خىتاينىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېشىل ھىدروگېن» بازىسىغا ئايلىنىش چۈشىمۇ ئۇيغۇر رايونىغا باغلاندى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.08.19
Kucha-Yeshil-Hidrogen-Ayrish-Zawuti كۇچادا قۇرۇلىۋاتقان يېشىل ھىدروگېن ئايرىش زاۋۇتى. 2022-يىلى ئاۋغۇست، كۇچا.
Photo: ts.cn

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، خىتاي ئاھالىسى  ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردا شىددەت بىلەن كۆپەيتىلىشكە باشلىغان كۇچا ناھىيەسىدە «شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» دەپ ئاتالغان قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا.  خىتاي مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

«خىتاي نېفىت –خىمىيە شىركىتى» باشچىلىقىدا قۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئېلېكتىرولىز  ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 20 مىڭ توننا بولۇپ، بۇ تۈردە 3 -ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان، 10 -ئاينىڭ 30- كۈنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان.

بۇ قۇرۇلۇش يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئېلېكتر ئىستانسىسى، سۇنى ئېلېكترولىزلاپ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، 210 مىڭ كۇب مېتىر ھىدروگېن ساقلاش شارسىمان باكى، سائىتىگە 28 مىڭ كۇب مېتىر ئۆلچەملىك ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھىدروگېن يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 يېشىل ھىدروگېن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن سۇنى پارچىلاش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ھىدروگېننى كۆرسىتىدۇ. يېشىل ھىدروگېن پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ قاتناش، مېتاللۇرگىيە، خىمىيەلىك سانائىتى ۋە باشقا ساھەلەردە قوللىنىشچانلىقى كەڭ ئىكەن.

خىتاي تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، كۇچا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان يېشىل ھىدروگېن تۈر قۇرۇلۇشى يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرى دېيىلمەكتە.

خىتاي مەركىزى تېلېۋېزىيەسىنىڭ 14- ئاۋغۇست ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى قانىلىدا تارقىتىشىچە، كۇچادىكى يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش تۈر قۇرۇلۇش ئورنىدا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 9500 مودىن ئاشىدۇ، بۇ 900 دىن ئارتۇق پۇتبول مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىغا باراۋەر. بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى نۆۋەتتە ئاساسلىق تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش سۇ پومپىسى ئۆيى سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇل قۇرۇلۇشى تاماملانغانىكەن.

كۇچادا قۇرۇلىۋاتقان يېشىل ھىروگېن زاۋۇتىنىڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلىشى. 2022-يىلى ئاۋغۇست، كۇچا.
كۇچادا قۇرۇلىۋاتقان يېشىل ھىروگېن زاۋۇتىنىڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلىشى. 2022-يىلى ئاۋغۇست، كۇچا.
Photo: ts.cn

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەردە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى  قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق بارلىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ ھىدروگېن ھاسىل قىلىدىكەن. ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى يىلىغا 20 مىڭ توننا بولۇپ،  بۇ ھازىر دۇنيادا قۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ چوڭ يېشىل ھىدروگېن تۈرى ئىكەن.  

خىتاينىڭ بۇ تۈر قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، يېشىل توك ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ھىدروگېن ئىشقارلىق سۇ ئېلېكتىرولىز ئارقىلىق ئېرىشىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان ھىدروگېننىڭ ھەممىسى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىش تۈرىگە يېقىن« تارىم» نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

Sinopec ، يەنى خىتاي  نېفىت –خىمىيە شىركىتى « تارىم نېفىت ئايرىش ۋە خىمىيە شىركىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ساۋ جيې خىتاي  مەركىزى تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ فوتوۋولت بايلىقىغا باي، شۇڭا بۇ يەردىكى ھىدروگېننىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سۇنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىرولىزنىڭ تەننەرخى ھەر كىلوگرامى 18 يۈەن ئەتراپىدا».

بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لىڭ يىچۈن: «بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە، پۈتكۈل نېفىت خىمىيە سانائىتى كەلگۈسىدە يېشىل ئېلېكتر ئارقىلىق يېشىل ھىدروگېننىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، كەلگۈسى كەسىپ كۆلىمى كەم دېگەندە 100 مىليارد بولىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە يېڭى ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىش ۋە سۇ ئېلېكتىرولىز تېخنىكىسىنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن، ئېنېرگىيە تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربىي رايوندىكى ئېشىنچا يېڭى ئېنېرگىيەنى ھىدروگېنغا ئايلاندۇرۇپ، ھازىرقى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلارغا ئەۋەتكىلى بولىدۇ.

  يېقىنقى خەۋەرلەردىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ بېرىۋاتقانلىقى،  تەبىئىي گاز، نېفىت، كۆمۈر ۋە ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. مانا ئەمدى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە دۇنيا بويىچە  ئەڭ چوڭ « يېشىل ئېنېرگىيە» بازىسى قۇرۇشقا كىرىشكەن. خىتاينىڭ مەزكۇر « يېشىل ئېنېرگىيە پىلانى» ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردە بەلگىلىك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان. 

