ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىنى ئۇيغۇر يەر-جاي ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشىغا دائىر خەۋەرلەر قاپلىدى

0:00 / 0:00

18-ئىيۇن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بىلەن «ئۇيغۇريار» فوندى بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يەر-جاي ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 19-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ خۇسۇستا كۆپلىگەن خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. 20-ئىيۇندىن باشلاپ ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ خەۋەر، ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەلپ قىلدى.

20-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD ئېلان قىلغان «خىتاي ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ نامىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقتا» ناملىق خەۋەردە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ھازىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن. خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر يېزىلىرى ۋە تۇپراقلىرىنىڭ نامىنى كۆزدىن يوقاتقان ياكى ئۆزگەرتكەن» دېگەن بايانلار يەر ئالغان.

20-ئىيۇن ئاۋسترىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ORF ئېلان قىلغان «خىتاي نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ نامىنى يوقاتتى» ناملىق خەۋەردە، «كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا رەھىمسىزلەرچە زەربە بېرىپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بېيجىڭنى ئۇيغۇرلارنى خورلاش، قىيناش ۋە جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ يېڭى دوكلاتى بېيجىڭنىڭ يۈزلىگەن يېزا ۋە شەھەرلەرنىڭ ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ، دىنىي ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى كۆزدىن يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېيىلگەن.

ئەنگىلىيەنىڭ BBC رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى 20-ئىيۇن ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق: شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن خىتاي، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە» ناملىق خەۋەر ھەمدە 20-ئىيۇن «فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدا: بېيجىڭ بىر قولىدا مىللىي كىملىكنى يوقاتسا، يەنە بىر قولىدا مەشھۇر سەھنە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ساختا تىنچلىق نىقابى بەرپا قىلماقتا» ناملىق خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزلىگەن قەدىمىي يېزىلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى بايان قىلىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلا ئەمەس، تىپىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بىلەن «ئۇيغۇريار» فوندى 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يەر-جاي ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر بۇ دوكلات ب د ت دا 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىۋاتقان ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» لىكى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ ئاز كەم 2 يىللىق مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھەقىقەتەنمۇ كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتى بۇ دوكلاتقا مەركەزلەشكەن.

ئۇيغۇر يەر-جاي ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى غەربتە نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ؟

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر-جاي ناملىرى بىر مىللەتنىڭ ئەسىرلەرگە سوزۇلغان مىللىي كىملىكىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ئىزناسى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-جاي ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنىڭ يارقىن ئىپادىسى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىنىڭ بىر نامايەندىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى چۈشەنگەن غەربلىكلەر بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ بەكرەك دىققىتىنى ئاغدۇرماقتا ئىكەن.

گوللاندىيەدىكى جازا لاگېرلىرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر يەر-جاي ناملىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇشى شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈ خىتاينىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش قارا نىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا بىر تەرەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى سىياسىتىنىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن. فىرانسىيەدىكى جازا لاگېرلىرى شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ ئىپادە قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-جاي ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىشىدىكى سەۋەب، بۇ تېما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۈچۈن تۈزگەن ئىنچىكە پىلانىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن.

ئۇيغۇر يەر-جاي ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشىغا دائىر غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش» كۈرىشى بىلەن 2017-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھەقلىرى، ئىززەت-غۇرۇرى ۋە مەدەنىيىتىگە چېتىلىدىغان ئېغىر ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.