ھەر يىلى 27-يانۋار كۈنى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇ قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان مىليونلارچە كىشىنى ئەسلەيدىغان كۈن. 1945-يىلى 27-يانۋار كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى ناتسىستلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى پولشاغا كىرگەندە ناتسىستلارنىڭ ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرى بولغان-ئاشۋېتىز لاگېرىنى ۋە ئۇ لاگېرلاردا ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان 7000 دىن ئوشۇق يەھۇدىي تۇتقۇننى بايقىغان. ئاشۋېتىز لاگېرى ئازاد قىلىنغان 1945-يىلى، 27-يانۋار، شۇندىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە.
بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر قارا داغ ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر قورقۇنچلۇق تارىخنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن چاقىرىقلار ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ھال سوراش بىلەن بىرگە، بۇ تارىخنىڭ تەكرارلانماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا بۈگۈن تىۋىتتىر ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا ھازىر خىتايدا 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز، تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى رەئىسى، ئادوۋكات نۇرىي تۈركەل بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن بەرگەن ‹قايتا تەكرارلانمىسۇن›دېگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك»، دېدى. بولۇپمۇ ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بولسا بۈگۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلاردىن «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئىشەنچ فوندى» تەشكىلاتى لوندوندا ئۇيۇشتۇرغان چوڭ كۆلەملىك يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان. ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بوررىس جونسون، ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋىليام ۋە خانىمى كەيت مېدلىستونغا ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسىملار ئورۇن ئالغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 27-يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خاتىرىلەش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى يانداش پائالىيەتلەر داۋامىدا دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت خانىملار «بېرىتانىيەلىك يەھۇدىيلار ۋەكىللەر مۇنبىرى» تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
بىز «بېرىتانىيەلىك يەھۇدىيلار ۋەكىللەر مۇنبىرى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېدۋىن شۇكېر ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يەھۇدىيلار تۇتقۇن قىلىنغان «يەھۇدىي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور لاگېر» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئەھۋال. دۇنيادىكى كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ دەرىجىسىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار مەنچە بۇ لاگېرلارنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئەمما بىز بۇنى چوقۇم كىشىلەرگە بىلدۈرىمىز. بىز چوقۇم بۇ لاگېرلاردا يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانىنى ئىسپاتلاپ چىقىمىز. لاگېرلاردا مىليونلارچە كىشى يېتىۋاتىدۇ. يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن بېرى دۇنيادا تېخى بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىغان. ئەگەر دۇنيا بۇنىڭغىمۇ سۈكۈت قىلسا، ئۇ ھالدا بۇ 75 يىلدىن بېرى ھېچقانداق بىر نەتىجە ھاسىل قىلالمىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ»
ئېدۋىن شۇكېر ئەپەندى يەنە بۇندىن كېيىن «بېرىتانىيەلىك يەھۇدىيلار ۋەكىللەر مۇنبىرى» تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «75 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلەر ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى بىزگە ئەسلىمە قىلىپ قالدۇرۇش ئارقىلىق بىزگە، يەنى ھەربىر يەھۇدىيغا بىر ۋەزىپە تاپشۇردى. يەنى، بىز پۈتۈن دۇنياغا بىزگە قارىتا مانا مۇشۇنداق تراگېدىيەلەر يۈز بەردى. ئەمما بىز بىزگە قارىتا يۈز بەرگەنلەرنىڭ باشقا ھەرقانداق بىر كىشىگە يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىمىز. تەھدىتكە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىمىز، چۈنكى بۇ، بىز يەھۇدىيلارنىڭ مەسئۇلىيىتى».
0:00 / 0:00