خانقىز قۇربان: «ئاتا-ئانام خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە شاھىد بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا دۆلىتى-تۈركىيەگە قايتۇرۇلمايۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

دۆلىتىگە قايتالمايۋاتقان 45 يىللىق تۈركىيە ۋەتەندىشى يەھيا قۇربان ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھەققىدىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، قاغىلىقتىكى ئالاقىدار خادىملارمۇ يەھيا قۇربان ۋە ئايالىنىڭ قاغىلىقتا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۈركىيەگە قايتالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۇلارنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قىزى خانقىز قۇربان ئاتا-ئانىسىنىڭ تولىمۇ ئېھتىياتچان كىشىلەر ئىكەنلىكى، پەقەت ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن كەڭ‏-كۆلەملىك تۇتقۇنغا شاھىد بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا دۆلىتىگە قايتۇرۇلمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز 4 يىلدىن بۇيان دۆلتىگە قايتىپ كېلەلمىگەن تۈركىيە ۋەتەندىشى يەھيا قۇربان بىلەن ئايالى ئامىنە قۇرباننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. ئەلچىخانا خادىملىرى دەسلەپتە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ پەقەت شۇ كىشىلەرنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىلا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، يەنىلا ئېلخەت ئارقىلىق مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

يەھيا قۇرباننىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پەرزەنلىرىدىن چوڭ قىزى خانقىز قۇربان ئاتا-ئانىسىنىڭ تولىمۇ ئېھتىياتچان كىشىلەر ئىكەنلىكى، خىتاي تەرەپنىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدىغان ئىشلاردىن ھاياتى بويى ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە ئۆزلىرىنىمۇ شۇ يوسۇندا تەربىيەلىگەنلىكى، شۇڭا قانۇنغا خىلاپ بىرەر قىلىمىشىنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

قاغىلىقتىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ ناھىيەدىكى چەت ئەللىكلەر توغرىلىق سوئالىمىزغا جاۋابەن تۈركىيە ۋەتەندىشى يەھيا قۇربان بىلەن ئامىنە قۇرباننىڭ قاغىلىقتا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۇ لارنىڭ نەدە ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئاتا-ئانىسىنىڭ قانۇنىي ۋە سلامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن خانقىز قۇربان، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مال-مۈلكى، يەنى ئولتۇراق ئۆيى، دۇكىنى، دۇكىنىدىكى بىر قىسىم قىممەتلىك ماللىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

قاغىلىقتىكى بىر ساقچى خادىمى، يەھيا قۇربان ۋە ئايالىنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە دۆلىتىگە قايتالماسلىق سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، يەھيا قۇربان ۋە ئايالىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتى ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلار قۇرۇلۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ بولغان مەزگىل بولۇپ، بۇ چاغدا خانقىز قۇربان ئۈرۈمچىدە دۇكان ئېچىۋاتقان دادىسىغا تېلېفون قىلىپ ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن. يەھيا قۇربان ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىگە خەتەر يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ پەرزەنتلىرىنى خاتىرجەم قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن خانقىز قۇربان دادىسىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە شاھىد بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە دۆلىتى-تۈركىيەگە قايتۇرۇلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدادۆلىتىگە قايتالمايۋاتقان تۈركىيە ۋەتەندىشى يەھيا قۇربان بىلەن ئامىنە قۇرباننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.