2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ قەتلىئامىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان، ھاكىم ئەخەت سايىت قاتارلىق بىرقانچە كىشىگە بولسا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەنىدى.
شۇ كۈنكى ۋەقەدە دۆڭباغ يېزىسىنىڭ باشلىقى غۇلام توختى بىلەن سېكرېتارى ئابدۇغېنى تۇردىمۇ «تېررورچىلار» بىلەن بىرلىكتە خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. شۇ يىلدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ھاكىم ئەخەت سايىتنىڭ، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە ئوق چىقارماسلىق ھەققىدە مۇراجىئەت قىلغانلىقى مەلۇم بولغان. ۋەقەدە ئېتىۋېتىلگەن يۇقىرىقى ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ شۇ چاغدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھاكىم ئەخەت سايىتنىڭ ئوق چىقارماسلىق تەشەببۇسىغا ئەينى چاغدا دائىرىلەر ئىجابىي باھا بەرگەن؛ شۇڭا ئۇنىڭغا يېنىكرەك بولغان ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىپ، ۋەزىپىسىدە ساقلاپ قالغان.
«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 2021-يىلى 8-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئەخەت سايىت «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە ئۇنى بۇنداق ئاتىغان ئېلىشقۇ بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى بازار باشلىقى، سابىق دۆلەت ئامانلىق ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرمەمەت ئوبۇل، ئەخەت سايىتنىڭ ناھىيەدە «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر» نى ئالاھىدە قانات ئاستىغا ئالغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن دىنىي زاتلارنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىن توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىمغىچە ھەممە ئىشلارغا قول تىقىدىغان ھالغا يەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە شۇ چاغدا، ئەخەت سايىتنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ، «پۈتۈن دىنىي زاتلارنى سولىۋەتسەڭ، مەسچىتلەردە كىم ناماز ئوقۇيدۇ؟» دەپ ئۆزىنى سوراققا تارتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ خەۋەردە گەرچە، ئەخەت سايىتنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنىي ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ ئاشكارا تىلغا ئېلىنىشى ئۇنىڭ نۆۋەتتە قانۇنىي جەھەتتىن جىنايەتچى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
بىز بۇ ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يەكەن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق ۋە «28-ئىيۇل» سەۋەبلىك قايسى ئەمەلدارلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم ھاكىم ئەخەت سايىت، يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى مۇختەر ئەمەت قاتارلىق ئاز دېگەندە بەش كىشىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ سوتلىنىپ-سوتلانمىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەكەن بازارلىق ساقچى خادىمى، ئەخەت ھاكىمنىڭ 2017-يىلى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» دولقۇنىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ چاغدا بازارلىق ساقچىخانا خادىملىرى ئەخەت سايىتنى كېچىدە ئۆيىدىن تۇتۇپ ئەكەلگەن ۋە ئەتىسى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ ئۇچۇرلاردىن ئەخەت سايىتنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما، ئەمما قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە قايسى تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.