  ئامېرىكا  مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  مۇھىت مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ستەنلىي توپىس (Stanly Toops) بۇ خەۋەرنىڭ ئەسلىدىنلا سۇ مەنبەسى كەمچىللىكى ئېغىرلاۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«گەرچە، مەن خىتاينىڭ كۇچادا قۇرغان بۇ كەك كۆلەملىك ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى ھەمدە ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ ئۇ جاينىڭ مۇھىتىغا قانداق يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمىسەممۇ، لېكىن. بىلگىنىمىزدەك، بۇ يەردىكى يېشىل ھىدروگېن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە  سۇنى پارچىلاش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ھىدروگېننى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ مېنى ئەندىشىلەندۈرىدۇ. ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشتا كۇچادىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى بولغان تارىم دەرياسى ۋە بارلىق يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر بۇ سۇلار مۇشۇنداق ئىشلىتىپ قۇرۇتۇلسا قايتا پەيدا بولمايدۇ. پۈتۈن رايون ئېغىر قۇرغاقچىلىققا يۈزلىنىدۇ».

پروفېسسور ستەنلىي توپىس (Stanly Toops) ؛« سىزنىڭچە خىتاينىڭ يەنە نېمە ئۈچۈن سۇ مەنبەسى چەكلىك بولغان ئۇيغۇر رايونىدا بۇ قۇرۇلۇشنى قىلىشنى تاللىشىدىكى مەقسەت نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: « خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بەزى ئۆلكىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ ھەممىلا يېرىدە سۇ قىس. خىتاينىڭ بۇ ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشىنى كۇچاغا قۇرۇشىغا كەلسەك، خۇددى ئامېرىكا مۇشۇنىڭدەك ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى نېۋادا شتاتىغا ئوخشاش قۇرغاق ۋە ئادەم شالاڭ جاينى تاللاپ قۇرغاندەك، خىتايمۇ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا نوپۇس شالاڭ ئۇيغۇر رايونىنى تاللىغان. ئۇنىڭ بۇ قۇرۇلۇشى تەسىر كۆرسىتىدىغان دائىرىنىڭ نەچچە يۈز مىليون ئادەمگە ئەمەس نەچچە مىليون ئادەم بىلەن چەكلىنىدىغان رايوننى تاللايدۇ. ھىدروگېن بۇ بىر يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى، ئۇنىڭ ئاپتوموبىللارغا كەڭ تۈردە قوللىنىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەمما ھەممىمىز بىلىمىزكى، خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشى ھېچقاچان يەرلىككە پايدا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس، خۇددى بۇ يەردىن چىققان باشقا بايلىقلارغا ئوخشاش. ئەكسىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يەرلىككە ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».

مېرىكس (MERICS) دەپ ئاتىلىدىغان، خىتاينىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ھەمدە ئېكولوگىيەلىك تەرەققىياتىنى تەتقىقات قىلىدىغان گېرمانىيە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ  28- ئىيۇن ئېلان قىلغان ئانالىز ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەسىنىڭ قاتناش ساھەسىدە قوللىنىلىشى، يۇقىرى قۇۋۋەت ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك يول يۈرۈشتە ئەڭ يۇقىرى ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

خىتاي نۆۋەتتە يېشىل ھىدروگېن سانائىتى ئۈچۈن بازار يارىتىش ۋە ھىدروگېن تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاتلانماقتا. ئۇ، كەلگۈسى ئون يىلدا يېشىل ھىدروگېن سانائىتىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشكە تەييارلانغان.

خىتاي« سىنا »تورىنىڭ يېزىشىچە، «شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» مول بايلىق، يېشىل ۋە تۆۋەن كاربون، كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش ۋە تېخنىكىلىق بۆسۈشتىن ئىبارەت تۆت ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ تۈر يېشىل ھىدروگېن پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە خىمىيەلىك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى يارىتىدۇ، ھەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە خىمىيەلىك كارخانىلارنىڭ يېشىل ھىدروگېننى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

خىتاي «يەرشارى سىياسىتى» تورىنىڭ 19- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن دۆلەتلىك ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە «ھىدروگېن ئېنېرگىيە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى» (2021-2035) نى ئېلان قىلغان. ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، خىتاي يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ئىكەن.

 ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنيازنىڭ «كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان مۇقىملىق ئىستراتېگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئۇ مۇنداق دېگەن: «Sinopec سىنوپېك ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇشنى كۆپەيتىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ شىنجاڭ كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ».

 خىتاينىڭ  ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا باغلىنىشى توغرىلىق ئانالىز يۈرگۈزگەن كانادادىكى ئانالىزچىلاردىن مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان قۇياش تاختىلىرى ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ كۇچاغا قۇرغان ھىدروگېن زاۋۇتى، ئەمەلىيەتتە خىتاي كۈتكەننىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىشى مۇمكىن.

مەمەت توختى بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى تەكىتلەپ:« ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى دۇنيا مىقياسىدا ئوخشىمىغان تەدبىرلەر ئېلىنىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ يەنە داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ  تەقدىرىگە باغلانغان  يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە دۇنياغا خوجا بولۇش ئىستراتېگىيەسى ئىشقا ئاشمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان»، دېدى.

 ئۇ،   مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ خۇددى باشقا كۆپلىگەن ساھەلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ھوقۇقلىرى مەسىلىلىرىگە  باغلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيانى خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش يېشىل ئېنېرگىيەسىگە قارىغۇلارچە مەبلەغ سالماسلىق، قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىك، قارىغۇلارچە سېتىۋالماسلىققا چاقىرىق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.