«28-ئىيۇل يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ 9 يىللىق خاتىرىسىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يەنە تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

«28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ توققۇز يىللىق خاتىرىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى قانلىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان يەركەن ئېلىشقۇ-خاڭدى يېزىلىرى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەشكە چاقىرغان ئىدى. 27-ئىيۇل كۈنى قۇرۇلتاينىڭ تور بېكىتىدە يەنە ئىنگلىز تىلىدا بايانات ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كەلگەن «28-ئىيۇل يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇنداق قىرغىنچلىقلارنى خاتىرىلەشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ «بىز ھەر يىلى ئوخشىمىغان قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەيمىز، ئەمما يەركەن قىرغىنچىلىقى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىي جىنايەتلىرىگە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا داۋاملىق دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ قىرغىنچىلىقلار چوقۇم مۇستەقىل ئورگانلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

28-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدە 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ-خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش ۋە بۇ توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەش نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «28-ئىيۇل يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئادەمسىز ئۇچقۇلار بىلەن قانلىق باستۇرغان.

ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەدە 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ 59 نەپىرىنىڭ «ئىسيانچى»، 37 نەپىرىنىڭ پۇقرا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما مەزكۇر قانلىق ۋەقە ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلاردا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى قوللىنىپ، زور ساندىكى بىگۇناھ پۇقرالارنى قىرغىن قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئىلگىرى رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەنى رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىن بىرىدە ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى ئاياللار بىر ئۆيگە يىغىلىپ تۈنەك كېچىسى ئۆتكۈزگەن. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان يېزىدىكى كادىرلار ۋە خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئاياللارنى ئوققا تۇتقان ۋە تۇتقۇن قىلغان. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەرلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جەسەتلەرنى كۆتۈرۈپ ساقچىخانىغا بېرىپ، ساقچىلاردىن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ساقچىلار ئۇلارغا ئوق چىقارغان. نەتىجىدە، يۇرت خەلقى قوزغىلىپ نارازىلىق نامايىش قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ساقچى ۋە ئارمىيەنى ئىشقا سېلىش قانلىق باستۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز يوشۇرۇپ كېلىنىۋاتقان «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» دا گەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھازىرغا قەدەر ئېنىق بولمىغان بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ 1990-يىلدىكى «5-ئاپرېل بارىن ئىنقىلابى»، 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى»، 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» غا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە يەركەندىكى ئېلىشقۇ-خاڭدى قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بارغانچە كۈچەيتكەن، مىللىي زۇلۇم، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش قاتارلىق بىر قاتار باستۇرۇش سىياسەتلىرى، يەكەن ئېلىشقۇ-خاڭدى يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا، قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق «28-ئىيۇل يەكەن قىرغىنچىلىقى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر «28-ئىيۇل يەركەندە يۈز بەرگەن، ئېلىشقۇ-خاڭدى قىرغىنچىلىقى» دا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار سانىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە ئەينى چاغدا مەزكۇر قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۇچۇر يوللىغانلىقى ئۈچۈن، «پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە قامالغان ئابابەكرى مەمەت ۋەقەسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ «يولۋاس ئورۇندۇق» قا باغلانغان ھالىتى ئىپادىلەنگەن رەسىمنىڭ «28-ئىيۇل يەركەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان سۈرەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 9 يىلدىن بۇيان 2014-يىلى يۈز بەرگەن «28-ئىيۇل يەركەن ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى خەۋەر-ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلمەكتە. ئەينى چاغدا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىغان ئۇيغۇرلاردىن ئۈرۈمچىدىكى 21 ياشلىق يەركەنلىك ياش ئابابەكرى مەمەتنى «ۋەقە ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان»، «چەتئەلگە ئۇچۇر يوللىغان» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان ئىدى.

ئابابەكرى تۇتقۇن قىلىنىپ بىرقانچە يىلدىن كېيىن، تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى مەمەتنىڭ دادىسى مەمەت ئاكا ۋە سىڭلىسى زۆھرە خانىم، 2019-يىلى تۇنجى قېتىم ئابابەكرى مەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇلار بايانىدا ئابابەكرى مەمەتنىڭ 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئاۋۋال تېلېۋىزورغا چىقىرىلىپ تۆۋە قىلدۇرۇلغانلىقىنى، كېيىن 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.