دوكتور شۈكران ئوغۇز: «كىتابىمنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ۋە قەھرىمان ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلىدىم»
2024.02.15

2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدىن ۋە بەزى دۆلەتلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئەركىنلىك كۈرىشىگە بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيمەكتە. بۇ كىشىلەردىن بىرى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شۈكران ئوغۇز خانىمدۇر. ئۇ، يېقىندا يورۇق كۆرگەن «ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىغا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى ۋە قەھرىمان ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلايمەن» دېگەن سۆزلىرىنى يېزىش بىلەن كىتابنىڭ كىمگە ئاتالغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مەزكۇر كىتاب ئىزمىردىكى «پارادىگما ئاكادېمىيە نەشرىياتى» 1-ئاينىڭ 29-كۈنى نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاب ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى بويىچە تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان ئىزمىردىكى جەلال بايار ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شۈكران ئوغۇز خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن كىتابى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كىتابىمنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشىگە ۋە قەھرىمان ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلىدىم. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زالىم خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىگە قارىتا قەتئىي نىيەت بىلەن تەۋرەنمەستىن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى بولغان تىلى، دىنى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى خىتاينىڭ ئادەم قېلىپىدىن چىققان بېسىمىغا دۇچار بولماقتا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ مىللىي كۈرىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈرەش سەرگۈزەشتلىرىنى ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى، ئەركىنلىككە ۋە مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشلىرىمۇ قوللاش ئۈچۈن بۇ كىتابىمنى قەھرىمان ئۇيغۇر خەلقىگە بېغىشلىدىم» .
«ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان شۈكران ئوغۇز خانىم كىتابىدا ئورۇن بېرىلگەن تارىخىي قوشاقلارنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان تارىخىي قوشاقلار ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ژانىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمىي تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا ئۇيغۇر تارىخىدىكى قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەر بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ 18-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەردە مانجۇ ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ۋە بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىدە ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ مۇستەملىكىچى ۋە تاجاۋۇزچىلارغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. تارىخىي قوشاقلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە خەلقنىڭ بۇ جەرياندا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى خۇددى ھۆججەتلىك فىلىمغا ئوخشاش بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر تارىخى خەلق قوشاقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. شۇڭا مەن كىتابىمدا ئورۇن بەرگەن خەلق قوشاقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن» .
ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق ئەدەبىياتى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھازىرغىچە 14 دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، شۈكران ئوغۇز خانىم بۇلاردىن بىرى ئىكەن. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنىڭ كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «شۈكران ئوغۇز خانىم ئۆتكەن يىلى بۇ دوكتورلۇق ئىلمىي دىسسېرتاتسىيەسىنى تۈگىتىپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياقلىدى. ئەمدى بۇ كىتابىدا تەتقىق قىلىنغان تارىخىي قوشاقلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇچقۇنجان ئۆمەرنىڭ ‹ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى قامۇسى› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن قوشاقلاردۇر. بۇ قوشاقلارنىڭ كۆپى 18-19-ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قوشاقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت قوشاقلارمۇ بار. بۇ قوشاقلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بىز بۇ قوشاقلار ئىچىدىن تارىخىي شەخسلەر، تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي يەر-جايلار ھەققىدىكى قوشاقلارنى تاللاپ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلدۇق. بۇ قوشاقلارنى ئاغزاكى تارىخ تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشقا تىرىشتۇق. قوشاقلاردا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر ۋە كىشىلەرنى تارىخىي مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تارىخىي مەنبەلەردە بولمىغان يېڭى مەلۇماتلارغا ئېرىشىشكە تىرىشتۇق. نەتىجىدە ناھايىتى ياخشى بىر ئىلمىي ئەمگەك ئوتتۇرىغا چىقتى».
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، سىياسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كۈرەش تارىخىنى تونۇتۇشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن».
«ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتاب مۇقەددىمە، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى، فولكلور ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن تارىخىي قوشاقلارنىڭ مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرىنىڭ شەكىل ۋە رولى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى، ئۇيغۇر تارىخىي قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى، قوشاق تېكىستلىرى ۋە خۇلاسە قاتارلىق 6 باب، 563 بەتتىن تەركىب تاپقان.