2014-يىلىدىكى «28-ئىيۇل يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» سەۋەبى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.08.18
xitay-herbiy-manewir-meshiq.jpg خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى بايىنغولىندىكى ھەربىي مەشىق بازىسىدا مەشىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2016-يىلى 21-يانۋار.
REUTERS

2014-يىلدىكى «28-ئىيۇل يەركەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر بىرقانچە خىل سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن گېرمانىيەدە يالغۇز كىشىلىك نامايىش بىلەن تونۇلغان يەركەنلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇللا ئارىش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى، يەنى رامىزانننىڭ 1-ھەپتىسى يەركەن بازىرى تاشيولىدا يۈز بەرگەن «جامال ھاجىم ئائىلىسىنىڭ ئۆلۈم پاجىئەسى» نىڭ يەركەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئادىل بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلانغان روپاش ئاياللارنى تەكشۈرۈپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ۋە رامىزان ھارپىسىدا مەسچىتتىكى تەراۋىھ نامىزىدىن ئەرلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتقان ئاياللارنىڭ كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر يەركەننىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا روزا ھېيت ھارپىسىدا بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئوت پىلتىسى بولغان ئىكەن.

1. ئېلىشقۇدىكى نارازىلىقنىڭ ئوت پىلتىسى-جامال ھاجىم ئائىلىسىدىكى ئۆلۈم پاجىئەسى

ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ يەركەندە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئابدۇللا ئارىش ئەپەندى 2014-يىلى روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئۆزىنىڭ روزا ھېيتنى يەكەندىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پويىز بىلەن يۇرتى يەركەنگە قايتقان ئىكەن. ئۇ ۋەقەدىن كېيىنكى 2 ھەپتىنى يەركەندە ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇشى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانمىغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنىڭ ھېلىھەم خاتىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ رامزان ھارپىسى، يەنى 28-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچىدىن يەركەنگە كەلگەن پويىزدىن چۈشۈشى بىلەنلا، يەركەن پويىز ئىستانسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى كۆرگەن. ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن دادىسىدىن شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 لاردا ئېلىشقۇ يېزىسىدا باستۇرۇش باشلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

ئۇ ئېلىشقۇ بازىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دەسلەپكى نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان ۋەقەنى، يەنى 6-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى يۈز بەرگەن جامال ھاجىم ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى:

ئەينى چاغدا مارالبىشى-يەركەن تاشيولىنىڭ يەركەن بۆلىكىنىڭ رېمونت ئېشلىرىنى ھۆددىگە ئالغان خىتاي خوجايىن شۇ كۈنى ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ ئېلىشقۇ يېزىسىدىكى سۇ ئامبىرىغا ئوينىغىلى چىققان. قايتىش سەپىرىدە ئۇنىڭ خوتۇنى مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى ئېشەك ھارۋىسىنى سوققان. ئىككى ھارۋىغا خوتۇن-بالىلىرى ئولتۇرغۇزۇپ بازاردىكى سودىلىقتىن قايتقان جامال ھاجى ئائىلىسىدىن ئىككى ئايال، بىر ئوغۇل ئۈچ ئادەم ۋە قورساقتىكى ھامىلە بولۇپ جەمئىي بەش ئادەم قازا قىلغان. نەق مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي خوجايىن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى باغلىۋالغان. ئەمما يەركەننىڭ شۇ چاغدىكى ھاكىمى ئەخەت سايىت نەق مەيدانغا چىقىپ، خەلققە قازا قىلغانلارنىڭ مىيىتىنى دەپنە قىلىۋېتىشىنى، ھۆكىمەتنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي خوجايىن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئېلىپ كەتكەن. كېيىن دائىرىلەر جامال ھاجىم ئائىلىسىدىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئادەم بېشىغا 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي جوجايىن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى قويۇۋەتكەن. ئەمما ئېلىشقۇدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تۆلەم پۇلىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىيىتنى دەپنە قىلىشنى رەت قىلغان. ئەتىسى مېيىت پۇراشقا باشلىغان. بۇ چاغدا ھۆكۈمەت ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نارازىلىق بىلدۈرۈشتە باش بولغانلارنى قولغا ئېلىپ، مىيىتنى مەجبۇرىي دەپنە قىلدۇرغان. جامال ھاجىم ئائىلىسىنىڭ خۇن دەۋاسىدا يەركەن دائىرىلىرىنىڭ خىتاي خوجايىنغا يان بېسىشى جامائەتنى قاتتىق نارازى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بېسىم سەۋەبىدىن جامائەت ئاچچىقىنى ۋاقتىنچە ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما رامازاننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان يېزىلىق چارلاش ئەترىتىنىڭ روپاش ئاياللارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەرىكىتى ۋە رامىزان ھارپىسىدا يۈز بەرگەن تەرەۋى نامىزىدىن يانغان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئوت پىلتىسى بولغان.

2. يېزىلىق چارلاش ئەترىتىنىڭ روپاش ئاياللارنى تەكشۈرۈشى ۋە تەرەۋى نامىزىدىن يانغان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى

ئابدۇللا ئەپەندى يەنە 2014-يىلى روزا ھېيت مەزگىلىدە يەركەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ساقچى ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان تونۇشلاردىن يېزىلىق چارلاش ئەترىتىنىڭ روپاش ئاياللارنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ۋە زامازانلىق تەرەۋى نامىزىدىن يانغان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاڭلىغان. ئۇ بۇ ۋەقەلەرنىڭ يەركەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا جامائەتنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىنىڭ تۈگمەن بېشى، تىرەكلەڭگەر، نوچى قاتارلىق كەنتلىرىدىكى جامائەت نوچى يېزىسىدىكى مەسچىتتە راماانلىق تەرەۋى نامىزى ئوقۇغان. نامازدىن كېيىن ئەرلىرى بىلەن بىرلىكتە مەسچىتتىن قايتقان ئاياللار يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ چارلاش ئەترىتى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. ئۇلار روپاش ئاياللارنى تەكشۈرۈش باھانىسىدە تۇتقۇن قىلغان. بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يېزىلىق ساقچىخانىغا بارغاندا رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. نەتىجىدە غەزەپلەنگەن جامائەت شۇ كېچىسى دېھقانچىلىق سايمانلىرى بىلەن يېزىلىق ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان. توقۇنۇشتا بىر قىسىم ساقچىلار ۋە كادىرلار ئۆلگەن. شۇ كېچىسى ساقچىخانا جامائەت تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئاياللار قۇتقۇزىۋىلىنغان. ئەتىسى ئەتىگەنلىك بامدات نامىزىدا بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان يەركەنننىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدىكى جامائەت ئېلىشقۇ يېزا نوچى كەنت مەسچىتىنىڭ 35 ياشلىق ئىمامى نۇرمۇھەممەد مامۇت قارىمىنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلىپ، مارالبىشى-يەركەن تاشيولىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرى ئېغىزىدىكى بۆلىكىنى توسۇۋالغان. شۇ كۈنى خەلقنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن بىر مەيدان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى باشلانغان. جامائەت يەنە ۋەقەنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەلگەن يەركەن بازارلىق ھۆكۈمەت باشلىقى قاتارلىق بىر قانچە نەپەر خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، گۆرۆگە ئېلىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ۋەقەنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن قوراللىق ساقچىلار بىلەن بىرقانچە كۈن تىركەشكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.