15-ئاپرېل ئەنگلىيەدىكى «دۇنيا يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئۈچۈن مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان. مۇراجىئەتنامىدە خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مۇراجىئەتنامىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئورگان توپلانغان ئىقتىسادى ياردەم بىلەن تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى يېمەك-ئىچمەك، ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە پسىخىكىلىق داۋالاش قاتارلىق ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
مۇراجىئەتنامىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆز تارىخىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە يەھۇدىي جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەر تۈرلۈك ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. ئەمما ھازىر مۇھىم بولغان يەنە بىر مەسىلە 11 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتىدۇ. بىز ھەر تۈرلۈك ياردەمگە ئېھتىياجى بولغان بۇ ئۇيغۇر جامائىتىنى قوللاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك.»
«دۇنيا يەھۇدىيلار ئورتاق گەۋدىسى» ۋە ئەنگلىيە يەھۇدىي جامائەتلىرىنىڭ باش راببى ئەفرايىم مىرۋىس مۇراجىئەتنامىدە مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكىنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دەھشەتكە قارىتا نارازىلىقىمىزنى ئەمەلى ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىپادىلىشىمىز كېرەك. ‹دۇنيا يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى› بۇ جىددىي مۇراجىئەتنامە ئارقىلىق ئىنتايىن مۇھىم پائالىيەتنى قانات يايدۇرماقتا. مەن ئۇلارنىڭ ياردەمگە موھتاج بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. مەن ھەممىڭلارنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمەلىي ياردەمگە مۇھتاج يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ مۇراجىئەتنامىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.
«دۇنيا يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنى» نىڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئالاقە ئىشلىرى دېرىكتورى ئەننېي لېۋى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگىنى، شۇڭا بىز مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ، پۈتۈن ئىمكانلىرىمىزنى مۇشۇ مەسىلىگە مەركەزلەشتۈردۇق. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ياردەمگە مۇھتاج ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتۇق. تۈركىيەدىكى ئالتە مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق سالاھىيىتى تۈپەيلىدىن ئىش تاپالماسلىق، ئىشلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئائىلىسىنى قامدىيالماسلىق، پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاغرىپ قالسىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنەلمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتىكەن. تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە ۋەتىنىدە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشالماسلىقتەك ئېغىر روھى بىسىم تۈپەيلىدىن روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلەرمۇ كۆپ ئىكەن. شۇڭا بىز تۈركىيەدىكى يەرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىستانبۇل ۋە باشقا شەھەرلەردە تۇرۇشلۇق ئالتە مىڭ كىشىگە ياردەم بېرىش پىروگراممىسنى تۈزۈپ چىقتۇق. بىز مۇراجىئەتنامە ئارقىلىق يەھۇدىي جامائىتىدىن توپلانغان ياردەملەر ئارقىلىق قانچىلىك كىشىگە قانچىلىك ئۇزۇن ياردەم قىلالىساق شۇنچىلىك قىلماقچىمىز.»
ئەننېي لېۋى خانىم بۇ ياردەمنىڭ قايسى خىل ئۇسۇلدا ئېھتىياج ساھىبلىرىنىڭ قولىغا تېگىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان يەرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. بىز ئەڭ ئاز ئالتە ئاي بويىچە ئۇلار بىلەن بۇ ياردەمنى تارقىتىش ھەققىدە ھەمكارلىشىمىز. بىز ھازىر ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق يەھۇدىي جامائەتلىرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ياردەم قىلىشنى خالايدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك جامائەتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن توپلىغان ئىقتىسادى ياردەمنى ئىستانبۇلدىكى تارقىتىدىغان ئورۇنلارغا يەتكۈزىمىز.»
رەھىمە مەھمۇت خانىم يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىل ئىش بىجىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ياردەمگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدە بار ئىكەنلىكنى، تۈركىيەدىكى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدىكى «ئەيسا يۈسۈپ ئالپتىكىن ۋەخپىسى» ئارقىلىق بۇ ياردەملەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا ئەننېي لېۋى خانىم مۇنداق دېدى: «كاشكى تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلالىغان بولساق بەك ياخشى بولاتتى. ھەممە يەردە، ھەر دائىم ياردەمگە مۇھتاج ئەمما ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كىشىلەر بولىدۇ. بىز ئازراق بولسىمۇ بىر ئىش قىلالىغانلىقىمىزدىن خۇشال. يەھۇدىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز تارىختا ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، كۈنىمىزدە ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېسسىداشلىق ھېسسىياتىمىز كۈچلۈك بولىدۇ. ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتى ئۇيغۇرلار بىلەن قۇرغان بۇ مۇناسىۋەت بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ۋە ئالاھىدە. شۇڭا مەن بۇ يەردە زۇلۇمغا قارشى گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ئاسان ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز. رەھمەت!»