خۇپىڭ: «خىتاي يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى خىتايلاردىن پەرقسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشنى ئىستەيدۇ! »

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «ئاخبارات تورى» نىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى بايىنغولۇن ئوبلاستى مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بەرپا قىلىش» قۇرۇلۇشىنى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەخلاقىي خاراكتېرىنى يېتىشتۈرۈش جەريانىغا زىچ بىرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى تەشۋىقىي تەربىيەنى جىددىي كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

«خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى ياش ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردا مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى يوق قىلىشتۇر»

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقىي-تەرغىباتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى، تارىخ-مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كۈچلۈك ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم كونكرېت تەدبىرلەرنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى:

«ھازىر خىتاينىڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بۇ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى، ماھىيەتتە خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيەنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر. خىتاي بۇ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ خىل تەربىيە ۋە تەدبىرلەرنىڭ مەقسىتى ئۇلارنى ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتىن، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋە ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاشتىن مەھرۇم قالدۇرۇشتۇر. بۇ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، خىتاي ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، بۇ رايونلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. ئاتالمىش ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى› نى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممە مىللەتلەرنى ئېرىتىپ، ئۇلارنى خىتاي مىللىتىنىڭ گەۋدىسىگە قوشۇۋېتىش ئۈچۈندۇر. بىز ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي شەكىلدىكى ھەر خىل خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھازىر خىتاي مائارىپقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن باشلاپلا ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى ياكى مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىشنى؛ ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە ۋە مىللىي كىملىكىگە بولغان تونۇشىنى يوق قىلىۋېتىشنى پىلان قىلماقتا. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەمەلىي نىشانىغا يەتكەن بولىدۇ.»

خىتاينىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەر قاتلاملاردىكى مائارىپ سىستېمىدا ياش-ئۆسمۈرلەرگە «مەنىۋىي جەھەتتە يىلتىزىدىن باشلاپ تەربىيەلەش» قۇرۇلۇشىنى جىددىي قانات يايدۇرغان. ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئوبلاست تەۋەسىدە ھازىرغىچە جەمئىي 28 مىڭ ئادەمگە سىستېمىلىق شەكىلدە سىياسىي ئىدىيە تەربىيەسى ئېلىپ بارغان.

«بايىنغولىن ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى بويىچە خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتى ئەڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلغان رايون»

ئۇيغۇر دىيارىدا 28 يىل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تىلىدىن دەرس بەرگەن، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىزىل تەلىم-تەربىيە تەشۋىقاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە داۋاملىق تۈردە جىددىي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى سىياسىي تەشۋىقات ۋە تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلى باشلانغان زور تۇتقۇندىن بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خىتاي «ئاخبارات تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە نۆۋەتتە ياش-ئۆسمۈرلەرگە «شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ھېكايىسىنى ياخشى يېزىش» تەشۋىقاتى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتىكەن. ئاتالمىش «توغراق روھى» ، «بىڭتۈەن روھى» نى تەرغىب قىلىدىغان ھەر خىل تىپتىكى 1300 مەيداندىن ئارتۇق تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا خىتاي كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن شېئىرىي نەمۇنىلەرنى ئوقۇش، يېزىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى ۋە خاتىرە كۈنلىرىنى تونۇشتۇرۇدىغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ خىلدىكى سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە پۈتۈن ئوبلاست بويىچە 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى سەپەرۋەر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 240 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، خېبېي ئۆلكىسىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن «قول تۇتۇشۇش» ۋە «دوستلىشىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياش-ئۆسمۈرلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپلا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بويىچە خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتنىڭ ئەڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان رايون ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ كىملىك قارىشىدا خىتايلار بىلەن ھېچ پەرقسىز بولغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا»

ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىغا كىچىكىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك خىتايچىلاشتۇرۇش تەربىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى:

«ئەگەر يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلى ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى چۈشەنمىسە، ئۇنداقتا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى يوقاتقان بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەتتۇر. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى دەل خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش، مىللىي كىملىكىنى غايىب قىلىۋېتىشتۇر. يەنى ئۇنىڭ نېگىزى، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇغان، مىللىي كىملىكىنى يوقاتقان ماڭقۇرتلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر. خىتاينىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەممىسىنى جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن گۇمران قىلىش؛ يەنى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قايسى مىللەتنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ياكى ئۆزلىرىنى خىتايلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق دەپ ئويلايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشتۇر. مانا بۇ خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى! »