يەكەنلىك مۇھەممەت تۇرسۇن ئاكىنىڭ مۇساپىرلىق ھېكايىسىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى داۋاملاشتۇرماقتا (2)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2023.12.04
muhemmed-tursun-oghli-turghunjan راۋالپىندى شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاي مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئوغلى تۇرغۇنجان
Photo: RFA

13ياش چېغىدا خىتاي زۇلۇمى سەۋەبلىك ئاتا- ئانىسى بىلەن ئاۋۋال ئافغانىستانغا كېيىن يەنە پاكىستانغا مۇساپىر بولغان، شۇندىن بۇيان راۋالپىندى شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاي مۇھەممەت تۇرسۇن ئاكا، ئافغانىستان ئۇرۇش مۇساپىرلىرى قاتارىدا 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا يەنە بىر نۆۋەت نۆۋەت مۇساپىر بولۇپ پاكىستانغا كەلگىنىدە، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۇرغۇنجان تېخى قۇچاقتىكى بالا ئىدى. ھازىر تۇرغۇنجان 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشىگە ئايلاندى، ھالبۇكى، ئۇ ئۆز ھاياتىدا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىي پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ باقمىغان. نۆۋەتتە پاكىستاندا داۋام قىلىۋاتقان «قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىش» شامىلىدا، ئۇلار پۈتۈن جەمەتى بىلەن بىللە قايتىدىن سەرسان بولۇش قىسمىتىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بۇ ئائىلىنىڭ پاكىستاندىكى مۇساپىرلىق ھېكايىلىرىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاشقا قىزىقسىڭىز، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تۇرغۇنجان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىز.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.