2014-يىلىدىكى «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر.
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە پەقەتلا 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق مۇستەقىل تاراتقۇلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئابابەكرى مۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى «ۋەقە ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان» «چەتئەلگە ئۇچۇر يوللىغان» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان ھەمدە ئۇنى تېلېۋىزوردا سۆزلىتىپ، ئۆز «جىنايىتى» گە توۋا قىلدۇرغان ئىدى.
«يەركەن قىرغىنچىلىقى» غا 5 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر تۇتقۇندىكى ئابابەكرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا خەلقئارا تاراتقۇلار تۈرمىدىكى ئابابەكرى مۇھەممەتنىڭ تەقدىرىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «يەركەن قىرغىنچىلىقى» جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
«يەركەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ كىشىلەر ھەققىدە چەتئەلگە ئۇچۇر يوللىغان ۋە شۇ سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان ئابابەكرى مۇھەممەتنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى دادىسى ۋە سىڭلىسى تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچتى.
ئابابەكرىنىڭ ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دادىسى مۇھەممەت ئەپەندى، ۋە سىڭلىسى زۆھرە مۇھەممەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئابابەكرىنىڭ قانداق تۇتۇلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا نېمە جىنايەتلەرنى ئارتىپ سوتلىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تەپتىش دائىرىلىرى ئابابەكرى مۇھەممەتكە «پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق بىرقانچە خىل «جىنايەت» ئارتىپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىكەن.
ئابابەكرىنىڭ سىڭلىسى زۆھرەنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار ئەسلى يەكەنلىك بولۇپ، 1996-يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يەكەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەزگىلدە، ئۇلار يەكەندىن كەلگەن سودىگەر تۇغقانلىرىدىن قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان. ئۇنىڭ ئاكىسى ئابابەكرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، يەكەندىكى دوستلىرى ئارقىلىق ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ۋە باشقا بىر قىسىم تەپسىلاتلار ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئابابەكرى ۋەقەدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە، 30-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە تام ئاتلاش يۇمتالىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى چەتئەللەرگە يوللىغان ئىكەن. زۆھرە ئەينى ۋاقىتتا ئاكىسىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئۆزىگە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
زۆھرە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاكىسى ئابابەكرىنى تۇتقۇن قىلىش جەريانى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاكىسى ئابابەكرى يەركەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ بىرقانچە كۈندىن كېيىنلا خىتاي ساقچىلىرى بۇ ئائىلىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان. خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيى جايلاشقان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى مەھەللىسىنى قامال قىلىپ، كىرگەن-چىققانلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ئابابەكرىنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن دادىسى مۇھەممەت ئەپەندى ۋە ئاكىسى مەھمۇت مۇھەممەت بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن.
بىر كۈندىن كېيىن ساقچىلار ئابابەكرىنىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسى مەھمۇتقا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئابابەكرىنى قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشىغا مەجبۇرىي قول قويدۇرغان. ئاندىن ئۇلار ئىككىسىنى قويۇپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئابابەكرى رەسمىي قولغا ئېلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، جەمئىي 5 كۈن تېلېۋىزىيەدە مەخسۇس پروگرامما تارقىتىپ، ئابابەكرىنىڭ «يەركەن ۋەقەسى» ھەققىدە «پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلىقى» نى ئۇنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن سۆزلەتكەن شۇنداقلا ئۇنى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ئاۋام ئالدىدا «جىنايىتىگە تۆۋە قىلدۇرغان».
زۆھرە يەنە 4-ئاكىسى ئابابەكرى تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى كۈنلەردە ئائىلىسىدىكى ھەممەيلەننىڭ قاتتىق قورقۇنۇچ ۋە ۋەھىمە ئىچىدە قالغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىشكە ۋە ئابابەكرى ھەققىدە ئائىلىسى بويىچە سۈكۈت قىلىشقا قارار قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
زۆھرەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار بۇ ئائىلىدە بىرقانچە كۈن ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. ساقچىلار يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەگەر ئابابەكرى جىنايەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىقرار قىلسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېنىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئائىلە ئەزالىرىنى ئابەبەكرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇشقا قىستىغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئارىدىن بىر يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئابابەكرى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا «پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەت پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق بىرقانچە خىل جىنايەت ئارتىپ، 9 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
زۆھرەنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابابەكرىگە سوت ئېچىلىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سانجىدىكى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەن. دەسلەپكى مەزگىللەردە تۈرمە دائىرىلىرى ئابابەكرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم ئابابەكرىنى يوقلاپ تۇرۇشقا رۇخسەت بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇلار ئابابەكرىنى پەقەت بىر قېتىملا يوقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
زۆھرە يەنە ئاكىسى ئابابەكرى سەۋەبلىك بۇ ئائىلىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشتەك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنىمۇ بايان قىلىپ ئۆتتى.
زۆھرە يەنە ئۆزى ۋە دادىسى مۇھەممەت ئەپەندى تۈركىيەگە كەتكەندىن كېيىن، ئانىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىدىن مەخمۇتجان مۇھەممەت، ئەخمەتجان مۇھەممەت، ئابلاجان مۇھەممەت قاتارلىق3 ئاكىسىنىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش› نامىدا ئۈرۈمچىدىكى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى، يېقىندا ئانىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان بولسىمۇ ئەمما ئۈچ ئاكىسىنىڭ يەنىلا لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00