ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇننىڭ يولى قانداق ئېچىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خىتاي تەتقىقاتى بويىچە دىرېكتورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادىكى «زامانىۋى خىتاي» ژورنالىدا ئېلان قىلغان يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا، سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇننىڭ ئاساسلىق لايىھەلىگۈچىسى، چېن چۈەنگو بولسا ئۇنىڭ ئىجراچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە، ئۇنىڭ بۇرۇن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن باشقۇرۇش ئەندىزىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدە بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھەرقانداق سىياسەتنى «ئالدى بىلەن يەرلىك سىناق قىلىش، مەركەز تەستىقلاش ۋە قانۇنلاشتۇرۇش» شەكلى، «يۇقىرى بېكىتىش، تۆۋەندىكىلەر سىناق قىلىش، نەتىجىگە قاراپ مەركەز قانۇنلاشتۇرۇش» شەكلىگە ئۆزگەرگەن.

ئادرىيان زېنز، بۇ ئەندىزە ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي تەجرىبە سىناقلىرىنىڭ ئاتالمىش قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا كەڭ كۆلەملىك «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» نىڭ يەرلىك شەكىللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئادرىيان زېنز بۇ دوكلاتتا تۇنجى قېتىم بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا سىياسىي تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» نامىدا «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قاماشقا يول ئېچىشىنىڭ سىياسىي باسقۇچلىرىنى نەزەرىيە جەھەتتىن شەرھلەپ چىققان. ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چوڭ تۇتقۇنى، يەرلىكنىڭ «ئىجادىي خاراكتېرلىك» يېڭى باستۇرۇش ئەندىزىلىرىنى تەجرىبە قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ، كومپارتىيە دۆلىتىنىڭ رايوندىكى نارازىلىقلارنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىت» دەپ باستۇرۇشىنىڭ «ئىجادىي ئەندىزىلىرى» نى يارىتىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن. ئادرىيان زېنز، «ئىجادىي زۇلۇملار: سىياسىي تەجرىبە ۋە بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى قايتا-تەربىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى» ناملىق دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەتراپى سىياسىي جەھەتتىن پەۋقۇلئاددە سەزگۈر بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭنىڭ يەنىلا مەركىزى ھۆكۈمەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ‹ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش›نىڭ يەرلىك تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي تەجرىبە شەكىللىرىنى سىناق قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن بىز 24-فېۋرال ئادرىيان زېنزنى مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق. زىيارەتتە ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ يەنى جاڭ چۈنشەن دەۋرىدە، ئۇيغۇرلاردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى تۈگىتىشنىڭ سىستېمىلىق تەييارلىق پىلانىنى باشلىغانىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ 2013-يىلى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش‹دىنىي ئاشقۇنلۇق›تىن خالى قىلىشنىڭ سىستېمىلىق باسقۇچلىرىنى بېكىتىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق›نى مۇقەررەر تۈگىتىشكە كىرىشكەن. بۇنى شى جىنپىڭنىڭ 2024-يىلى ‹شىنجاڭ خىزمىتى› يىغىنىدا قىلغان مەخپىي كۆرسەتمىسى دەلىللىمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بىز شى جىنپىڭنىڭ شۇ قېتىملىق سۆزىدىن بىر قانچە ئاي كېيىن، رايوندا تۇنجى ‹تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەركىزى›نىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئورۇن ‹تەربىيەلەش ئارقىلىق ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش›تىكى يېڭى بىر خىل مەركەزلەشكەن ئەسلىھە ئىدى.»

ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2013-يىلى باشلانغان بۇ مۇساپە، «2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنغا يول ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا بىر قانچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن».

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىغا 2016-يىلى يۆتكەپ كېلىنگەن سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، بۇ باستۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئوينىغان ھالقىلىق رولى سەۋەبلىك چوڭ تۇتقۇننىڭ «باش لايىھەلىگۈچىسى» دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاساسلىق لايىھەلىگۈچىسى جاڭ چۈنشەن ئىكەن. دوكلاتتا، چېن چۈەنگو جاڭ چۈنشەننىڭ تۈزگەن ئۇيغۇرلاردىكى «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» لايىھەسىنىڭ ئىجراچىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا جاڭ چۈنشەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەردە «مۆتىدىل» خىتاي كادىرى، دېگەن قاراش بىلەن تونۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 2011-يىلى ئامېرىكادا زىيارەتتە بولغاندا يەرلىك ئىندىيانلار ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا ئالاھىدە تەكشۈرۈشتە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ بەزى ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى. ھالبۇكى، ئادرىيان زېنزنىڭ قەيت قىلىشىچە، دەلىللەر ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى 2009-يىلى باشلانغان بىر جەرياننىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا، يەنى 2013-، 2014- ۋە 2015-يىللىرى يۈز بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق ھۇجۇمى»، دەپ قارىغان ئايرىم ۋەقەلەرنىڭ چوڭ تۇتقۇن بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتمىگەن.

ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىر جەرياندەك قىلىدۇ. بۇ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ 2012- ۋە 2013-يىللىرىدا قىلغان بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ھەم بۇنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئائىت سۆزلىرىدىن ئېنىق بولماقتا. ناھايىتى ئېنىقكى، شى جىنپىڭ بۇ جەرياننى تەستىقلىغان، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ۋەزىيەتتىن ئالاھىدە ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەن ئېرىشكەن دەلىللەر شۇنى كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، بۇ بىر جەريان بولۇپ، 2009-يىلىدىن باشلانغاندەك قىلىدۇ. ئەمما مەن بۇنىڭ بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ئايرىم ۋەقەلەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتمىدىم.»

ئادرىيان زېنز، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش سىنىقىنىڭ جاڭ چۈنشەن دەۋرىدە باشلىنىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى: «بىز بۇ جەرياندىن شۇنى بىلەلەيمىز، ‹قايتا-تەربىيەلەش› نىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرلىرى، جۈملىدىن بۇنى قانداق ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا ‹قايتا-تەربىيەلەش›نى مەركەزلەشكەن ئالاھىدە ئەسلىھەلەردە يەنى لاگېرلاردا ئېلىپ بېرىش 2015-يىلىدىن باشلاپلا مۇقىملاشقان. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بۇ ئورۇنلار‹كەسپىي ماھارەت قايتا-تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دەپ ئاتالغان. بۇنىڭغا جاڭ چۈنشەن مەسئۇل بولغان. بۇ جەرياندىكى باستۇرۇشنىڭ بۇ خىل ‹سىياسىي ئەندىزىلىرى› جاڭ چۈنشەننىڭ دەۋرىدە يولغا قويۇپ بولغان».

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە باغلىنىشلىق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسى خىتايدا ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» سىستېمىسىدىكى بوشلۇقنى يەنى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن. ئادرىيان زېنز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى خىل سىستېمىنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىككىسى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق. مەن دوكلاتتا شىنجاڭدىكى ‹قايتا-تەربىيەلەش› لاگېرلىرىنىڭ خىتايدا بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ‹ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش› سىستېمىسىنىڭ يېڭىلانغان ھەم كۈچەيتىلگەن شەكلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 2-قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنى، ئۇنىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇنغا يېشىل چىراغ يېقىش يولىدىكى ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان. شى جىنپىڭنىڭ شۇ قېتىملىق يىغىندا «مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئاساسى سىياسىي يۆلىنىشى ئېنىق بولدى…. ئەمدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە تونۇشنى ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» دېگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

شۇ قېتىملىق يىغىندا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ خىزمىتى مەركىزى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ «مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئاساسى يۆلىنىشى قارار قىلىنىپ بولدى، ئەمدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىجرا قىلىش» دېگەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا يەرلىك دائىرىلەر باستۇرۇشنىڭ «ئەندىزىلىرى» نى قانداق سىناق قىلىشقا تەرەددۇت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى يېقىندىن نازارەت قىلىپ، بۇنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمە بەرگەن. ئادرىيان زېنز: «مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەزىيەتتىن يېقىندىن خەۋەرلەندۈرۈلۈپ تۇرغان ۋە بۇ تەدبىرلەرنى تەستىقلىغان. يەنى بۇ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن. بىزنىڭ ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى›دىن ئېرىشكەن بۇنىڭغا دائىر دەلىللىرىمىز بار» دەپ كۆرسەتتى.

ئادرىيان زېنزنىڭ «ئىجادىي زۇلۇملار: سىياسىي تەجرىبە ۋە بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى قايتا-تەربىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى» ناملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، «گەرچە بېيجىڭ ‹كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى›نىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ ئىجرائات ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ‹يەرلىك باستۇرۇش ئەندىزىلىرى›نى سىناق قىلىشى، تەتبىقلىشى ۋە تۇتقۇندىكى باستۇرۇش نىشانلىرىغا قارىتا ئەڭ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن» ئىكەن.

چوڭ ھەجىملىك بۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭ مەسىلىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ‹باستۇرۇشنىڭ ئىجادىي ئەندىزىلىرى›گە دائىر سىياسىي سىناق، بۇ، كېيىنكى ئەۋلاد بىخەتەرلىك مېتودلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىمكان ياراتماقتا. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكى كۈنسېرى قاتتىقلىشىۋاتقان پەيتتە، كومپارتىيەنىڭ رىقابەتكە دۇچ كەلسە، ئۇنىڭ يەنىلا ئىنقىلاب دەۋرىدىن قالغان خاراكتېرىنى ئىشقا سېلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى، قايتا بىر كىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا مەركەزلەشتۈرۈشى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشتا ‹ئىجادىي سىياسىي ئەندىزىلەر›نى ئىجات قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئاجىزلاتمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.»