مەلۇم بولۇشىچە، 4 يىلدىن بۇيان دۆلىتىگە قايتالمايۋاتقان تۈركىيە پۇقراسى يەھيا قۇربان، بۇ يىل روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى تۇنجى قېتىم تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن ۋىديولۇق كۆرۈشكەن. ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى بۇ كۆرۈشۈشتە يەھيا قۇرباننىڭ چوڭ قىزى خانقىز قۇربان دادىسىدىن ئۇنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقى سالاھىيىتىنىڭ ئىناۋەتكە ئېلىنغان-ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى سورىغان. بۇنىڭغا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يەھيا قۇربان تۈركىيە پاسپورتىنىڭ 2017 -يىلى تارتىۋېلىنغانلىقى، قولىدا ھېچقانداق بىر كىملىك بەلگىسى يوقلۇقى؛ قاغىلىقتا تۇغۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە شۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى «جۇڭگو ۋەتەندىشى ئەمەس» مۇ دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەھيا قۇرباننىڭ چوڭ قىزى خانقىز قۇربان، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشىدە، نۇقتىلىق ھالدا دادىسىنىڭ قانۇنى سالاھىيىتى، يەنى ئۆزىگە جازا كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى، بولۇپمۇ تۈركىيە پۇقرالىقى سالاھىيىتىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان. يەھيا قۇربان ۋە ئامىنە قۇربان سۆھبەت داۋامىدا بەزىدە گەپ ياساپ پەرزەنتلىرىگە تەسەللى بەرسە، بەزىدە گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكەپ، سورالغان سوئاللارغا ئۇدۇل ۋە نەق جاۋاب بېرىشتىن مۇمكىن قەدەر ئۆزىنى قاچۇرغان. يەھيا يەنە گەپ ئارىلىرىدا كومپارتىيەنى ۋە خىتاي دۆلىتىنى ماختايدىغان سۆزلەرنىمۇ قىستۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ ئەركىن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. بۇ گەپلەردىن ساقچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان خانقىز قۇربان، سوئاللىرىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشكە تىرىشقان. ئۇ دادىسىدىن تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى سالاھىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغان-قىلىنمايۋاتقانلىقىنى 4 -قېتىم سورىغىنىدا، ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ۋە دادىسىمۇ، ئوخشاشلا، بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتقان. خانقىزنىڭ دېيىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە تۈركىيە ۋەتەندىشى ئىكەنلىكى، ئەمما پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان يەھيا قۇربان، يانلىرىدا ئولتۇرغان ئىككى نازارەتچى خادىمغا قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە قاغىلىقتا تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە قاغىلىقتا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى «جۇڭگو پۇقراسى ئەمەس» مۇ دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، يەھيا قۇربان 2017 -يىلى ئۈرۈمچىدە تۇتۇلۇپ قاغىلىققا ئەكېتىلگەندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن ئىككى يىلغىچە ئالاقە قىلمىغان. 2019 -يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 2-3 ئايدا بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 2-3 مىنۇتتا تېلېفوندا سۆزلەشكەن. ئۇ قېتىمقى سۆزلىشىشلەردە خانقىز قۇربان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورگانلىرىدىنمۇ خانقىز قۇربان ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بۇ ئەھۋالنى رادىيومىز ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلىغانىدى.
دىدارلىشىش ۋە دەرتلىشىشنىڭ پارچىلانغان مەزكۇر ئائىلىسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوڭشىيالمايدىغانلىقى ۋە جاراھىتىنى ساقايتالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خانقىز قۇربان، بەدىلى نېمە بولسا-بولسۇن ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولمىغۇچە ئۆز ئائىلە پاجىئەسىنى دۇنياغا يېيىشتىن توختىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.