دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى: ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن يەھۇدىيلار ئۇچرىغان قىرغىنچىلىق باسقۇچلىرىنىڭ ئالامەتلىرى ئىپادىلەنمەكتە

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كونا ئاخبارات مۇنبەرلىرىدىن «فورۋەرتس» يەنى «ئالغا» تور ژۇرنىلىنىڭ 13-ماي سانىدا باش مۇھەررىرى جەن ئېيسنېرنىڭ «خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى يەھۇدىيلارنىڭ كۆرسىتىۋاتقان قارشىلىق ئىنكاسىنىڭ رولى بولامدۇ؟» تېمىسىدا تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ماقالىلەردىن مىسال كۆرسىتىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايدەك بىر قۇدرەتلىك دۆلەت تەرىپىدىن لاگېرغا قامىلىپ، دىنى، مەدەنىيىتى يوقىتىلىۋاتقان بولسا بۇ مەسىلىنىڭ چوقۇم بارلىق يەھۇدىيلارغا چېتىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى ھەققىدە شەپە بەرگەن ۋە خىتاينىڭ بىر مىليوندىن 3 مىليونغا قەدەر ئىنسانلارنى سولاپ ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركىزى دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى سولىغان لاگېرلارنىڭ ئىشىكىگە ‹ئەمگەك بىلەن ئازاد بولىسەن› دېگەن ۋىۋىسكىنى ئېسىپ كۆز بويىغىنى بىلەن ئوخشاش يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدا يەنە ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق چوڭ يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا يەھۇدىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى راببى سىمكخانىڭ «بىز يەھۇدىيلار ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ فاشىستلار تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىشىدەك پاجىئەنى ھەرگىزمۇ تەكرارلاتمايمىز دېگەن قەسەمياتىمىز بار، ۋە بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دېگەن سۆزىنى نەقىل ئالغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ، ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى رەئىسى ئەن دۇربىننىڭ «ئۇيغۇرلار بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئەلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرى، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ جەريانلىرىنىڭ تەكرارلىنىشىدۇر» دېگەن بايانلىرىنى كىرگۈزگەن.

دەل بۇ سۆزنى قىلغان دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ، ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى دىرېكتورى ئەن دۇربىن خانىم، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە-14 ماي مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق زۇلۇم سېلىشىنى توختىتىشقا بېسىم ئىشلىتىشى شەرت» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەدەنىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرى جەريانىدىكى تۇتقۇنلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان، خورلاش، قىيناشقا ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىىچىلىكلىرىنىڭ، خەلقئارالىق قانۇنلارغا پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئاخىرىدا ئاپتور ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشىنى توختىتىشى، خىتاينىڭ لاگېرلارغا قامىغان ئۇيغۇرلارنى شەرتسىز ھالدا دەرھال قويۇۋېتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.

دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ، ئىنسان ھەقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى رەئىسى ئەن دۇربىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە قىرغىنچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان زۇلۇملارنى كۆزىتىش ھەمدە ئالدىنى ئېلىشنى ۋەزىپە قىلغان دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ، مىليونلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا چىقىشى بىلەنلا ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى:

-ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇھىم چۈنكى، بىرىنچىدىن كۆلەم جەھەتتە لاگېرغا قامالغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن زور، ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليون ئىنسان تەسىرگە ئۇچرىماقتا. ئۇلارنىڭ باشتىن كۆچۈۋاتقانلىقى يەھۇدىيلارنىڭ تارىختا قىرغىنچىلىققا ئۇچراش جەريانلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

بۇلا ئەمەس يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلار ھەققىدىكى كۆزىتىشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىپادىلەنمەكتە ، مەسىلەن چوڭ جەمئىيەتتىن ئايرىم قالدۇرۇش، جازالاش، خورلاش، مەھرۇم قالدۇرۇش، ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بۇلارنىڭ ھەممىسى، قىرغىنچىلىقنىڭ بۇ قەدەم باسقۇچلىرى، بولار ئوخشىمىغان ماكان، زامان، مەدىيەتلەردە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلاردا تەكرار تەكرار يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

ئان خانىمدىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش خەۋپنى قانداق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئانالىز قىلىپ يەكۈنلىگەنلىكى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

-تەشكىلاتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى قىرغىنچىلىقنى كۆزىتىش تەشكىلات ۋە ئورگانلىرى بىلەن ئۇزۇن يىللىق ۋە كۈچلۈك ھەمكارلىقىمىز بار، بىز بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى ئورتاق ئانالىز قىلىمىز، ئەلۋەتتە «قىرغىنچىلىق» دېگەن يەكۈننى چىقىرىش ۋە قوللىنىشتا ئىنتايىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. لېكىن بۇ يەردە ئېنتىك تازىلاش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەتتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنتايىن قىممەت بىر پىلان يەنى بۇ لاگېرلارنى قۇرۇش، باشقۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىقتىسادىي مەبلەغ سالغان. لاگېرلاردىكىلەرگە قوللىنىلىۋاتقان جىسمانىي ۋە روھىي خورلاش، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋە باشقۇرۇشتىكى سىستېمىلىق سىياسەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ باستۇرۇشلىرى ھەر جەھەتتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلارنىڭ باسقۇچلىرى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە تەكرارلىنىۋاتىدۇ. لېكىن بىز كۈزىتىۋاتىمىز، دۇنيامۇ كۆزىتىۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىراقلا قىرغىنچىلىق قىلىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىمىز، شۇنداقلا بۇ بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز.

ئان خانىم يەنە ئۈز تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق قېرىنداش يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپى كىرگۈزگەنلىكىنى ۋە بەزى پىلانلىق خىزمەتلەرنى باشلىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتىمىز ھەمكارلىقتىكى تەشكىلاتلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىشكە چاقىردۇق ۋە تەشكىللىدۇق. بىز ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، -2019 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى، ۋە ماگنىتىسكي قانۇنى ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز گەرچە خەلقئارا مىقياسىدا خىزمەتلىرىمىزنى كېڭەيتىپ ئېلىپ بارىدىغان بىر تەشكىلات بولساقمۇ، تەشكىلاتىمىز ئورگىنى جايلاشقان لوس ئانگىلستا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى ۋە كېيىنكى خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىمىز. زۇلۇمغا ئۇچرىغان شۇ مىللەتنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالغان مۇھاجىرەتتىكى ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن.

دۇنيا يەھۇدىي كۆزىتىش تەشكىلاتى، باش شتابى لوس ئانگلسقا جايلاشقان دۇنيادىكى ئاساسلىق يەھۇدىي تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زۇلۇملارغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش، قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى ۋەزىپە قىلغان بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ئاساسلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا تەسىرى كۈچلۈك يەھۇدىي تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ.