خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ 8-يىللىقى خاتىرە كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 21-ئىيۇل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى، ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان شېھىتلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە ئاخبارات، بايانات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇشقا، بۇ ئارقىلىق مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قايتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە سېلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر بايانات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەن نايىھەىسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغان رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى›دىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەڭ زور سىياسىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ھەر يىلى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانخورلۇقى ۋە زالىملىقىنىڭ ئىسپاتى ۋە دەلىلى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنى يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ نامايىشىغا ئوخشاش بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىمىز».
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر يىلى يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆپرەك تۈرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك دەلىل-ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، بۇنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۈچ نۇقتىغا ئىخچاملاشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇقەددەس روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ كۆپ ساندا ئادەم قىرغىن قىلىنغان ۋە ۋەقەدىن كېيىن نەچچە كۈنلەپ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىلغانىدى.