يېڭى دوكلات: «خىتايدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى»
2024.07.23

يېقىندا ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ماگنۇس فىسكەسيۆ (Magnus Fiskesjö) بىلەن كانادادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىرلىكتە «خىتايدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى» ماۋزۇسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلغان. بۇ دوكلات 19-ئىيۇل كۈنى كانادادىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلاتتا نۇقتىلىق قىلىپ 2017-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە باشلانغان زور كۆلەملىك تۇتقۇندا ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئائىلىسىدىن مەھرۇم قالغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇلاھىزە قىلىنغان.
دوكلات «مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار»، «2017-يىلىدىكى يېڭى ئىرقىي قىرغىنچىلىق-بالىلار نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى؟»، «خىتاينىڭ بالىلارنى كەڭ كۆلەمدە ئائىلىلىرىدىن ئايرىشى ۋە تۈزۈملەشكەن تەربىيەنىڭ تەسىرى»، «خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھەرىكىتى ۋە ئورگانلىرى توغرىسىدىكى رەسمىي باياناتلىرىغا دائىر ئىسپاتلار» ۋە ئاخىرقى «خۇلاسە» قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلارنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم بولۇشىنى چەكلىشى ۋە مېڭە يۇيۇش، ئانا تىلىنى چەكلەشكە دائىر نۇرغۇن جانلىق ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلات ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق دوتسېنتى ماگنۇس فىسكەسيۆنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە دوكلاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چوڭلارغا مەركەزلىشىپ قالغان. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش ۋە بۇنىڭغا دىققەت قوزغاش مەقسىتىدە بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار ۋە خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چوڭلار ھەققىدە بولدى. 2017-يىلىدىن بۇيانقى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەن چوڭلار تىلغا ئېلىندى، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچرىغان دەپسەندىچىلىكلەرمۇ دىققەت نۇقتىسى بولدى. بىراق، ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى بولسا نەزەردىن چۈشۈپ قالدى. شۇڭا مەن ۋە رۇقىيە ئىككىمىز بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن بۇ دوكلاتنى يېزىپ چىقىشنى قارار قىلدۇق.»
ماگنۇس ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بۇ مەقسەتتە يەنە، 2023-يىلى 27-ئۆكتەبىر كۈنى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتلىرى بۆلۈمىدە «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا رۇقىيە تۇردۇش خانىم، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم ۋە بالىلىرى، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئادرىئان زېنز، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوتسېنتى ماگنۇس فىسكېسيۆ، شۇنىڭدەك شىمالىي ئامېرىكادىكى يەرلىك قەبىلىلەردىن كەلگەن ۋە مەخسۇس مۇشۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر ھەققىدە تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان جەيمىس پالمىر ۋە ئەمىي بومباي قاتارلىق دوتسېنتلار تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى بولغان رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، بۇ دوكلات يۇقىرىدىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتىلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ مەقسىتى تولۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە، يۈز مىڭلىغان بالىلار دۆلەت قارمىقىدىكى مەكتەپ ۋە يېتىم-يېسىرخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. ئائىلىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىدىن ئايرىۋېتىلگەن بۇ بالىلارنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىشى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىدە ياشىشى چەكلەنگەن. ئۇلار ھەتتا شۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن تاياق يېيىش ۋە قىيناش قاتارلىق ئېغىر جازالارغا دۇچ كەلگەن.
ماگنۇس فىسكەسيۆنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يۈز مىڭلىغان بالىلار ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرى يۇقىرىدىكىدەك ۋەزىيەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«يۈز مىڭلىغان بالىلار ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇلار ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەشتىن، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتىن چەكلەنگەن. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولانغان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەن. بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى كۆرۈشى چەكلەنگەن، بەلكىم مۇتلەق كۆپى ئاتا-ئانىلىرىنى مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. بىر قىسىملىرى گەرچە ئائىلە ئەزالىرىنى كۆرەلىسىمۇ بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بۇ بالىلاردىكى ئۇيغۇرلۇقنى يوقىتىشتىن ئىبارەت.»
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەسى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك جەھەتتىكى يوقىتىشقا بەكرەك مەركەزلەشكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي مۇئەسسەسەلىرىنى، مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەسىدىكى يېتەكچىلەرنى تۈرمىلەرگە سولىشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بالىلارنى نىشانلىشى بۇنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
دوكلاتتا بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ئالاھىدە رەھىمسىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بالىلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ، ئۇلارنى خىتايچە سۆزلەيدىغان ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. بالىلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ سىياسەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.»
رۇقىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي ئىمزا قويغان «ب د ت بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ بولۇپ، ئۇلار بۇ دوكلات ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر بالىلىرىغا تارتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇ بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان مەزگىللەردىلا ئاشكارا ھالدا «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى بوغۇپ تاشلاش، مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش» ھەققىدىكى شوئارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر مۇھىم نىشانى دەل ئۇيغۇر سەبىيلىرى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالغان ئىدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان يېڭى دوكلات بولسا بۇ خىل ئاچچىق رېئاللىقنى تېخىمۇ تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەنلىكى بىلەن زور دەرىجىدە ئالقىشلانماقتا.