ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىرغىزىستان چېگراسىدىكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 23-يانۋار تاڭ سەھەردە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىدى. خىتاي گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش دائىرىلىرى تەۋرەش كۈچىنى 7.1 بال، ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئورگىنى بولسا تەۋرەش كۈچىنىڭ 7 بال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەزكۇر رايوندا تەۋرەش كۈچى 7.1 بال بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ 1978-يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى ئىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، تەۋرەش كۈچى 7.1 بال بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ 1978-يىلى ھازىرقى تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر شىمالىدا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ 23-يانۋار كەچتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا تەكىتلىشىچە، 23-يانۋار ئەتىگەن سائەت 2 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن تەۋرەشتە، جەمئىي ئۈچ ئادەم ئۆلگەن، 5 ئادەم يارىلانغان.
ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇچتۇرپانغا قوشنا ئاقچى ناھىيەسىدىن ئىكەن.
ئەمما دائىرىلەر بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش كۈچى نىسبەتەن كۈچلۈك، نىسبەتەن كەڭ رايونلارغا تەسىر قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئېغىر ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئورگىنى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئاز كەم 13 كىلومېتىر بولۇپ، يەر تەۋرەش يەنە ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىنىڭ ئاز كەم 29 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدىمۇ يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش نازىرى بولسا يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئۇچتۇرپانغا قاراشلىق يامانسۇ يېزىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
بىز 23-يانۋار ئەتىگەندە يەر تەۋرەش رايونىدىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە قۇرۇشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىز بۇ رايونلارغا ئۇلانمىدى. بۇنىڭغا يەر تەۋرەشنىڭ كاشىلىسى ياكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەرەزلىك كاشىلا قىلىشى سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئۇچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش رايونى بىلەن يېقىندىن ئالاقىدە بولۇۋاتقان تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئامىنە سەدەف خانىمنىڭ 23-يانۋار رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئاپەت ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، يامانسۇ يېزىسىنىڭ يەر تەۋرەشتە قاتتىق ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنماقتىكەن. ئۇ يەنە رايوندىن كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىغا ئائىت سىن كۆرۈنۈشلىرى ئاپەت كۆلىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندىن كۆپ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 20 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە 5 يېزا بار ئىكەن. خەۋەرلەردە، يەر تەۋرەشنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا، ئۈرۈمچى، بىشكېك، ئالمۇتا قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك ھېس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي پۇقراسى 23-يانۋار رادىيومىزغا ئۇچتۇرپاندا يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئائىت سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى يامانسۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئالمۇتاغا قاتتىق تەسىر قىلغان. ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزىچىسى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى 23-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش ئالمۇتادا كۈچلۈك ھېس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا يەر تەۋرەشكە ئائىت ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى تارقىتىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ يەر تەۋرەش ۋاقتىدا، جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىكنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى جىددىي قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىجابىي ئۇچۇرلارنى كەڭ تارقىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەرلىك تاراتقۇلاردا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تور باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالارنى توردا يەر تەۋرەشكە ئائىت ئاتالمىش «ساختا ئۇچۇر» ۋە «ئۆسەك سۆزلەر» نى تارقاتماسلىقنى، تارقاتقۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئۈرۈمچى، بۇرچىن، گۇچۇڭ، شايار قاتارلىق جايلاردىكى ئاتالمىش توردا «ئۆسەك سۆز» تارتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، مەمۇرى جازا بېرىلگەن 6 تىپىك دېلونى ئېلان قىلغان. ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىدىغان، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى يىغىننىڭ ھالقىلىق تېمىسى بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. يىغىنغا خىتاي زور كۆلەملىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن قاتناشقان.
ئۇيغۇر دىيارى ھىمالايا-ئوتتۇرا دېڭىز يەر تەۋرەش بەلۋېغىدا بولۇپ، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بەرسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن، ھېچ بىر ۋاقىت ھازىرقىدەك مەركىزى ھۆكۈمەت، ئاپتونوم رايون ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەڭ سەپەرۋەر بولۇپ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشتەك بۇنداق ئاكتىپچانلىقتا بولۇپ باقمىغان. 2014-يىلى كېرىيەدە يەر تەۋرەش بولغاندىمۇ، ئۇيغۇر ئاۋام خەلقى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە كەڭ قاتناشقان، ئەمما ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇشتا ئانچە ئاكتىپ بولمىغانىدى. ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىسى قەھرىمان غوجەمبەردى ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن يەر تەۋرەشكە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىنىڭ رايوندىكى «قورقۇنچلۇق قىلمىشلىرى» نى ئاقلاش ئۈچۈن قوللانماقتىكەن.
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تەۋرەش كۈچى 7.1 بال بولغان قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى يۇقىرى ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى كېلىپ چىققان بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش نازارىتى 23-يانۋار ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، 49 ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، ئۆينىڭ 1179 بۇزۇلغانلىقى، 225 قوتاننىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، 2 كۆۋرۈكنىڭ بۇزۇلغانلىقى، 12 مىڭ 426 ئادەم كۆچۈرۈلگەنلىكى ۋە 217 چېدىر قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئاقچى ناھىيەسىدە بولۇپ، ئاقچىنىڭ ئۇچتۇرپانغا چېگرىداش قۇلانسېرىق، بەدەل كەنتى ۋە ئاقچى بازىرىنىڭ جالاڭچى كەنتلىرىدىن ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىدا، يامانسۇدا يۈز بەرگەن 1-قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ ئارقىسىدىن نۇرغۇن قېتىم ئەگەشمە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 23-يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 گىچە، ئاقچى ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدە 3 بالدىن يۇقىرى 41 قېتىم ئەگەشمە يەر تەۋرىگەن. ئامېرىكا گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئورگىنى بىر قېتىملىق ئەگەشمە يەر تەۋرەشنىڭ 5.3 بالغا چىققانلىقىنى خاتىرىلىگەن.