يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

2023.10.25

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىلدىن ئاشقاندا دۇنيا ئاخباراتى ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتى تەدرىجىي ھالدا باشقا دۇنياۋى تېمىلارغا بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتىدا 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىغا بېغىشلانغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ پائالىيەتلىرى باشلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئاكادېميەسى بىلەن يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقى ۋە تىرىشچانلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.