يەكەن 2-كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ 90 نەچچە ئوقۇغۇچىسىنى ۋەنخې شىركىتىگە «ساتقان»

0:00 / 0:00

يەكەن كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز رازىلىقىسىز، مەكتەپ تەرىپىدىن ۋەنخې فابرىكىسىغا توختام بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن.

ۋەنخې كىيىم فابرىكىسىدا ئىشقا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە، يەكەن 2-كەسپىي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆز رازىلىقىسىز ھالدا، مەكتەپ تەرىپىدىن مەزكۇر فابرىكىغا نامەلۇم بىر توختام بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىزلار فابرىكىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەندەك، كەسپىي مەكتەپكىمۇ مەجبۇرىي ئاپىرىلغانىكەن.

مارالبېشىدىكى ۋەنخې كىيىم فابرىكىسىغا ئىشچىلارنى يوللىغان بىر كەنت كادىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەسلىدە ئۇ ئىشچىلار فابرىكىغا ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇ پەقەت بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ماقۇل كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ۋە بۇ قىزلارنىڭ ئۆيىدىن يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ فابرىكىغا بېرىش جەريانىدىكى سەپەر تەييارلىقلىرىغا ھەمكارلاشقان.

دېيىلىشىچە ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسىغا 2017 ‏-يىلى يەكەن 2 ‏-كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپتىن 90 نەپەر ئوقۇغۇچى يۆتكەپ كېلىنگەن. يۆتكەش مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن فابرىكا ئارىسىدا تۈزۈلگەن نامەلۇم بىر توختامغا ئاساسەن بولغان. توختامنىڭ مەزمۇنىدىن بۇ ئىشچىلار ئۆزىمۇ، ئاتا‏-ئانىسىمۇ خەۋەرلەندۈرۈلمىگەن. كەنت كادىرلىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىشقا مەسئۇل بولغان بولسا، فابرىكا ۋە مەكتەپ تەرەپتىن ياللانغان تۇرسۇنگۈل مەمتىمىن ئىسىملىك بىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى فابرىكىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا مەسئۇل بولغان.

تۇرسۇنگۈل مەمتىمىننىڭ مائاشى 6000 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمى مەكتەپ تەرىپىدىن، يېرىمى فابرىكا تەرىپىدىن بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، فابرىكا بىلەن مەكتەپ ئارىسىدىكى توختام قۇربانجان ئىسىملىك مۇدىر تەرىپىدىن ئىمزالانغان.

بۇ كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ ئادەتتە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆرلەپ ئوقۇشقا نومۇرى كەملەپ قالغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ بۇ مەكتەپكە كېلىشى مەجبۇرىي ئىكەن. بىز ۋەنخې شىركىتى بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن توختامنىڭ مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر مەكتەپ رەھبەرلىرىگە تېلېفون قىلدۇق، تېلېفونىمىز ئېلىنمىغاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپنى باشقۇرۇۋاتقان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار ئىدارە باشلىقى بۇ توختامنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر ئىشچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مەكتەپنىڭ مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنى فابرىكىغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىۋەتكەنلىكىنى دەلىللىدى. ۋەنخې كىيىم-كېچەك فابرىكىسىنىڭ ئامانلىق خادىمىمۇ فابرىكا بىلەن مەزكۇر ئارىسىدا، بىر مەخپىي كېلىشىم بارلىقىنى دەلىللىدى.