساق، تېخىمۇ كۆپ تەشكىلاتلارنى بۇ مەسىلىنىڭ ئەتراپىغا توپلىيالىساق، ئۇيغۇرلاردا ‹دۇنيا تېز سۈرئەتتە مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بېرەلمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا بىزنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەر باركەن› دېگەن ئوي-پىكىرنى پەيدا قىلالىساق، شۇنىڭ ئۆزىمۇ بىز ئۈچۈن زور نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىيە ۋىيزېل فوندى ياردەم پۇلىنى 2023-يىلىنىڭ بېشىدا تارقىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان تەشكىلاتنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈنچى مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى تەشكىللەپ چىققان. بۇ كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلار ئورگىنىنىڭ رەئىسى ناتان شارانسكىي، فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ قىزى گۈلخۇمار خاتىۋاجى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىكەن. ئېلىشا ۋىيزېل سۆزىدە، بۇ مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىدە لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ قىزىنىڭ يەر ئالغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىر ئەزا بولۇشىنىڭ مۇكاپاتنى ئالىدىغان توغرا ئورگاننى تاللاشتا مۇھىملىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىزگە ياردەم مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان ئورگاننى تاللىغاندا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى چۈشەندۈرۈپ، شۇ ئورگان ۋە ئۇنىڭ بېشىدىكى كىشىلەرنىڭ چوقۇم بىلىملىك، ئەتراپلىق، يىراقنى كۆرىدىغان ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلاردىن نۇرغۇن مەلۇماتلارنى تەلەپ قىلىمىز. بىزنىڭ نوقۇل شۇنداق بولۇشى كېرەك، دەيدىغان ئۆلچىمىمىز يوق. ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ جاسارەت بىلەن ئىش قىلىۋاتقان بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم، بىز بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنى خالايمىز. ئاندىن بۇ كىشىلەرنىڭ ساپاسى، ئۇلارنىڭ خىزمەتلەرنى لايىقىدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، يىراقنى كۆرىدىغان بولۇشى ۋە ھەمكارلىشىپ ئىشلەشتەك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئېلتىماس قىلغان تەشكىلاتلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرىشىمىز، ئۇلار بىلەن سۆھبەت قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى ئاڭلايمىز ۋە شۇ ئارقىلىق بېكىتىمىز. مەن بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىدە دۇنيانىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن بەرگەن «قايتا تەكرارلانمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، يەھۇدىيلار ئۇچرىغاندەك ئېغىر چىقىم كەپ چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. ئېلىشا ۋىيزېل رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ھازىر ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلار ۋە بۇ زۇلۇمغا يانتاياق بولغانلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ تارىخقا يېزىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كەلگۈسىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەر بىر دۆلەتنى تارىخنىڭ توغرا سەھىپىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تارىخنىڭ توغرا بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۇنىڭغا قارايدۇ ۋە كىمنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. يېقىندا ‹يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدا ئامېرىكا› دەپ ئىسىم قويۇلغان بىر پارچە ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى ۋە ئۇنى ھەممە كىشى ئىنتايىن قىزىقىپ كۆردى. ئۇنىڭدا 1930-1940-يىللىرىدا (يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە) كىم نېمە قىلدى، دۆلەتلەر نېمە قىلدى، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار نېمە قىلدى، ھەممىنى كۆردۇق. دۆلەتلەر كۆز ئالدىدىكى تىجارەت، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ، ئۆزىگە قولاي بولغاننى تاللايدۇ، بىراق ئۇلار كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن توغرا بولغاننى قىلىشى كېرەك. مەن ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئېلىشا ۋىيزېلنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئورگانلارنىڭ پىكرىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ بۇنىڭغا مىسال بېرىپ، ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا خەلقئارا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۆز قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق ئۈچۈن قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ھازىر ب د ت نىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا مېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقىم ئۈچۈن بېسىم قىلغان، ئىنتايىن ئاستا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە ناھايىتى بيۇكراتىك ئورگان بولغان ب د ت چېغىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتتى. بۇ كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. مەن بۇ ئۆزگىرىشنىڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
ئېلىشا ۋېيزېل ب د ت دا سۆزلىگەن ئۈچ مىنۇتلۇق نۇتۇقىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇ شۇ كۈنىدىكى نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «دادام ئۆز ئېتىقادىنىڭ دۇنيانىڭ ئەركىنلىكى ۋە باراۋەرلىكىنى نىشان قىلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى. بىز شۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالامدۇق؟ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتىدۇ ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەر بىلەن تونۇشتۇم، مەن ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىمەن. ئەمما بىز يەنىلا ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋېرىمىزمۇ؟ بىز ئۇلارنى قۇتقۇزۇشىمىز، قۇربان مامۇت، يالقۇن روزى، ئىلھام توختى قاتارلىق غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشىمىز كېرەك!»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، يەھۇدىي جامائىتىنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-دەردىگە يېتىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئېلىيە ۋىيزېلگە ئوخشاش يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە مۇشۇنداق بىر قىرغىنچىلىقنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلغان بىر شەخسنىڭ نامىدا قۇرۇلغان بىر فوندنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.