خىتاي بىلەن رۇسىيە يېڭى مۇستەملىكىچىلەر دەپ قارالماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي رەھبەرلىرى خېلى بۇرۇنلا، خىتاي دۆلىتى تەرەققىي قىلىپ كۈچەيگەن تەقدىردىمۇ دۇنياغا تەھدىت بولمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ كەلگەنىدى. ئەمما شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتۇپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، غەرب مەتبۇئاتلىرى «ئىقتىسادىي تۇزاق» دەپ ئاتىغان بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خىتاينىڭ يوشۇرۇن ئۇسۇلدا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشى بىلەن بىرلىكتە، رۇسىيە ئاشكارا كېڭەيمىچىلىك غەرىزىنى ئاشكارىلاپ، 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كېڭەيمىچىلىك، مۇستەملىكىچىلىك يولى بىلەن «بۈيۈك دۆلەت» غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپلا قالماي، باشقا دۆلەتلەرنى قانداقتۇر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك پىلانى» غا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارا ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

يېقىندا ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» نىڭ ئوبزورچىسى دومىنىك لاۋسون (Dominic Lawson) «خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەقىقىي جاھانگىردۇر» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «غەرب دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە تارىخىنى ئەيىبلەۋەرمەسلىكى كېرەك. يېڭى مۇستەملىكىچىلەر بىز ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن رۇسىيە» دېگەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شەك-شۈبھىسىزكى، خەلقئارا سەھنىدە غەرب دۆلەتلىرى ‹يېڭى مۇستەملىكىچىلەر› دەپ ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى بۇ ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىلىرى خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى. ‹ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئىتتىپاقى›باشلىقلىرى يىغىنىدا، خىتاي رەئىسى شى باشقا دۆلەت ۋەكىللىرىنى ‹مۇستەملىكىچىلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلغانلىقى› بىلەن تەبرىكلىدى؛ ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ ئۇلارغا ئۇكرائىناغا قوزغىغان ئۇرۇشنىڭ ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ ‹يېڭى مۇستەملىكىچىلىك پىلانى ۋە سىياسىتىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس› ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك گەپ، پۇتىن ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇنلا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ‹چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى›دىن قاقشاپ كەلگەن؛ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا مۇستەقىللىق بەرگىنىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن. ئۇ ئۇكرائىنانىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىش نىيىتى بىلەن ھۇجۇم قوزغىدى، بۇ سېپى ئۆزىدىن مۇستەملىكىچىلىكتۇر».

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتايمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي خەلقىنىڭ ‹جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇلاردىن قۇتۇلغانلىقى› نى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىل گومىنداڭنى مەغلۇپ قىلىپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالا-ئالمايلا، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتنى ئىشغال قىلىپ، مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىنى باشلىغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ گەرچە 21-ئەسىردە تۇرسىمۇ، 19-ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلىك ئېڭىدىن ۋاز كەچمىگەن دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە يوللىغان يازمىچە ئىنكاسىدا، ياۋروپانىڭ مۇستەملىكە تارىخىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۈگۈن مۇستەملىكە تارىخىنى قايتىلىشىغا، زوراۋانلىق، كېڭەيمىچىلىك قىلمىشلىرىنى ئاقلىشىغا يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇستەملىكىچىلىك ۋە يېڭى مۇستەملىكىچىلىك دېگەن بۇ سەلبىي مەنىلىك ئاتالغۇلار پەقەت بۈگۈنكى ياۋروپالىقلارغا قارىتىلغاندا ئۇ ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. ئىلگىرىكى كوممۇنىست دۆلەتلەر، رۇسىيە ۋە خىتاي بۈگۈن غەرب دۆلەتلىرى ياكى ياپونىيەنى بۇ ئاتالغۇ بىلەن سۈپەتلىگەندە ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكى ۋە شەخسىيەتچىلىكى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. دەرۋەقە، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىلگىرى يەرلىك خەلققە زوراۋانلىق قىلغان، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن تارىخى بولغان. شۇنداقلا ئۇلار يېڭى ماكانغا كىشىلەر قارشى ئالىدىغان كۆپ خىل مەدەنىيەت، تېخنىكا ۋە تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كىرگەن. ئۇلار مۇستەملىكىچىلىكنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ئۆتمۈشتە سادىر قىلغان جىنايىتىدىن كەچۈرۈم سوراپ، تارىخ دەرسلىكلىرىدە ئۇنى دەرس قىلىپ ئۆتۈۋاتىدۇ. تارىخ بىزنىڭ بۇ خىل جىنايەتنى تونۇشىمىز ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. غەربلىكلەرنىڭ بۈگۈنكى مۇھىم ۋەزىپىسى بولسا ئاتا-بوۋىلىرى ئەسىرلەر ئاۋۋال سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى تەنقىدلەشلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈن سادىر بولۇۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش. شۇڭا بىز دېموكراتىيە دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇ تارىخنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بىزگە قارشى تۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئەسلىدىنلا بىر جاھانگىر دۆلەت، ئۇنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە شىمالدىكى خىتايلار قۇرغان، ئاندىن سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ‹ياۋايى› دەپ ئاتىغان مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ گۇاڭدۇڭ تەرەپتىكى مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلغان ھەمدە ئۇلارنى ‹مەدەنىيلەشتۈرگەن›، يەنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغان. خىتاي كومپارتىيەسى خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، تىبەتنى ھەم شىنجاڭنى ئىشغال قىلغان. مانا بۈگۈن مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ‹قايتا تەربىيە› ئالماقتا. مانا بۇ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئاستىدىكى ‹ھەممە پۇقراغا بىر خىل مەدەنىيەتنى تېڭىش› تىن ئىبارەت مۇستەملىكە سىياسىتىدۇر».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ خىتاينىڭ رۇسىيەگە قارىغاندا جاھانگىرلىك قارا نىيىتى تېخىمۇ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنى قايتا قۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇكرائىنانى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىشىدىكى مەقسىتىمۇ شۇ. بۇ بىر مەيدان ئىمپېرىيالىزم ھەرىكىتىدۇر. رۇسىيە بىر مۇستەملىكىچى دۆلەت. خىتاينىڭ قارا نىيىتى تېخىمۇ كۈچلۈك، شى جىنپىڭ ئۆزىنى دۇنياغا خىتاينىڭ پادىشاھى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا، خىتاي پادىشاھلىرى مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە. بۈگۈنكى خىتاي ئۆزىنى دۇنيانىڭ خوجىسى بولۇشقا لايىق دەپ ئويلايدۇ. 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھەتتا ئاي بىلەن مارسنى خىتاي زېمىنى قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىپ كەلمەكتە، تارىختا شى جىنپىڭدىنمۇ قارا نىيەت ھۆكۈمران كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى مۇستەملىكىچى، خىتاي بولسا ھەقىقىي جاھانگىردۇر».

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئۆتمۈشىدىن ساۋاق ئالغان غەرب دۆلەتلىرى بۈگۈن خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرىغا زەربە بەرمەكتە، ئەمما خىتاي بولسا ئۇلار ئۆتكۈزگەن تارىخىي خاتالىقنى تەكرارلاپ، ئۆزىنى ئاقلىماقتا ئىكەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە رايونى بولغان تىبەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى-يارلۇزاڭبۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى سەنشىيا توسمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، بۇ قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن 1 مىليوندىن كۆپ ئاھالە كۆچۈرۈلىدىكەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تارىخىدىن تا ھازىرغىچە ئۆكۈنۈش ۋە باشقىلاردىن ئەپۇ سوراش ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە باشچىلىقىدىكى يېڭى مۇستەملىكىچىلىككە دىققەت قىلىشى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.