ئادىلايدتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يېڭى ئېچىلغان كونسولخانىسىغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

30-مارت كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئادىلايد شەھرىدە يېڭىدىن ئېچىلغان خىتاي كونسۇلخانسىغا قارشى نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركسىتان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى تاش يارى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئاۋستىرالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئادىلايد تا پائالىيەت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، فالوڭگوڭچىلار، ۋېتناملىقلار ۋە بىر قانچە پارلامېنت ئەزالىرى شۇنداقلا يەرلىك خەلقلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى نامايىشنى قوللاپ قاتناشقان.

ئادىلايد شەھىرىدىكى خىتاينىڭ يېڭى كونسۇلخانىسى 30-مارت سەيشەنبە كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار خىتاي كونسولخانا ئالدىغا جەم بولۇپ خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان ۋە خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ ھەر خىل شوئارلار توۋلىغان.

ئاۋستىرالىيەدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرى. ئاتىدىكى سۈرەتتە، ئوڭدىن ئۈچىنچىسى خالىدە ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ نامايىش جەرىيانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئادىلايد شەھرىدە خىتاي كونسولخانىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئادىلايد خەلقى ئۈچۈن بىر ئاپەت بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە يەرلىك خەلقلەرنى خىتايدىن ئاگاھلاندۇرغان. نامايىش جەرىيانىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىنى توختىتىش، خىتاينىڭ تۈرملىرىگە ۋە لاگېرلىرىغا قامالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىنغان.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى نامايىش جەرىيانىدا يەنە ئاۋسترالىيە ئاخباراتلارغا خىتاپ قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىنىڭ قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئاۋسترالىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ كېمەيمىچىلىك سىياسىتى ۋە تەسىر دائىرىسىنى ئاۋستىرالىيەدە كۈچلۈندۈرۈش مەقسىتىدە بۇ كونسولخانىنى ئېچىۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن.

خىتاي كونسولخاسىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىر ئۇيغۇر ئايال قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار بۇ ئۇيغۇر ئايالغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ھەر خىل شوئارلار توۋلىغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر ۋىدىيو تارقالغان بولۇپ، بۇ ۋىدىيودا، مەزكۇر ئايال خىتاي كونسولخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندا نامايىشچىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچىرىغانلىقى، ئۇ ئايالغا قارشى «مۇناپىق»، «خائىن»، «نومۇسسىز» دېگەندەك ۋاقىراشلار بولغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ساقچىلار جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكى نامايەن بولغان.

ۋىدىيو ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلدى. نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ ئايال توغرىسىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر يۈرۈش ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ خالىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئايال بىر خىتاي بىلەن توي قىلىپ ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ كەلگەنلىكى ۋە 2009-يىلى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتايلار تەرىپىدىن ئاۋستىرالىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بورمىلاش ۋە تەتۇر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ جەمئىيىتى» دېگەن جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاش يارى ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ناھايىتى جانلىق ئۆتكەنلىكىنى، خىتاي كونسولخانىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاش يارى ئەپەندى خالىدە ئىسىملىك ئايال توغرىسىدا توختىلىپ، ئادىلايد شەھرىدە خالىدە ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ بارلىقىنى 10 يىلدىن بۇيان ئاڭلىغان بولسىمۇ پەقەت شۇ كۈنى تۈنجى قېتىم ئۇ ئايالنى خىتاي كونسولخانىدىن چىقىۋاتقاندا ئېنىق كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۇ ئايالغا قول سېلىپ قويۇشتىن ساقچىلارنىڭ توسۇپ تەدبىر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاش يارى ئەپەندى، خالىدا ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىغان يوچۈن ئايال ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا داغ كەلتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

نۇرھەممەد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېڭى ئېچىلغان بۇ كونسولخانىسى ئادىلايد رايونىنىڭ ئاھالىللەر ئولتۇراقلاشقان رايونىدىن 5000 كۋادراد مېتىر ئورۇننى سېتىۋېلىپ كونسولخانىنىڭ ئورنى قىلغان ۋە ئۇنىڭغا تۆت ئەتراپنى كۆزىتىش ئۈچۈن چوڭ تىپتا ئۇزاقتىن يۈز تونۇش ۋە كۈزىتىش ئاپاراتىلىرى قويۇلغانلىقىغا دىققەت تارتقان.

نۇرمۇھەممەد ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ ئورۇندا كونسولخانا ئېچىشقا دىپلوماتىيە ۋە قانۇنىي جەھەتتىن روخسەت ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش ئاۋستىرالىيەنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا، گېزىت ۋە تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان.